ئالەم

NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا تۇنجى قەدەمنى باستى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى NASA يەنە «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ بىر قىسىم ئەڭ يېڭى ئەھۋاللىرىنى ئېلان قىلدى.

2021- يىلى 3- ئاينىڭ 4- كۈنى «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى تۇنجى قەدەمنى بېسىپ، مارستىكى تۇنجى خىزمىتىنى باشلىدى، ھالىتى ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا ھاسىل قىلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئابىدە.

NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا تۇنجى قەدەمنى باستى

NASA رېئاكتىپ ئىلگىرىلىتىش تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىرادە ناملىق ھەرىكەتچان تەجرىبە سۇپىسىنىڭ ئىنژېنېرى ئاناس زارىفىيان (Anais Zarifian) مۇنداق دېدى: «تاشقى پىلانېتاغا بارىدىغان چاقلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇنجى قەدەمنى ئالالىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. «ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى تۇنجى قېتىم مارستا چاقىنى ئايلاندۇردى، ئۇنىڭ ئالتە چاقنى قوزغىتىش ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. بىز ھازىر ئىرادە ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ قوزغىتىش سىستېمىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىگە، كەلگۈسى ئىككى يىلدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ».

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تەكشۈرۈش ماشىنىسى تاشقى پىلانېتالاردا ماڭغاندا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشى، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىشى كېرەك، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە ماڭغاندا تېخىمۇ شۇنداق.

ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ تۇنجى قېتىم يۈرۈشىگە تەخمىنەن 33 مىنۇت كەتتى، لېكىن ئومۇمىي مۇساپىسى ئاران 6.5 مېتىر بولۇپ، ئالدىغا تۆت مېتىر مېڭىپ، ئاندىن سولغا 150 گىرادۇس بۇرۇلۇپ، كەينىگە 2.5 مېتىر يېنىپ، يېڭى ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا كىردى. «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى ئىلمىي تەكشۈرۈشنى رەسمىي باشلىغان ھامان قەرەللىك ھالدا 200 مېتىر يول يۈرىدۇ.

NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا تۇنجى قەدەمنى باستى

NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا تۇنجى قەدەمنى باستى

NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا تۇنجى قەدەمنى باستى

NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا تۇنجى قەدەمنى باستى

بۇ قېتىم يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى چاقىنى ئوڭ-سولغا بۇراپ، «پۇت سېزىمى»نى سىناپ باقتى.

NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا تۇنجى قەدەمنى باستى

«ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى تۇنجى قېتىم مېڭىشتىن باشقا، يېقىندا مارستا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى.

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان 8- مارس كۈنى، يەر يۈزى خىزمەتچى خادىملىرى «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىدا بىر قېتىملىق يۇمشاق دېتال يېڭىلاشنى تاماملاپ، قونۇش پىروگراممىسىنى تەكشۈرۈش تەرتىپىگە يېڭىلىدى.

كېيىنكى نەچچە كۈندە ئىرادە ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارسنىڭ يەر ئاستى تەجرىبە رادارىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئەسۋابى (RIMFAX) ۋە مارسنىڭ ئوكسىگېن گازىنىڭ ئەسلىي ئورنىدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ تەجرىبە ئەسۋابى (MOXIE)نى تەكشۈردى ھەمدە مارسنىڭ مۇھىت دىنامىكىسى ئانالىز ئەسۋابى (MEDA) نىڭ ئىككى شامال ئىندۇكتورىنى ئورۇنلاشتۇردى.

NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا تۇنجى قەدەمنى باستى

2021- يىلى 3- ئاينىڭ 2- كۈنى «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم ئابىدە ـــ تۇنجى قېتىم ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر كېلىدىغان مېخانىك بىلەكنى يېشىپ، ئىككى سائەت ئىچىدە ئۇنىڭ بەش بوغۇمىنى ھەرىكەتلەندۈردى. بۇ ماشىنا بىلەك «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ جېزېرو مېتېئورىت ئازگىلىنىڭ گىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلېكىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسلىق قورالى بولۇپ، ئالىملار قىزىقىدىغان بەزى جايلارنى بۇرغىلاپ تەكشۈرىدۇ ۋە ئەۋرىشكە ئالىدۇ.

NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا تۇنجى قەدەمنى باستى

بۇنىڭدىن باشقا، «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى توختىماي نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتىپ، ھازىرغا قەدەر جەمئىي 7749 پارچە سۈرەت يەر شارىغا يەتكۈزۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سان ئۈزلۈكسىز تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا.

NASA نىڭ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارستا تۇنجى قەدەمنى باستى

«ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى يەنە ھەر قايسى چوڭ ئىلىم–پەن ئەسۋاپلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، تەڭشەپ، تېخىمۇ ئۇزۇن يول يۈرۈش سىنىقى قىلىدۇ ھەمدە بەزى قونۇش مۇداپىئە قاپقىقىنى تاشلىۋېتىدۇ. «زېرەك» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ مارستا ئۇچۇش سىنىقى تۈرىمۇ «ئىرادە» ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى تەڭشەش مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى