تەبىئەت

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدى

مۈشۈك پۈتۈن دۇنيادا بىر قەدەر كەڭ تارقالغان ئەرمەك ھايۋان. ئۆي مۈشۈكىنىڭ ئەجدادى ھەققىدىكى پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا، قەدىمكى مىسىرنىڭ قۇملۇق مۈشۈكى، پارىسنىڭ پارس مۈشۈكى ئىنسانلار تەرىپىدىن 3500 يىل كۆندۈرۈلگەن (ئەمما ئىتتەك تولۇق كۆندۈرۈلمىگەن).

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدى

نۆۋەتتە، پۈتۈن يەر شارىدا جەمئىي 600 مىليون ئەتىراپىدا ئەرمەك مۈشۈك بار بولۇپ، تىرانسپورت سودىسى ۋە ئىنسانلارنىڭ باقماي قالايمىقان تاشلىۋېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئەرمەك مۈشۈك سەرگەردان مۈشۈككە ئايلىنىپ، تەبىئىي مۇھىتتا ياۋايىلىشىپ ياۋا مۈشۈككە ئايلىنىپ پۈتۈن يەر شارىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، «دۇنيادىكى 100 چوڭ سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچى تۈر»گە كىرگۈزۈلگەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادەم بىلەن مۈشۈكنىڭ زىددىيىتى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى.

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدىياۋا مۈشۈك پۈتۈن يەر شارىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى

يېتىلگەن ئۆي مۈشۈكىنىڭ ئوتتۇرىچە تەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 46 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى كۆپىنچە 4~5 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. مۈشۈك ئائىلىسىدە، ئۆي مۈشۈكىنىڭ جۇغى ئانچە چوڭ ئەمەس، لېكىن ئوۋ ئوۋلاش تېخنىكىسى ئىنتايىن يۇقىرى. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە مۈشۈكنىڭ ئاڭلاش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، تېتىش سېزىمى، تېگىش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، ئۆي مۈشۈكى ئىنسانلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ ياۋايىلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ياۋايى ھايۋانلار تۇنجى تۈركۈمدە ئۇلارنىڭ «كۆز تىككەن» ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. مۈشۈكنىڭ ئوزۇقلۇق دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئىتالىيەلىك تەتقىقاتچىلار 145 مۈشۈكنىڭ ئوۋ ئوۋلاش ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، نەتىجىدە مۈشۈك تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن 2042 ھايۋان ئىچىدە 207 خىل ھايۋان تۈرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قۇشلار ۋە غاجىلىغۇچى ھايۋانلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا، يىلان، تاشپاقا، يىڭناغۇچ قاتارلىق ئالاھىدە تۈرلەرمۇ مۈشۈكنىڭ ئوزۇقلۇق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان.

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدىئۇلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ياپونىيەنىڭ خاخاجىما ئارىلى (توكيودىكى ئوگاساۋارازى ئاراللىرىغا تەۋە)دا ياۋا مۈشۈك ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا كەڭ تۈردە پەيدا بولغان. ماككورى ئارىلى (ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ ئارىلى)دا مۈشۈك ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ياشايدۇ، بۇنىڭدىن مۈشۈكنىڭ قىيىن يەر شەكلىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، مۈشۈك كۆپىيىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك ھايۋان بولۇپ، يېتىلگەن چىشى مۈشۈك ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچتىن بەشكىچە ئاسلانلايدۇ، بىر ئانا مۈشۈك ئۈچ يىلدا 40 تىن ئارتۇق ئاسلانلايدۇ، بۇ بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىك ئۇلارنى ھەرقانداق مۇھىتتا تېز سۈرئەتتە ئېكولوگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ.

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدى

ئەڭ تىپىك مىسال شۇكى، مۈشۈك سىرتتىن كەلگەن تۈر سۈپىتىدە دېڭىزچىلار تەرىپىدىن ئاۋسترالىيەگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، يۈز يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ئاۋسترالىيەنىڭ ئورمان، يايلاق، سۇلۇق يەر قاتارلىق كۆپ خىل ياشاش مۇھىتىغا تولۇق ماسلاشقان، مۈشۈكنىڭ شۇ جايدا كۈشەندىسى بولمىغاچقا، سانى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، ئىككى مىليوندىن ئالتە مىليونغىچە كۆپەيگەن، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شۇ جاينىڭ يەرلىك تۈرلىرىنى تېز سۈرئەتتە ئازايتقان.

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدى

 

ئۇلار شۇ جايدىكى كىچىك خالتىلىق ھايۋانلار ۋە قۇشلارغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان، يېتىلگەن ياۋا مۈشۈك بەش كىلوگىرام ئەتراپىدىكى چوڭ كەسلەنچۈكنى ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، ھەتتا 30 نەچچە كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى كېنگۇرۇنى تۇتالايدۇ.

«جانلىقلار دىيالوگى» ژۇرنىلىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئاۋسترالىيەدىكى ھەر بىر ياۋا مۈشۈك ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاز دېگەندە بەش كىچىك ھايۋاننى ئوۋلىغان، ھەر كۈنى بىر مىليوندىن ئارتۇق يەرلىك قۇش، بىر مىليون 700 مىڭ يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان ياۋا مۈشۈكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭدىن سىرت ئاۋسترالىيەدىكى ياۋا مۈشۈك ھەر يىلى تەخمىنەن 316 مىليون قۇشنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن.

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدى

چەت، يىراق رايون ۋە ئاراللاردا ياۋا مۈشۈك ھەر يىلى ئۆلتۈرىدىغان قۇش تۈرىنىڭ سانى ھەر كىۋادرات كىلومېتىردا 330غا يېتىدۇ، ئاۋسترالىيەدىكى قۇشلار تۈرىنىڭ يېرىمى ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تىزىملىكىدە بولۇپ، 71 خىل يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، چىپار بۆدۈنە تۇردۇس قۇشى، پاكار تاش پاختەك ۋە تۈن شاتۇتى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ياۋا مۈشۈك 20 نەچچە خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋاننىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئامېرىكىدا جەمئىي 95 مىليون ئەرمەك مۈشۈك بار بولۇپ، ياۋا مۈشۈك ۋە سەرگەردان مۈشۈكنىڭ سانىنى ئىستاستىكا قىلىش تەس، «تەبىئەت. ئالاقە» ناملىق بىر پارچە ئىلمىي ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ھەر يىلى 14مىليوندىن 37 مىليون دانىغىچە بولغان قۇش تۈرى ۋە 69مىليوندىن ئىككى مىليارد 700 مىليون دانىغىچە بولغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان مۈشۈكنىڭ تىرنىقى ئاستىدا ئۆلگەن. كانادادا ھەر يىلى مۈشۈك تۇتۇپ يەيدىغان ياۋايى قۇشلارنىڭ سانى 200 مىليوندىن ئاشقان، پولشادا ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ 136 مىليون قۇش ۋە 580 مىليون سۈت ئەمگۈچى ھايۋاننى مۈشۈك تۇتۇپ يېگەن.

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدى

ئالىملارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارىدا 63 خىل تۈرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشى ياۋا مۈشۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، مۈشۈك ئۆزى ئېلىپ يۈرگەن پارازىت قۇرت ۋە ۋىرۇسلاردىن باشقا جانلىقلار (مەسىلەن، ئىنسانلار)غا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. مۈشۈك ياسىمان قۇرتنىڭ ئاخىرقى پارازىت ئىگىسى بولۇپ، ئۇلار چوڭ تەرەت قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياسىمان قۇرتنى تارقىتىپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سالىدۇ. ياسىمان قۇرت ھۈجەيرە ئىچىدە پارازىتلىنىپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يېتىپ بېرىپ، چوڭ مېڭە، يۈرەك، كۆز تېگىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ.

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدى

ئادەم بىلەن مۈشۈك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ توغرىسىدا تەدبىر قوللاندى.

ئۇزۇندىن بۇيان، ئالىملار ياۋا مۈشۈك بىلەن سىرتتا ياشايدىغان مۈشۈكنى يەر شارى ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئادەم بىلەن مۈشۈك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۈزۈكسىز كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئوماۋيى (Omaui) كەنتى چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىپ، مۈشۈك باققۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەرمەك ھايۋانلىرىنى تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشى ھەمدە مۈشۈكنىڭ بەدىنىگە ئۆزەك ئورنىتىپ يەرلىك ھۆكۈمەتكە تىزىملىتىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى. ئۇلارنىڭ ئەرمەك مۈشۈكى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، باشقا مۈشۈك بېقىشقا بولمايدۇ.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئىككى مىليون دانە سەرگەردان مۈشۈكنى ئۆلتۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن مۈشۈكتىن مۇداپىيەلىنىش رېشاتكىسى ياساپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغدىغان. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاۋسترالىيە بۇ مەيدان «ئادەم ۋە مۈشۈك ئۇرۇشى»دا ياۋا مۈشۈكلەرگە قاتتىق «ئۇتتۇرۇپ قويغان»، ئاۋسترالىيە ھازىر ئاران 210 مىڭ ياۋا مۈشۈكنى ئوۋلىغان بولۇپ، ياۋا مۈشۈكلەرنى يوقىتىش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە بولۇپ قالغان.

بىر تەرەپتىن، بارغانسېرى كۆپلىگەن سەرگەردان مۈشۈكلەر دالا مۇھىتىغا تەدرىجىي ماسلىشىپ، ياۋا مۈشۈكلەرنىڭ «زاپاس قوشۇنى» بولۇپ قالغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋا مۈشۈكنىڭ كۆپىيىش ۋە كۈچلۈك ياشاش ئىقتىدارىمۇ بۇ «ياۋا مۈشۈكنى تازىلاش پىلانى»غا ئىنتايىن زور توسقۇنلۇق قىلغان.

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدى

بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيا ھايۋانات قوغداش تەشكىلاتى ۋە مۈشۈك سۆيگۈچىلەرمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆلتۈرۈش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى، 160 مىڭ ئادەم مۈشۈكنى قۇتقۇزۇش مۇراجىئەتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياۋا مۈشۈكنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش پىلانىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

بىر تەرەپتە مۈشۈك، يەنە بىر تەرەپتە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان يەرلىك جانلىق بولۇپ، ئەگەر مۈشۈك يوقىتىلمىسا، تېخىمۇ كۆپ جانلىقلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىدۇ.

ئامېرىكىدا، مۈشۈكنى ياخشى كۆرىدىغان زاتلار بىلەن ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش توپى ئۇزۇن يىل بەس-مۇنازىرە ئېلىپ باردى. مۈشۈكنى ياخشى كۆرىدىغان زاتلار سەرگەردان مۈشۈكنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى تۇتۇپ تۇغۇت چەكلەش ئوپراتسىيەسىنى قىلدۇرۇپ، ئاندىن ئۇلارنى تەبىئەتكە قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. بىيولوگىيە ئالىملىرى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، سەرگەردان مۈشۈكلەرنىڭ سانىنى كونترول قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدى

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مۈشۈك ئاپىتى پۈتۈن يەر شارىدىكى باش ئاغرىتىدىغان قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى.

خەلقئارادا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سەرگەردان ھايۋانلارنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسلىق تەدبىرلەر بولسا يىغىۋېلىش، ئوۋلاپ ئۆلتۈرۈش ياكى ئازابسىز ئۆلتۈرۈش ھەمدە TNR تەدبىرلىرىدىن تەركىب تاپقان. TNR بولسا تۇتۇش، تۇغۇت چەكلەش ئوپراتسىيەسىنى قىلدۇرۇش، تەبىئەتكە قويۇپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى سەرگەردان مۈشۈكنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن تۇغماس قىلىپ، ئالاھىدە بەلگە ياساپ (ئادەتتە مۈشۈكنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ «قۇلاق بەلگىسى» قىلىدۇ)، ئەڭ ئاخىرىدا تەبىئەتكە قويۇپ بېرىدۇ. بۇخىل ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ غايەت زور ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

ياۋا مۈشۈكلەر ئاپەت بولدى

ئەمەلىيەتتە، ياۋا مۈشۈكمۇ پەقەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئويلايدۇ، ياۋا مۈشۈكلەرنىڭ كۆپلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ئەرمەك مۈشۈكلىرىنى باقماي تاشلىۋەتكەنلىكىدە بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل يەنىلا ئاھالىلەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئەرمەك مۈشۈكلەرنى باقماي تاشلىۋېتىش ۋە دالىدا بېقىش ھادىسىلىرىنى ئازايتىش، سەرگەردان مۈشۈكلەرنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كېلىش بولۇپ، بۇ تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، شۇنداقلا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى