«ئوكيان ئاتلاپ» ئەنگىلىيەگە تاجاۋۇز قىلغان ئاپەتلىك چۇسا
سەككىزىنچى قېتىملىق «دۇنيا ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر كۈنى»نىڭ يېتىپ كېلىشى بىزگە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدۇ، ئەگەر ئىنسانلار ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ياخشى قوغدىسا، ئۇنداقتا بۇ بىزنىڭ ياشاش رايونىمىزغىمۇ زور ياردىمى بولىدۇ. 8-قېتىملىق «دۇنيا ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر كۈنى» يېتىپ كەلگەن پەيتتە، بىزمۇ ئېلىمىزنىڭ ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە ئىگىلىدۇق.
ئېلىمىز پۈتۈن يەر شارىدىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئىنتايىن مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارلا 7300 خىلغا يېتىدۇ، چوڭ مۈشۈكئېيىق، جەنۇبىي جۇڭگو يولۋىسى، سېرىق ياللىق مايمۇن، قىزىل ئىبىس قاتارلىق نۇرغۇن قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلار دۆلىتىمىزدىلا بار. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىز قوغداش رايونىنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ساقلىماقتا. بىراق، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زور كۆلەمدە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىزمۇ تېخىمۇ كۆپ بىيولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلىققا دائىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، ئەڭ ئاخىرىدا يەرلىك ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ تۈر توپىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇڭا ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشتا، بىيولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلىقنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
تۆۋەندە بىز بىيولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلىق توغرىسىدىكى بىر مىسال ئارقىلىق بىيولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى چۈشەندۈرىمىز ياكى بىيولوگىيەلىك مۇھىت جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن قانداق كىرىزىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، بىيولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلىقنىڭ دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە ئاسىيادىكى جانلىقلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىش ئەھۋالىنى سۆزلەيمىز.
ئاسىيا چۇسىسى ئامېرىكىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ 23 يىل بولغاندا « ئوكيان ئاتلاپ» ئەنگلىيەگە كىرگەن
NIAB EMRدىن كەلگەن ئالىملارنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئېسېكس (Essex)نىڭ رىئايخام مارشېس (Rainham Marshes) تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قولغا چۈشۈرگەن ئۇچۇردىن بايقىلىشىچە، بىر خىل ئاسىيا چۇسىسى (亚洲臭虫) ئەنگلىيەدە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل چۇسىنىڭ ئىپتىدائىي ياشاش رايونى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا ئىكەن. لېكىن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار پۈتۈن دۇنياغا تارقالماقتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئىزىنى بايقىغان ھەمدە چۇسىنىڭ تۈر توپى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل جانلىقلارنىڭ ئامېرىكىدا « ئولتۇراقلىشىش» تارىخىغا ئىگە ئىكەنلىكى بايقالغان، شۇڭا بۇ خىل جانلىقلار باغۋەنچىلىك ياكى ئائىلىدە ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش ئارقىلىق « ئوكيان ئاتلاپ» ئەنگلىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن بولۇشى مۇمكىن.
خاتىرىدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، 1998-يىلى ئاسىيا چۇسىسى ئامېرىكىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، 2021- يىلىغا كەلگەندە ئاللىقاچان 23 يىل بولغان، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، لېكىن كشىىلەر ئۇنى ھازىرغىچە يوقىتالمىغان ھەمدە ئۇنىڭ تۈر توپى يەنىلا كېڭەيگەن. بۇ خىل چۇسىنىڭ بۇ ئەنگلىيەدە تۇنجى قېتىم بايقىلىشى، يەنى ئەنگلىيەدە 2021-يىلى تۇنجى قېتىم «ئاسىيا چۇسىسى» بايقالغان، چۇسىلار تېزلا تەبىئىي رايونلارغا تارقالغان.
گەرچە ئۆتكەن ئون يىلدا، ئەنگلىيە كۆپ قېتىم پورتلاردا ئاسىيانىڭ چۇسا قۇرتىنىڭ ئەنگلىيەگە ئېلىپ كىرىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئەمما 2021-يىلى تەبىئەت دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئاياغ ئىزىنى بايقىغان، بۇ ئۇنىڭ «ئوكيان ھالقىپ» ئەنگلىيەگە كىرىپ، تۈر توپىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ بىر مەيدان جانلىقلار تاجاۋۇزى، بىر مەيدان غايەت زور ئېكولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئاسىيا چۇسىسىنىڭ« ئوكيان ھالقىپ» ئەنگلىيەگە كىرىشىنى، بىر قېتىملىق ئاپەتكە تەييارلىق قىلىش دەيمىز؟
ھاشاراتشۇناس گپوۋېل (GPowell)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بۇ جانلىقنىڭ ئەنگلىيەدە پەيدا بولۇشى ھەقىقەتەن زىيانلىق، بۇ يىل ياز ياكى كەلگۈسىدە، ئاسىيا چۇسىسى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە كېڭىيىش ئۈچۈن ھەمراھ ۋە يېمەكلىك ئۆسۈملۈكلىرىنى تېپىپ پۈتۈن تۈر توپىنى كۆپەيتىدۇ». بۈگۈنكى كۈندە ئالىملار ئاسىيا چۇسىسىنىڭ ئاساسلىق كۆپىيىش ئورنىنى ئىزدەپ ئۇنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن ھازىر ئۇ كەڭ كۆلەمدە كۆپىيىۋاتىدۇ، مۇشۇ سۈرئەتتە كۆپەيسە ھامان بىر كۈنى ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. كېڭىيىش جەريانىدا، ئاسىيا چۇسىسى ئەنگلىيەنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1998-يىلى ئاسىيا چۇسىسى ئامېرىكىغا كىرگەندىن كېيىن 2010-يىلىغىچە 12 يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئالما مەھسۇلاتىغا زور زىيان سالغان، ئىقتىسادىي زىيان 37 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. شۇڭا ئاسىيا چۇسىسىنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشى بىر قېتىملىق ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى چۇسا ئاساسەن ئالما مېۋىسىنى يېتىلىش باسقۇچىدا ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
ئالما ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئاسىيا چۇسىسى شۆلگىيىنى يېتىلىۋاتقان مېۋىگە يۇقتۇرىدۇ. شۆلگەينىڭ يۇقىشى بىلەن ئالمىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ئىچكى قىسمى سېسىپ كەتكەچكە ئالمىنى ساتقىلى بولمايدۇ. يەنە كۆممىقوناق، پەمىدۇر قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگىمۇ زىيان سالىدۇ، شۇڭا ئاسىيا چۇسىسىنىڭ تارقىلىشى ھەقىقەتەن ئەنگلىيە ئۈچۈن ئاپەت خاراكتېرلىك، ئەپسۇسلىنارلىقى، بىيولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلىقنى كونترول قىلىش چارىسى ھازىرچە يوق، بۈگۈنكى كۈندە ئالىملار پەقەت بۇ خىل چۇسىنى كۆرگەن ھامان تېزدىن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش كېرەكلىكى، بولمىسا ئاپەت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشلا بېرەلەيدۇ.
جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى قانداق تۆۋەنلىتىش كېرەك؟
ئادەتتىكى ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىيولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن چوڭ، بولۇپمۇ بۇ خىل چۇسىنى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئېلىپ يۈرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئەرمەك ھايۋانلارنى ئېلىپ دۆلەت ئاتلىغاندا ئاسانلا ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىلىپ قالىدۇ، كىشىلەر ئەڭ دەسلەپتە ئەرمەك ھايۋانلىرىنى ناھايىتى ئەتىۋارلايدۇ، كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بېقىشتىن زېرىكىپ، باققۇسى كەلمەي دالىغا قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئىنسانلار ئېلىپ كەلگەن، تەبىئىي يۈز بەرگەن جانلىقلار تاجاۋۇزچىلىقى ھەقىقەتەن بەك ئاز ئۇچرايدۇ.
شۇڭا جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئازايتىشتا ئىنسانلار ھەممە ئىشنى ئۆزىدىن باشلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈنۈملۈك بولغان بىيولوگىيەلىك تاجاۋۇزچىلىقتىن مۇداپىئە كۆرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، مەلۇم بىر خىل جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ يەرلىك جانلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى يەر شارى مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئىنسانلار پەقەت ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداپ، جانلىقلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش سانىنى ئازايتقاندىلا ئاندىن زىياننى ئازايتالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەرلىك جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوغدىيالايدۇ.