ساغلاملىق

بەل ئاغرىقى داس سۆڭەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك

بەل ئاغرىقى داس سۆڭەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك

داس سۆڭىكى سول، ئوڭ يانپاش سۆڭىكى ۋە توققۇز كۆز، قۇيرۇق سۆڭىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، داس سۆڭىكى ئۈستۈنكى بەدەننىڭ ئېغىرلىقىنى تىرەش ۋە تۆۋەنكى بەدەننىڭ پائالىيىتىنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. داس سۆڭىكىگە ئىنچىكە ئۈچەي، تۈز ئۈچەي، دوۋساق، تۇخۇمدان، بالىياتقۇ قاتارلىق ئەزالار سىغىدۇ. نورمال ئەھۋالدا داس سۆڭىكى ئوتتۇرىدا بولىدۇ. ئەگەر ئورنىدا يۆتكىلىش بولسا پۈتۈن بەدەن زەخىملىنىدۇ:

1. ئومۇرتقىنىڭ يانغا ئېگىلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

داس سۆڭىكى ئىگىز-پەس بولسا ۋاقىت ئۇزارغانچە داس سۆڭىكىنىڭ ئىگىز تەرىپىدىكى پۇت كالتىرەك كۆرۈنىدۇ. پۇتنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇپ ئۆزگىرىشى يەر دەسسەشتىكى كۈچنىڭ تەكشىسىزلېكىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئومۇرتقا يۇقىرى تەرەپكە ئېگىلىپ، مۆرىنىڭمۇ ئىگىز-پەس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ۋېنا تومۇرلىرىنىڭ ئەگرىلىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ

داس سۆڭىكى يانغا قىيسايسا، بىر تەرەپتىكى يانپاش بوغۇمى تارىيىپ، قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ۋېنا تومۇرىنى ئەگرىلەشتۈرىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەردە نېرۋىلار بېسىلىش سەۋەبلىك پۇت ئۇيۇشۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

3. كۆپىيىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

داس سۆڭىكى مايماقلاشسا داس بوشلۇقىغا بېسىم پەيدا قىلىپ، قان ئايلىنىشنىڭ راۋانسىزلىقى، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، ئاياللار ئادەت دەۋرىنىڭ تۇراقسىزلىقى، ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالى، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنىڭ مۇجۇپ ئاغرىشىدەك مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

بەل ئاغرىقى داس سۆڭەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك

ئەگەر داس سۆڭىكى مايماقلاشسا، بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق تۈزىگىلى بولىدۇ:

1. توغرا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش: بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئولتۇرغۇچ سۆڭەككە قويۇپ، بەل، دۈمبىنى تىك تۇتۇپ، مۈرىنى ئازادىلەشتۈرۈپ، پۇتنى سەل-پەل ئېچىپ، پاقالچاقنى يەر يۈزى بىلەن تىك ھالەتتە ساقلاپ ئولتۇرىمىز.

2. بەلنىڭ يان تەرىپىدىكى مۇسكۇللارنى بوشىتىش. رەسىمدىكىدەك چېنىقىش ئۈسكۈنىسىنى داس سۆڭىكىنىڭ بىر تەرىپىگە قويۇپ، ئۇياق-بۇياققا دۈگىلىتىمىز. بۇ ئارقىلىق مەزكۇر ئورۇندىكى مۇسكۇلنى بوشىتىمىز.

3. قىسمەن ئورۇنلارنىڭ مۇسكۇلىنى كۈچەيتىش. داس سۆڭىكى ئالدىغا قىيسايغان بىمارلار دەسلەپكى مەزگىلدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش مەشىقىنى ئىشلىسە، بەل ۋە دۈمبىدىكى مۇسكۇللار سوزۇلۇپ، مۇسكۇللارنىڭ چارچىشى يېنىكلەپ، قىسمەن مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. داس سۆڭىكى كەينىگە قىيسايغان بىمارلار قورساق ۋە يانپاش بەل مۇسكۇلىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇۋاپىق تۈردە قورساق قاتلاش، پۇت ۋە ساغرا كۆتۈرۈش مەشىقى ئىشلىسە بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى