4G تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولسا مۇنداق تەڭشەپ سىناپ كۆرۈڭ
4G تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولسا مۇنداق تەڭشەپ سىناپ كۆرۈڭ
يانفوننىڭ تور سۈرئىتى 4G ئېچىلغان ھالەتتە يەنە ئاستا بولسا، بۇ بەلكىم 4G تورنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسى (接入点 ياكى APN) توغرا تەڭشەلمىگەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا تۆۋەندىكىدەك تەڭشەپ سىناپ كۆرسىڭىز، بەلكىم كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.
(بۇ مەشغۇلات iPhone ۋە Android يانفونىدا، شۇنداقلا 4G كارتا چۈشىدىغان تاختا كومپيوتېرلاردا ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە، پەقەت تەڭشەك يۈزىدىكى مەزمۇنلار يانفون تىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەرق بولۇشى مۇمكىن.)
بىرىنچى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلېگراف ئىشلەتكۈچىلىرى
1. يانفوننىڭ «تەڭشەك» 【设置】 نى چېكىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن 【双卡管理】 ياكى 【移动网络】 دېگەندەك تۈرنى تېپىپ، 4G تورنى تەڭشەيدىغان تۈرگە كىرىڭ:
2. بۇنىڭ ئىچىدىن 双卡管理 ياكى 移动网络 دېگەندەك تاللانمىنى باسىمىز (ھەر خىل يانفوندا ئوخشاش بولۇشى ناتايىن).
3. ئاندىن 接入点名称 (APN) نى چېكىپ، بۇنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكىدەك يېڭى ئۇلىنىش نۇقتىسى قۇرىمىز.
ئاخىرىدا يېڭىدىن قۇرغان ئۇلىنىش نۇقىتىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ بىر ئاز ساقلىساق ئۈنۈمىنى كۆرىمىز.
ئىككىنچى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئىشلەتكۈچىلىرى
1. يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا يېڭى 接入点 قۇرىمىز. پەرقلىق يېرى ئۇلىنىش نۇقتىسىنىڭ پارامېتىرلىرى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ APN نامى ئارقىلىق قۇرىمىز.
2. 接入点 نىڭ پارامېتىرىنى ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك كىرگۈزۈپ، ساقلاپ بۇنى كۈچكە ئىگە قىلىمىز.
ئەگەر بىر ئاز كۈتسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، تورنى ئېتىپ قايتا ئېچىڭ ياكى يانفوننى قايتا قوزغىتىپ سىناپ كۆرۈڭ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى