ساغلاملىق

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگلىيە دۇنيادىكى 5-چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى بولۇشتەك ئۇزاق تارىخقا ۋە مول پەن ـ تېخنىكا ئاساسىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇچۇر دەۋرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدە قۇدرەتلىك كەسىپ ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت ئەۋزەللېكىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان. ئاپتوموبىل، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، خىمىيە سانائىتى، دورا ياساش، بىيوتېخنىكا، يېمەك-ئىچمەك، تېلېگراف، ئېلېكتىرون، يۇمشاق دېتال ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلار ئەنگلىيەدىكى ئەۋزەل كەسىپلەر ھېسابلىنىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگلىيە دۇنيادىكى تۇنجى سانائەتلەشكەن دۆلەت. ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2019-يىلى، ئەنگلىيەنىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارى ئىككى تىرىليون 830 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، يەر شارى بويىچە 6-ئورۇندا تۇرغان؛ ئەنگلىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 42 مىڭ 300 ئامېرىكا دوللىرى، دۇنيادا 22-ئەتراپىدا بولۇپ، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، ئىسرائىلىيە، كورېيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى تۇرغان.

ئەنگلىيەدە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئىلمىي بايقاشلار ۋە زور كەشپىياتلار، مەسىلەن، مەشھۇر پار ماشىنىسى، پېنسىلىن، دېئوكسى رىبونۇكلېئىك كىسلاتا (DNA)، دولى قويى، رېئاكتىپ ماتور قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەن.

ئەنگلىيەدە شېكېسپېر، دارۋىن، نيۇتون، باكون ، خاۋكىڭ، فلېمىنگ، ۋېكتورىيە، بويل، كېينېس، بېكخام قاتارلىق قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان زور بىر تۈركۈم مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر بارلىققا كەلگەن.

ئالدىنقى يىللىق ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %0.9ىنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن پۈتۈن دۇنيادىكى %5 پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى %9نى ئىگىلەيدۇ، ماقالىلارنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى %15.2كە يېتىدۇ، نەقىل كەلتۈرۈش ۋەزنىنىڭ تەسىرى يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 1.57 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئەنگلىيەدە خەلقئارا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى دۇنيا بويىچە %10نى ئىگىلەيدۇ، 100دىن ئارتۇق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ پەن تەتقىقاتى ئىلگىرى G8 دۆلەتلىرى ئىچىدە يۇقىرى مەھسۇلات، يۇقىرى ئۈنۈم سەۋىيەسىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ كەلگەن. شۇنىڭدەك كىلىنىكا ئىلىمى، ساغلاملىق ئىلمى، بىئولوگىيە ئىلمى، مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي پەن جەھەتلەردە ئەنگىلىيە يەنىلا ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ پەن تەتقىقات خىراجىتىنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن زور بولۇپ، ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش سانى G8 دۆلەتلىرى ئىچىدە ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنياغا داڭلىق. Quacquareelli Symonds خەلقئارا ئالىي مائارىپ تەتقىقات ئورگىنى ئېلان قىلغان 2019-يىللىق QS دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەت تەرتىپىدە ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى ئۇدا يەتتە يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە شتاتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى ئىككىنچىدىن تۆتىنچىگىچە ئورۇندا تۇرغان، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى بەشىنچى ۋە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ يىل ئەنگلىيەدىكى جەمئىي 18 ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 100 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىگە كىرگەن.

ئەنگلىيەدە جەمئىي 123 ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 200 ئالىي مەكتەپ ئىچىدە، ئەنگلىيە 32نى ئىگىلىگەن بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. بۈگۈنكى دۇنيادا پەن-تېخنىكىغا ئەڭ زور تۆھپە قوشقان 20 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدە ئامېرىكىدا 17 ئۇنىۋېرسىتېت بار، قالغان ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېت ئەنگلىيەنىڭ كامبرىج، ئوكسفورد ۋە ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت.

1. ئەنگلىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى: لوندون دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى. ئەنگلىيە پايتەختى لوندون دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۇنياۋى شەھەر، دۇنيا بويىچە ئەڭ باي، ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، سودىسى ئەڭ گۈللەنگەن، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ بىرى، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، سودا، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، مودا قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يەر شارىلىشىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

لوندون دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇپ، دۇنيا بويىچە %45 تاشقى پېرېۋوت سودىسى ۋە ئالتۇن، كۈمۈش، خام نېفىت قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى بېكىتىش ھوقۇقىنى كونترول قىلىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بانكا، سۇغۇرتا، زاكاز مال ۋە سۇ ترانسپورت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.

لوندوننىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تاشقى پېرېۋوت سودا سوممىسى ئىككى تىرىليون 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا تۇرىدۇ، ئاھالىلارنىڭ بايلىق ئومۇمىي سوممىسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

لوندون ياپونىيەنىڭ مورى مالىيە گۇرۇھى ئېلان قىلغان دۇنيا بويىچە شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ 2019-يىللىق رەت تەرتىپىدە (GPCI) ئۇدا سەككىز يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان؛

ئامېرىكا كورنېي يەر شارى شەھەر ئەمەلىي كۈچى كۆرسەتكۈچى (2018) رەت تەرتىپىدە لوندون دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان؛

لوندون GaWC تەرىپىدىن Alpha + دەرىجىلىك دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك شەھەر (2018) بولۇپ باھالانغان؛

فوربېس دۇنيا شەھەر تەسىر كۈچى تىزىملىكىدە لوندون دۇنيا بويىچە ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە شەھەر بولۇپ باھالانغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لوندون نىيۇيوركنى مەغلۇپ قىلىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ بايلىق مەركىزى بولۇپ باھالانغان.

دۇنيا ساياھەت شەھەرلىرى بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان 2019-يىللىق دۇنيا ساياھەت شەھەرلىرى تەرەققىيات رەت تەرتىپىدە لوندون دۇنيا بويىچە شەھەرلەرنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.

ئەنگىلىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %79 بولۇپ، لوندون يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئۈچ «كونترول مەركىزى»نىڭ بىرى (باشقا ئىككىسى نيۇيورك ۋە توكيو).

ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، خېلى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە كەسپىنى تىرەپ تۇرالايدۇ، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرى ھەقىقىي مەنىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، لوندون شەھىرىنىڭ ئاساسلىق سودا قىلىدىغىنى چەتئەل پۇلى ۋە چەتئەل پۇلى بىلەن باھا ھېسابلايدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە تۇغۇندى مەھسۇلاتلىرى، نيۇيورك بازىرى ۋە توكيو بازىرى ئاساسلىقى دوللار ۋە ياپونىيە يېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

شۇڭا، ئەنگلىيە چېگرىسى ئىچىدە بولغان تەقدىردىمۇ، ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خەلقئارا كەسپىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تەمىنلىيەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سودىسى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. ئەنگلىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى: ئەنگلىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ياۋروپا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئەنگلىيە دۇنيادىكى مۇھىم ئاپتوموبىل تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى؛ ئەنگلىيە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ سانائەتلىشىش ئىنقىلابى يۈز بەرگەن دۆلەت بولۇپ، «ھازىرقى زامان سانائەت ئىنقىلابىنىڭ بۆشۈكى» ۋە «دۇنيا زاۋۇتى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئاپتوموبىل كەسپى ئەنگلىيە ياسىمىچىلىقىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتوموبىل كەسپى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بىر مەھەل 850 مىڭ كىشىگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت نىسبىتى %75 بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى ئەنگلىيە ئومۇمىي ئېكسپورتىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلىگەن. 2007-يىلى ئەنگلىيەدە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان پىكاپ ئىككى مىليون 400 مىڭ بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 3-چوڭ پىكاپ بازىرى ھېسابلىنىدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىك سەككىز ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى ئەنگلىيەدە تىجارەت قىلىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئاپتوموبىل ياساش سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ياساش سودىگەرلىرى بار. يەر شارىدىكى 20 ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ياساش كارخانىسىنىڭ 19ى ئەنگلىيەدە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرغان. ئەنگلىيەدە دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرى بار، مەسىلەن، روللس رويىس، بېنتلېي، جاگۇار، لەندروۋېر، فورد، ئاستون مارتىن، ماكلارىن، بېنز SLR، لوتۇس قاتارلىقلار. دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارنىڭ ھەممىسى ئەنگلىيەدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرغان، ئەنگلىيە ياسىمىچىلىقى كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە.

ئەنگلىيە ئاپتوموبىل كەسپى ئىلغار تېخنىكىغا ۋارىسلىق قىلغان، ئۆزگىچە ئەنگلىيە لايىھەسى، نەپىس قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك داڭلىق ماركىلارنى ئەنگلىيەدە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشقا جەلپ قىلغان.

ئەنگلىيە ئاپتوموبىل كەسپى گەۋدىلىك لايىھەلەشنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتوموبىل لايىھەلەش جەھەتتە ئۇزاق تارىخقا ئىگە ھەمدە نىسبەتەن مۇستەقىل بولغان ئەنگلىيە ئاپتوموبىلىنى ئۇقۇم لايىھەسىدىن چەكلىك نۇسخىغىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

ئەنگلىيەدە لايىھەلەنگەن بەلگە خاراكتېرلىك ئاپتوموبىللار ئاستون مارتىن DB9، ماكلارېن F1، لەند روۋېرنىڭ رېينج روۋېر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق ئاپتوموبىل نۇسخىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگىلىيە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ ئىپتىدائىي ئۈسكۈنە ياساش سودىگەرلىرى ئۈچۈن لايىھەلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز ئالدىغا پەرقلىق ئۈنۈم ياراتقان.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگلىيەنىڭ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ھەرىكىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە مۇسابىقىسى ساھەسىدە، مەسىلەن، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماتورىنى ياساش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى دۇنيا دىزېل ماتور ئاپتوموبىلىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 563 كىلومېتىرلىق دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئەنگلىيە JCB شىركىتىنىڭ نادىر ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۇنياغا داڭلىق لايىھىلەش مەكتەپلىرى ئەنگلىيەنىڭ ئاپتوموبىل لايىھەلىشىگە ئاساس سالغان. مەسىلەن، ئاپتوموبىل لايىھەلەش ساھەسىدە 40 يىللىق تارىخقا ئىگە ئەنگلىيە سەنئەت ئىنستىتۇتى يەر شارى ئاپتوموبىل لايىھەلەش مائارىپى ۋە تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسىتېتگە ئايلاندى؛ ئەنگلىيە كوۋېنترى ئۇنىۋېرسىتېتى 30 يىللىق مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى لايىھەلىگۈچىلەر كۆپلەپ دۇنياغا تونۇلغان.

ئەنگلىيە ماتور تېخنىكىسى ۋە سىستېمىسى جەھەتتە، دۇنيادا مۇتلەق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەنگىلىيە دۇنيا ئاپتوموبىل ماتورىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئومومىي قۇرۇلمىسىنى لايىھىلەشتە ئىزچىل دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىنى ساقلاپ كەلدى، بولۇپمۇ ماتورنى لايىھىلەش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ناھايىتى روشەن.

ئەنگلىيە 2013-يىلى جەمئىي ئىككى مىليون 550 مىڭ ماتور ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، پۈتكۈل ياۋروپا ماتور ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %30ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە %62 ماتور 100 نەچچە دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنغان. ماتور ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە كەسپىي تەتقىقات بىلىملىرى ئەنگىلىيە ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يادرولۇق تايانچ تېخنىكىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا دەرىجىلىك داڭلىق ماركىلاردىن BMW، كوممىنس، فورد، جاگۇار، لەند روۋېر قاتارلىقلار ئەنگلىيەدە ماتور تەتقىق قىلىش ياكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تەسىس قىلغان. زور تۈركۈمدىكى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ماتور ياساش سودىگەرلىرى ئەنگلىيەگە جەم بولغان ھەم ئەنگلىيەنىڭ مول تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئوخشاش بولمىغان كەسپىي تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەرگە ماس كېلىدىغان دۇنيا بويىچە ئىلغار ماتورنى لايىھەلەپ چىققان. پۈتۈن يەر شارىدىكى فورد ئاپتوموبىللىرىنىڭ ماتورى ئىچىدە بىر مىليون 500 مىڭ دانە ماشىنا ئەنگلىيىدە ئىشلەپچىقىرىلىپ، فورد ئومۇمىي موتور ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %30ىنى ئىگىلىگەن. ياپونىيەدىكى خوندا، تويوتا، نىسسان ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ھەر يىلى ئەنگلىيەدە جەمئىي 600 مىڭدىن ئارتۇق ماتور ئىشلەپچىقىرىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ياۋروپا دائىرىسى ئىچىدە، ئەنگلىيە ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل گۇرۇھلىرىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان، پۈتكۈل ياۋروپادا بىردىنبىر ئورۇندا تۇرىدۇ. دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى ئەنگلىيەدە زاۋۇت قۇرۇپ پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان، مەسىلەن، BMW، فورد، خوندا، نىسسان، پېگۋوت، تويوتا ۋە ھەممىباب ئاپتوموبىلى قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە ساندېرلاند (Sunderlannd)دىكى نىسسان بىلەن بېرناستون (Burnastonn)دىكى تويوتا ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ياۋروپادا باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياۋى ئاپتوموبىل ماركىسى روللىس رويىس (Rolls-Royce): دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك پىكاپ زاۋۇتى، 1906-يىلى ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان، شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ھېنرى رويىس ۋە چارلېز روللس. روللىس رويىس ئىشلەپچىقارغان پىكاپلار ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇپ، ھەشەمەتلىكى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق. روللىس رويىس ئاپتوموبىل ياساشتىن باشقا يەنە ئايرۇپىلان ماتورى ياساش ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماتور ياسىغۇچى، داڭلىق بوئىن يولۇچىلار ئايرۇپىلانىغا ئىشلىتىلىدىغىنى روللىس رويىس ماتورى. 2003-يىلى روللىس رويىس ئاپتوموبىل شىركىتى BMW تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغان.

3. ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كەسپى: ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كەسپى دۇنيادا ناھايىتى يۇقىرى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ياساش سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئالەم قاتنىشى سانلىق مەلۇماتى ۋە تېخنىكىسىنى ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كەسپىنىڭ دۇنيا بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %13كە يەتكەن، دۇنيا بويىچە ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگلىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى سانائىتى ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ، يەر شارىدىكى داڭلىق ئايروبۇس A380 ۋە A350 XWB نىڭ قانىتىنى ئايروبۇسنىڭ ئەنگلىيەدىكى Broughtonn زاۋۇتى لايىھەلەپ ياسىغان؛ داڭلىق بوئىن 787 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئەنگلىيەنىڭ ياساش سودىگەرلىرى ياسىغان.

ئايروبۇسنىڭ ئەنگلىيە شىركىتى A400 m ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانىنىڭ قانىتىنى ياساپ چىققان. روللس رويىس بولسا يەر شارى بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئاۋىئاتسىيە ماتورى ياساش سودىگىرى. ئۇنىڭ ماتورىنىڭ قۇۋۋىتى 30 خىلدىن ئارتۇق سودا ئايروپىلانلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بولۇپ، خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىيە تارماقلىرىنى 30 مىڭدىن ئارتۇق ماتور بىلەن تەمىنلىگەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئالەم قاتنىشى تۈرلىرىگە بىۋاسىتە سەرپ قىلغان چىقىمى ئەنگلىيە ئالەم قاتنىشى ئومۇمىي چىقىمىنىڭ تەخمىنەن %70ىنى ئىگىلەيدۇ. ئايروبۇس A380 ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئاساسلىق مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇپ قالغان. مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى 30 يىلدا، ئەنگلىيە شىركىتى ھەر يىلى بىر مىليارد فوندستېرلىڭلىق ئايروبۇس A380 توختامىغا ئېرىشەلەيدىكەن، ئايروبۇس A380 ئەنگلىيەنى 20 مىڭ كىشىلىك ياسىمىچىلىق كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە 40 مىڭ كىشىلىك مۇلازىمەت كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

4. ئەنگلىيەنىڭ دورىگەرلىك كەسپى: ئەنگلىيە يەر شارىدىكى مۇھىم دورىگەرلىك مەركەزلىرىنىڭ بىرى. يەر شارى بويىچە ئالدىنقى 20 دورا ياساش كارخانىسى ئەنگىلىيەدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دۇنياغا داڭلىق ماركا (Glaxo Smith Kline 葛兰素史克)بىلەن (AstraZeneca (阿斯利康دورىگەرلىكى يەر شارى بويىچە-5 ۋە-6 چوڭ دورىگەرلىك شىركىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيە دۇنيادىكى بەش چوڭ دورىگەرلىك كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ بىرى بولۇپ، يەر شارىدىكى ئالدىنقى 100 رېتسېپلىق دورىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئەنگلىيەدە تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان. ئەنگلىيەنىڭ دورا ياساش كارخانىلىرى ئاساسەن شەرقىي جەنۇبىي ئىنگلاند ۋە شوتلاندىيە رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن. ياۋروپا تېببىي دورا باھالاش ئىدارىسىنىڭ باش ئىشتابى لوندوندا.

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دورا ياساش گۇرۇھلىرى، مەسىلەن، ئامېرىكا Pfizer، شىۋېتسارىيە Novartis، ئامېرىكا Lilly، ئامېرىكا Merck قاتارلىقلار ئەنگلىيەدە تەتقىقات مەركىزى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تەسىس قىلغان.

دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ دورا ياساش شىركىتى ئامېرىكا Pfizer ئەنگلىيە خەلق داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى (NHS)نىڭ ئاساسلىق دورا تەمىنلەش سودىگىرى، كېنت ۋىلايىتىدىكى ساندېۋىچتا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەتقىقات بازىسى تەسىس قىلغان، بۇ تەتقىقات مەركىزى ئامېرىكىدىن باشقا ئەڭ چوڭ تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيەدىكى تەتقىقات خىراجىتى پۈتۈن دۇنيادىكى تەتقىقات خىراجىتىنىڭ %14ىنى ئىگىلەيدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگلىيەنىڭ يەر شارى بويىچە داڭلىق دورا ياساش شىركەتلىرى

1) 葛兰素史克Glaxo Smith Kline: دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دورا ياساش شىركىتى، دۇنيا بويىچە تېببىي دورا ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. GSK شىركىتى يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى، قەپەس ۋە ئاشقازان-ئۈچەي يولى/ماددا ئالمىشىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ داۋالاش ساھەسىدە بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ GSK ۋاكسىنا ساھەسى ۋە ئۆسمىگە قارشى دورىلار جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. GSK شىركىتى ئىستېمال، ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

GSK بولسا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بىردىنبىر ئۈچ چوڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كېسەللىك (بەزگەك، ئەيدىز ۋە سىل كېسىلى) ئۈچۈن دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان شىركەت. GSK شىركىتىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 15 مىڭدىن ئارتۇق ئالىم تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تەتقىقات سېلىنمىسى ھەر كۈنى 8 مىليون فوندستېرلىڭغا يېتىدۇ، بۇ سائىتىگە 300 مىڭ فوندستېرلىڭغا باراۋەر. بۇنىڭ ئىچىدە «دورا كەشپىياتىنى ئەلالاشتۇرۇش مەركىزى» كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش ۋە ناچارلىشىش جەريانىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدۇ.

GSK يەنە يەر شارى بويىچە چوڭ ۋاكسىنا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى 173 دۆلەتنى بىر مىليارد 100 مىليوندىن ئارتۇق ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيدۇ.

GSK يەر شارى بويىچە ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان شان-شەرەپ ۋە مول ئىلىم-پەن مىراسلىرىغا ئىگە بولۇپ، GSKدىن بەش ئالىم نوبېل تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

2) 阿斯利康AstraZeneca: ئوخشاشلا يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دورا ياساش شىركىتى، 1913-يىلى قۇرۇلغان، باش شىتابى ئەنگىلىيەنىڭ لوندۇندا، تەتقىقات باش شىتابى شىۋىتسىيەدە. سابىق شىۋېتسىيە ئاسترا شىركىتى بىلەن سابىق ئەنگلىيە زېنېكا شىركىتى 1999-يىلى بىرلىشىپ قۇرۇلغان، AstraZeneca نۇرغۇن داۋالاش ساھەلىرىدە بىمارلارنى مول يېڭىلىق يارىتىلغان، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك رېتسېپلىق دورىلار، جۈملىدىن ھەزىم قىلىش، يۈرەك قان تومۇرى، ئۆسمە، مەركىزىي نېرۋا، ناركوز، نەپەسلىنىش ۋە يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ساھەسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتلار دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

5. ئەنگلىيەنىڭ خىمىيە سانائىتى كەسپى: ئەنگلىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى. ئەنگلىيە دۇنيا بويىچە ئالتىنچى چوڭ خىمىيە سانائىتى ۋە ياۋروپا بويىچە تۆتىنچى چوڭ خىمىيە سانائىتىگە ئىگە بولۇپ، گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيەدىن كېيىن تۇرىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ خىمىيە سانائىتىدە 2500دىن ئارتۇق كارخانا بار، بۇنىڭ ئىچىدە %70ى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىدۇر.

خىمىيە سانائىتى (دورىگەرلىك كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەنگلىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ ياسىمىچىلىق تارمىقى. دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەت ھالقىغان خىمىيە سانائىتى شىركەتلىرى ئەنگلىيەدە خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ نۇرغۇن خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر كۆلىمىگە يېتىپ، ياۋروپادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، 2014-يىلى خىمىيە سانائىتى ۋە دورىگەرلىك كەسپىدە بىۋاسىتە ئىشلەيدىغانلار 157 مىڭ كىشىگە يەتكەن.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

1) ئىمپېرىيە خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى (ICI): ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ خىمىيە سانائىتى كارخانىسى، ئاساسلىقى شەخسىي پەرۋىش مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە پولىمېرلار، ئېلېكترون ۋە ئوراش-قاچىلاش كەسىپلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يېپىشتۇرغۇچ، بېزەك سۇۋالغۇسى ۋە ئائىلە ھەم بىناكارلىقنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، شىركەت تەتقىق قىلىپ ئېچىش ماتېرىيال ئىلمى، مولېكۇلا ئىلمى ھەمدە ئۆلچەش ۋە مودېل قاتارلىق ئۈچ چوڭ ساھەگە مەركەزلەشكەن.

ئىمپېرىيە خىمىيە سانائىتى شىركىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سىر، سۇۋالغۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى بېزەك ۋە ئاسراش سۇۋالغۇسى، ئاپتوموبىللارنى رېمونت قىلىش سىرى، يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك قۇتىسىغا ئىشلىتىلىدىغان سىرلارغا مەركەزلەشكەن. ئاساسلىق ماركا ماركىلىرىدىن: Dulux ،Gliden ،Maxilite ،Autoco1 ھەمدە يېقىندا سېتىۋالغان Fu11 O’Brien ،Devoe ،Coral ،Alba ،Inca ،St. Clair ۋە Coryorla قاتارلىقلار بار. 1996-يىلى سىرنىڭ سېتىلىش مىقدارى بىر مىليارد لېتىردىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

ئىمپېرىيە خىمىيە سانائىتى شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مېتىل ئاكرىلات، مېتىل ئاكرىلات ۋە مەخسۇس ئاكرىلات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكا رايونلىرىغا تارقالغان، بىردىنبىر بۇ ئۈچ رايوندا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بار شىركەت.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

2) ئەنگلىيە ئالاھىدە خىمىيە سانائىتى كارخانىسى Johnson Matthey: دۇنيادىكى پلاتىنا تۈرىدىكى ئەڭ چوڭ مېتال ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى ساپلاشتۇرۇش ساھەسى ۋە ئاپتوموبىل كېرەكسىز گازى قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان كاتالىزاتور جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

مەخسۇس كاتالىزاتور، قىممەتلىك مېتال ۋە نازۇك خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيە نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ %58ى شەرقىي شىمالدىكى ئەنگلىيە رايونىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، BASF ،Huntsman ،P&G قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە ماكانلاشقان.

 

6. ئەنگلىيە بىئو تېخنىكا كەسپى: دۇنيا بويىچە ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ياۋروپانىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم بىئو تېخنىكا شىركىتى ئەنگلىيىگە جايلاشقان.

ئەنگىلىيە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان كىلىنكىدىن بۇرۇنقى ۋە كىلىنكىلىق تەتقىقات لىنىيەسىگە ئىگە بولۇپ، ئەنگىلىيە بىئو تېخنىكا، ئېكىلوگىيە سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىقتىساسلىقلار ۋە مەبلەغلەرنى جەلىپ قىلىدىغان ئىلمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى. ئەنگىلىيەنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندى ھاياتلىق ئىلىمىگە يەنى ئەنگىلىيىنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىدىكى ھالقىلىق ساھەگە سېلىنىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگلىيە بىئوتېخنىكا تەتقىقات ئاپپاراتلىرى كۆپىنچە لوندون، ئوكسفورد، كامبرىج، ئېدىنبورگ قاتارلىق رايونلارغا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، كامبىرىجدىكى سانگېر تەتقىقات يۇرتى (Sanger Institute) دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بىيو تېخنىكا تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا گېن تەتقىقاتىنى سودىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىنسانلار گېن تەتقىقات تۈرى بۇ تەتقىقات يۇرتىدا ئېلىپ بېرىلماقتا.

لوندوندىكى ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى بىئوتېخنىكا ساھەسىدە ئىنتايىن يۇقىرى خەلقئارالىق ئابرۇيغا ئىگە. ئەنگلىيىنىڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەتراپىدىلا 60 دىن ئارتۇق بىىو-تبخنىكا شىركىتى بار. ئېدىنبورگ يېزا ئىگىلىك بىيوتېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ياساش مەركىزى بولۇپ، ئاردانا (Ardana) قاتارلىق 85 يېزا ئىگىلىك بىيوتېخنىكا شىركىتى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەقىل خەير-ساخاۋەت خاراكتېرلىك تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم گېن تۈرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

 

7. ئەنگلىيەنىڭ ئېلېكترون كەسپى: ئەنگلىيەنىڭ ئۆزەك لايىھەسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئەنگلىيە ياۋروپا رايونىدىكى %40 ئۆزەك لايىھەسى ۋە دۇنيادىكى %10 ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ياۋروپادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيا بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرون كارخانىسى كامبرىجتىكى ARM شىركىتى بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك لايىھەلەش كارخانىسى.

ئەنگلىيە ئېلېكترون قۇرۇلۇشى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ لايىھىلەش ۋە فوتو ئېلېكتر ئىلمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى. سونى، خىتاچى، فىلىپس، موتورولا قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق شىركەتلەر ئەنگىلىيەدە تەتقىقات مەركىزى قۇرغان. نۇرغۇن ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۆزگىچە پاتېنتى بار.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگىلىيە ئېلېكترون كەسپىنىڭ يادرولۇق قىسمى ئۇنىڭ گەۋدىلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات مەركىزى كۆپىنچە ئالىي مەكتەپ، مەكتەپ باغچا رايونىغا مەركەزلەشكەن. ئەنگلىيىدە تەخمىنەن 70 ئالىي مەكتەپ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ لايىھىلەش تەتقىقاتىغا قاتنىشىدۇ. ئېلېكتىرون تۈرىدىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شىركىتى ئاساسلىقى كامبرىج رايونى، شوتلاندىيە رايونى، ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي ئامپتون قاتارلىق رايونلارغا مەركەزلەشكەن.

ئەنگلىيە ئېلېكتىرون كەسپى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، لايىھەلەش قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەردە بىر قەدەر كۈچلۈك ئەۋزەللىككە ئىگە، بولۇپمۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى لايىھەلەش، قىستۇرما سىستېما ئۆزەك تېخنىكىسى، كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، رادىيو چاستوتا (RF) تېخنىكىسى، ئانتېننا لايىھەلەش، رەقەملىك رادىيو ۋە ئارىلاشما سىگنال لايىھەلەش قاتارلىق ساھەلەردە شۇنداق. ئەنگلىيە سودا-سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ لايىھەلەش كەسپىنىڭ تىجارەت كىرىمى ۋە شىركەتنىڭ ئومۇمىي سانى پۈتۈن ياۋروپا ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدىكەن.

 

ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق ئېلېكترون كارخانىلىرى:

ARM: ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرون كارخانىسى كامبرىجتىكى ARM شىركىتى بولۇپ، يەر شارىدىكى داڭلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك لايىھەلەش كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ. ARM ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى %90 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا ARM بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن؛ پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت ياپونىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەڭ يادرولۇق قىسمىنىڭ كۆپ قىسمىغا ئەنگلىيە ARM شىركىتى لايىھەلىگەن ئۆزەك ئىشلىتىلگەن.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگلىيە Silicon Radio شىركىتى: ئەنگلىيە كامبرىجقا جايلاشقان Silicon Radio شىركىتى دۇنياغا داڭلىق كۆك چىش ئۆزىكى لايىھەلەش كارخانىسى بولۇپ، بۇ شىركەت كۆك چىش ئۇلىنىش ئېغىزىدىكى يەككە پلاستىنكىنى تۇنجى بولۇپ لايىھەلەپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى %50تىن ئارتۇق كۆك چىش ئۆزىكىنى لايىھە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

Wolfson مىكرو ئېلېكترون شىركىتى: ئېدىنبورگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇستەقىل Wolfson مىكرو ئېلېكترون شىركىتىمۇ دۇنياغا داڭلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ لايىھەلەش كارخانىسى بولۇپ، رەقەملىك سىگنالنىڭ ئاۋاز سىگنالىغا ئايلىنىشى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە.

Filtronic شىركىتى: دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان رادىيو چاستوتىلىق زاپچاس ۋە سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىسى ياساش سودىگىرى قاتارلىقلار.

 

8. ئەنگلىيەنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپى: ئەنگلىيەنىڭ يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك تەلىپى يۇقىرى بولغان پۇل مۇئامىلە ۋە مالىيە يۇمشاق دېتالى. ئەنگلىيەدە 30 مىڭدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال شىركىتى بار بولۇپ، ئاساسلىقى ئىنگلاندنىڭ شەرقىي جەنۇبى، شوتلاندىيە رايونى، كامبرىج رايونى ۋە M4 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئەتراپىدىكى رايونلارغا مەركەزلەشكەن.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگلىيە يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كومپيوتېرغا ئالاقىدار كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمدىن كۆپرەكى يۇمشاق دېتال ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپىدە. مىكروسوفت، IBM ،HPنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 مىڭدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال كارخانىسى ئەنگلىيەدە تىجارەت قىلىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، مول بولغان يۇمشاق دېتال ئېچىش ئىختىساسلىقلار بايلىقىغا ئىگە، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن شىمالىي ئامېرىكا ئارىلىقىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق دېتال ئېچىش مۇھىتى ياخشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرەققىي قىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەتچىلىكىمۇ يۇمشاق دېتالنى دۇنيا بويىچە غايەت زور بازار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

نۆۋەتتە، كەسىپ ساھەسىدىكىلەر كامبىرىجنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارى ياۋروپانىڭ باشقا رايونلىرىنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئەنگلىيەنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ ئەۋزەل ساھەسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1) سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئېچىش؛ 2) كۆچمە ئالاقە تېخنىكىسى؛ 3) كۆپ ۋاسىتە قوللىنىش؛ 4) كۆڭۈل ئېچىش يۇمشاق دېتالى؛ 5) مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى قاتارلىقلار، بولۇپمۇ ۋاقىت ۋە بىخەتەرلىككە بولغان تەلىپى يۇقىرى بولغان پۇل مۇئامىلە ۋە مالىيە يۇمشاق دېتالى جەھەتتە ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە.

ئەنگىلىيەدىكى مۇھىم يۇمشاق دېتال شىركىتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1) Sage شىركىتى: داڭلىق پۇل مۇئامىلە بوغالتىرلىق يۇمشاق دېتال تەرەققىيات سودىگىرى؛ 2) Misys شىركىتى: ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە يۇمشاق دېتال شىركىتى، ئاساسلىقى بانكا يۇمشاق دېتال ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ 3) Amdocs شىركىتى: تېلېگراف ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسى يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى. 1996-يىلى بېيجىڭدا Amdocs شىركىتى قۇرۇلغان؛ 4) LogicaCMG شىركىتى: دۇنياغا داڭلىق IT مۇلازىمىتى تەمىنلەش سودىگىرى؛ 5) iSOFT شىركىتى: ئاساسلىقى داۋالاش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ 6) Autonomy شىركىتى: كارخانا سانلىق مەلۇمات ئىزدەش جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە.

يەر شارىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى ئەنگلىيەدە تارماق ئاپپارات ۋە تەتقىقات بازىسى قۇرغان، مەسىلەن، IBM ،Computer Associate ،Microsoft ،Oracle ،SUN ،Adobe ،Fujitsu ،SEGA ،SONY ھەمدە ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش ۋە مەسلىھەت بېرىش كارخانىسى Tata Consultinng قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىكروسوفت كامبرىجتا تەسىس قىلغان يۇمشاق دېتال تەجرىبىخانىسى ئامېرىكىنىڭ سىرتىدىكى تۇنجى چەتئەل تەتقىقات ئورنى ھېسابلىنىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

9. ئەنگلىيەنىڭ يېمەك-ئىچمەك سانائىتى: ياۋروپا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دۇنيا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك يېڭى مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ %8ىنى ئىگىلەيدۇ، ئەنگلىيە يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك سانائىتى ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياسىمىچىلىق كەسپى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيەدىكى داڭلىق كارخانىلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار:

1) دىئاگىئو ھاراقچىلىقى 帝亚吉欧酒业: دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چەت ئەل ھارىقى شىركىتى بولۇپ، شىركەت قارىمىقىدا دىستىللەنگەن ھاراق، ئۈزۈم ھارىقى ۋە پىۋا قاتارلىق بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ھاراق ماركىلىرى بار. دىئاگىئو دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراقچىلىق گۇرۇھى. شىركەت بايرىقى ئاستىغا بىر قاتار داڭلىق ماركىلار يىغىلغان، مەسىلەن، Johnie Walker ،J&B ،Windsor قاتارلىق ۋىسكى يۈرۈشلۈكلىرى؛ Smirnoff ،Cîroc ،KetelOne قاتارلىق ۋودكا يۈرۈشلۈكلىرى؛ شۇنىڭدەك Baileys ،CaptainMorgan ،Tanqueray ،Guinness قاتارلىقلار.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

2) 吉百利Cadbury: جىبەيلى شىركىتى دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ كەمپۈت شىركىتى، ئىككىنچى چوڭ سېغىز شىركىتى، ئۈچىنچى چوڭ يۇمشاق ئىچىملىك شىركىتى، شۇنداقلا بىردىنبىر شاكىلات، كەمپۈت ۋە سېغىز مەھسۇلاتلىرى بار شىركەت. گۇرۇھ شىركەتنىڭ باش ئىشتابى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان.

 

10. ئەنگلىيەنىڭ تېلېگراف كەسپى: ئەنگلىيە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تېلېگراف بازىرى، كەڭ بەلباغ ئۇل قۇرۇلۇشىنىڭ «زىچلىق» كۆرسەتكۈچى دۇنيا بويىچە بىرىنچى، رىقابەت كۈچى كۆرسەتكۈچى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەنگلىيە تور تېخنىكىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوپتىك تالا سىستېمىسى ۋە زاپچاس ياساش جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك ئەۋزەللىككە ئىگە، ھەمدە سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى، VoIP، Wi-Fi ۋە WiMAX قاتارلىق ساھەلەردە تېخنىكا ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

ئەنگىلىيە تېلېگرافنىڭ Adastral Park تەتقىقات مەركىزى جانلىقلارنى تونۇش بىخەتەرلىك سىستېمىسى (biometriic securityy systems) تەتقىقاتى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

 

11. ئەنگلىيەنىڭ مائارىپ كەسپى: ئەنگلىيەنىڭ مائارىپى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق ھەمدە كەسىپلىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. US News يىلدا بىر قېتىم توققۇز چوڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن دۆلەتلەرنى ئۇنىۋېرسال رەتكە تۇرغۇزىدىغان بولۇپ، بۇ كۆرسەتكۈچلەر مەدەنىيەتنىڭ تەسىر كۈچى، زامانىۋىلىشىش دەرىجىسى، ساياھەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، سودىنىڭ دوستانە بولۇش دەرىجىسى، ئىگىلىك تىكلەش روھى، تارىخىي مىراس، ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

ئەنگلىيەنىڭ توققۇز كۆرسەتكۈچتە ئىگىلىگەن نىسبىتى: كارخانىچىلار روھى (%17.87)، تەۋەككۈلچىلىك ئامىلى (%2.0)، پۇقرالار ھوقۇقى (%15.88)، مەدەنىيەت تەسىر كۈچى (%12.96)، مەدەنىيەت-تەبىئىي مىراس (%1.13)، ئەسلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ (%14.36)، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى (%11.08)، ئىقتىساد-سىياسىي تەسىر كۈچى (%7.95)، تۇرمۇش سۈپىتى (%16.77).

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

بۇنىڭ ئىچىدە، 2019-يىللىق ئەڭ ياخشى مائارىپ دۆلەتلىرىنىڭ رەت تەرتىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاممىۋى مائارىپ سىستېمىسى، مائارىپ سۈپىتى ۋە ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەھەتتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسارىيە، شىۋېتسىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار.

ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلەردىن:

1) ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى: ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتتىق جىسىم فىزىكىسى، يۇقىرى ماگنىت ئىلمى، لازېر نۇرى تەتقىقاتى، ئاساسىي زەررىچە تەتقىقاتى ۋە ئاتموسفېرا فىزىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدە زور بىر تۈركۈم ئىلىم-پەن پېشۋالىرى بارلىققا كېلىپ، نۇرغۇن سەنئەت ئۇستىلىرى، دۆلەت رەھبەرلىرى يېتىشىپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە 27 نەپەر ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نەچچە ئون نەپەر باشلىقلىرى، سىياسىي، سودا ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرى بار. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا، فىزىكا، مېدىتسىنا، قانۇنشۇناسلىق، سودا ئىلمى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە يۈكسەك ئىلمىي ئورۇنغا ۋە ئىنتايىن كەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئالىي مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەكتەپداشلار، پىروفېسسورلار، تەتقىقاتچىلار ئىچىدە 69 نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى (دۇنيا بويىچە 9-ئورۇندا تۇرىدۇ) ، ئۈچ نەپەر فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى (دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرىدۇ) ، ئالتە نەپەر تۇرىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى (دۇنيا بويىچە 9-ئورۇندا تۇرىدۇ) بار.

 

2) كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز تىلى دۇنياسىدىكى ئىككىنچى قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتېت. كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنياغا داڭلىق ھۆكۈمەت تەتقىقات تىپىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، بىلىم يۇرتى فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى قوللانغان، ئۇ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى، لوندون سىياسىي ئىقتىساد ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىكتە «G5 دەرىجىدىن تاشقىرى سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېت»گە تەۋە.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار 11 پەن-تېخنىكا كەسپى

كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 800 نەچچە يىللىق مەكتەپ تارىخىدا دۇنياغا داڭلىق نيۇتون، دارۋىن، ماكسۋېل، بور، خاۋكىڭ، دارۋىن، تۇرىڭ، ۋېلس، خۇالوگېڭ قاتارلىق ئىلىم-پەن پېشۋالىرى، مىلتون، بايرون، دىننېسىن، باكون، رۇسسېل، ۋېتگېنشتېين قاتارلىق ئەدەبىيات ئۇستازلىرى، شۇنىڭدەك كرومۋېل، نېھرۇ، لى گۇاڭياۋ قاتارلىق سىياسىي ئەربابلار ۋە روبېرت ۋوپولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نەپەر ئەنگلىيە باش ۋەزىرى يېتىشىپ چىققان.

جەمئىي 117 نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى (دۇنيا بويىچە ئىككىنچى)؛ 11 نەپەر فىلىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى (دۇنيا بويىچە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ)، يەتتە نەپەر تۇرىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى (دۇنيا بويىچە سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ) چىققان كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نۇرغۇن ساھەلەردە يۈكسەك ئىلمىي ئورۇن ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇپ، ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئالىي مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى