يانفونغا ئەپ چۈشۈرگەندە دىققەت قىلىڭ
ئاندىرويىد يانفونلىرىغا ئەپ چۈشۈرگەندە ئادەتتە ئۆزىمىز ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن مەلۇم ئەپ بازىرى (应用商店) دىن چۈشۈرىمىز. ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، ئەپلەر شۇ ئەپنى ۋە شۇ ئەپتىكى مۇلازىمەتنى تەمىنلىگۈچى كارخانا ياكى شەخسلەر تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، ئاندىن ئەپ بازىرى (ئەپ دۇكىنى) غا چىقىرىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ چۈشۈرۈشىگە تەمىنلىنىدۇ.
ئاندىرويىد ئوچۇق سىستېما بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەپ دۇكىنىنىڭ ئىجازىتى ۋە تېخنىكىلىق تەلىپى بىر قەدەر ئاددىي، شۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ گەۋدىلىك.
دۆلىتىمىزدە ئاندىرويىدنىڭ ئانا ئەپ بازىرى- GooglePlay مۇلازىمىتى يوق. شۇنداق بولغاچقا، ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ بازىرىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەپ دۇكىنى ئىشەنچلىك بولمىسا، سىز چۈشۈرگەن ئەپلەردە يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپى ساقلانغان بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار. ئوچۇقىنى دېگەندە، سىزنىڭ يانفونىڭىزدىكى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز، جۈملىدىن كىملىك ئۇچۇرلىرىڭىزدىن بانكا ھېسابات ئۇچۇرلىرىڭىزغىچە مەلۇم يامان غەرەزلىك ئەپ تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
ياخشى يېرى، يانفون شىركەتلىرى ئادەتتە ئۆز ماركىسىدىكى يانفونلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەپ بازىرىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، ھەر قايسى ماركىلاردىكى يانفونلارنىڭ ئايرىم ئەپ بازىرى بار.
ئۇنداقتا، بۈگۈن بەش مىنۇت ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ، يانفونغا ئەپ چۈشۈرگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا توختىلايلى.
1. يانفون ئىگە تەرەپ تەمىنلىگەن ئەپ بازىرى ئەڭ ئىشەنچلىك. بۇ يەردە مەن نېمە دېمەكچى؟ يانفونىڭىز خۇاۋېي بولسا خۇۋاېينىڭ ئەپ بازىرىنى، شياۋمى بولسا شياۋمى ئەپ بازىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. زۆرۈر تېپىلسا پۇرچاق ئەپ بازىرى، تېڭشۈن ئەپدانى (应用宝) ياكى بەيدۇ، 360 دېگەندەك ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرى، ئومۇملاشقان ئەپ دۇكىنىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئۇششاق- چۈششەك ئەپ بازىرىغا يېقىن يولىماڭ.
2. پۇل مۇئامىلىگە ئالاقىدار بانكا تېرمىنالى قاتارلىق ئۆتكۈر خۇسۇسىي ئۇچۇرلارغا باغلىنىدىغان ئەپلەرنى ئەڭ ياخشىسى ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرمەي، ئىگە تەرەپ تور بېتىدىن چۈشۈرۈڭ. يەنى، بانكا تېرمىنالى، بانكا ھېساباتىغا باغلىنىدىغان مۇھىم ئەپلەرنى چۈشۈرگەندە، شۇ ئەپنى تەمىنلىگەن ئىگە تەرەپ تور بېتىنى ئېچىپ، مۇناسىپ ئۇلانمىنى چېكىپ چۈشۈرگەن ياخشى. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، مەن سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ تېرمىنالىنى چۈشۈرمەكچى بولسام، چوقۇم يانفون ياكى كومپيوتېردا www.icbc.com.cn نى ئېچىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىكى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىنى چېكىپ ياكى ئىككىلىك كودىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈپ قاچىلايمەن.
3. ئەپ قاچىلانغاندىن كېيىن ئادەتتە يانفوننى مۇئەييەن دەرىجىدە كونترول قىلىدىغان ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ. مەلۇم ئەپنىڭ ئىشلىتىشى زۆرۈر بولمىغان ھوقۇقلارنى چەكلەپ قويۇڭ.
4. تور بەتلەردە قالدۇرۇلغان ئەپ چۈشۈرۈش ئۇلانمىسىغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئەپ نامىغا ئاساسەن باشقا ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئىزدەپ چۈشۈرۈڭ.
5. يانفون قىسقا ئۇچۇرى شەكلىدە كەلگەن ئېلان تۈسىدىكى ئۇلانمىدىن ھەرگىز ئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بولمايدۇ. قانۇنلۇق ۋە ئىناۋەتلىك ئورگانلار ئادەتتە ھەرگىزمۇ قىسقا ئۇچۇردا ئەپ ئۇلانمىسى ئەۋەتمەيدۇ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى