ساغلاملىق

بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىش سەۋەبى ۋە فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلى

بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىش سەۋەبى ۋە فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلى

ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ قىزىتمىسىغا قارىتا دائىم نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى يېسە ئەكىس تەسىرىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. ئەگەر دورا ئىچمىسە بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. كۆز ئالدىدا قىزۋاتقان بالىغا قاراپ، قانچىلىك تىت-تىت بولغانلىقىنى دېمەيلا قويايلى.

ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئاساسلىقى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك.

بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىش سەۋەبى ۋە فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلى

قىزىش بولسا كىلىنىكىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى. قىزىشنىڭ ئۆزى بىر خىل كېسەللىك ئەمەس، ئۇ پەقەت كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى.

نېمە ئۈچۈن بالىلار ۋە بوۋاقلار ئاسانلا قىزىپ قالىدۇ؟

قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا ئاسانلا 38 گىرادۇستىن يۇقىرى ئوتتۇرا ھال قىزىتما كۆرۈلىدۇ. باكتېرىيە، ۋىرۇسلار بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، بوۋاقنىڭ قېنىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى (نېيترال دانچە ھۈجەيرە، كىسلاتا خۇمار دانچە ھۈجەيرە قاتارلىقلار)نى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان «ئىچىدىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق مەنبەسى» بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنى غىدىقلاپ، قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بىزنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى يوقىتىشىمىزدىكى ياخشى ياردەمچى ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، قىزىش ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىيەلىنىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

ئەمىليەتتە، بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن بەزىدە ساختا قىزىش ئەھۋالىمۇ يۈز بېرىدۇ.

بەزى بوۋاقلار سەل بىئارام بولسا ئاسانلا قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ياكى دورا ئىچىپ قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن، بەدەن تېمپېراتۇرىسى يەنە تېز ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ پىژغىرىم ئىسسىق ياز پەسلىدە، ئەگەر ئاتا-ئانىلار ھاۋا تەڭشىگۈچنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىسە ياكى بوۋاقلار سۇنى ئاز ئىچسە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىغا ماسلىشالمىسا، يەنە تەكرار قىزىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارمۇ بالىنىڭ كېچىدە قىزىپ قالىدىغانلىقىنى كۆزەتكەن. چۈنكى بوۋاق بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى سۇ تەركىبى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، يېنىك دەرىجىدە سۇ كەمچىل بولسىلا ئىسسىقلىق تارقىتىشقا تەسىر كۆرسىتىپ ئاسانلا قىزىپ قالىدۇ. بالا ئاغرىپ قالغاندا، بەدەن قۇۋۋىتى ناچارلىشىپ، ئۇزاق ئۇخلايدۇ. كېچىدە ئۇزۇن ۋاقىت تاماق يېمىسە، ئاز سۇ ئىچسە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئەلۋەتتە يۇقىرى بولىدۇ.

ئاتا-ئانىلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر بالا ئۇدا ئۈچ كۈن قىزىسا ياخشىلىنىش بولمىسا ياكى بالىدا يۇقىرى قىزىتما، تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، سەۋەبىنى ئېنىقلاش، كېسەلگە قاراپ داۋالاش كېرەك.

قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتسە مېڭە زەخمىگە ئۇچرامدۇ؟

بۇ يەرگە بىز بىر يېڭى ئۇقۇمنى كىرگۈزۈشىمىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ «ئىسسىقتىن تارتىشىپ قېلىش»تىن ئىبارەت. بەش ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلاردا يۇقىرى قىزىتما پەيدا بولغاندىن كېيىن، %5-%2 ئىسسىقلىق خاراكتېرلىك تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ئىسسىق خاراكتېرلىك تارتىشىپ قېلىش يۈز بەرگەندە، بوۋاق ئېسىنى يوقىتىپ، پەي-مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قالدۇ. بىراق، ئىسسىق خاراكتېرلىك تارتىشىپ قېلىشمۇ پەقەت 15 مىنۇتتىن ئارتۇق قوزغالغاندىلا، ئاندىن بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا ئانىلار شۇنى سورىشى مۇمكىن، نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلار قىزىپ قالسا، مېڭە زەخىملىنىشنىڭ ئاسارىتى قالىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سەۋەب-نەتىجىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويغانلىقىدىن بولغان. چوڭ مېڭىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى قىزىشنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرلەمچى كېسەللىك!

بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىش سەۋەبى ۋە فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلى

قىزىتما قانچە گىرادۇس بولسا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچسە بولىدۇ؟

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، قىزىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بالىلار قىزىغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38 ~ 37.5 گىرادۇس بولسا تۆۋەن قىزىتما، 39 ~ 38.1 گىرادۇس بولسا ئوتتۇراھال قىزىتما، 41 ~ 39.1 گىرادۇس بولسا يۇقىرى قىزىتما، 41 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى قىزىتما بولىدۇ.

ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمىسە، بەك جىددىيلىشىپ كەتمەسلىك، بولۇپمۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇشتىن بۇرۇن. ئەگەر قارىغۇلارچە قىزىتمىنى قايتۇرسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ قېلىپ، كېسەلگە دىياگنوز قويۇشقا كاشىلا قىلىشى مۇمكىن.

ئەڭ يېڭى ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسلانغاندا، قانچە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى يېيىش كېرەكلىكى بەلگىلەنمىگەن، بەلكى بوۋاقنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى تەكىتلەش كېرەك، ئەگەر بوۋاق قىزىپ قالسا، ئازادىلىك دەرىجىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىسە، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ئىشلەتسە بولىدۇ. بىراق، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە يەنىلا 38.5تىن ئېشىپ كەتسە، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ئىچسە بولىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىندى.

بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىش سەۋەبى ۋە فىزىكىلىق قىزىتما قايتۇرۇش ئۇسۇلى

قىزىپ قالغاندا قانداق يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك؟

ئادەتتە قىزىشنىڭ ئۆتكۈر مەزگىلى ياكى يۇقىرى قىزىتما مەزگىلىدە ئاساسلىقى سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى، قىزىتما قايتىش مەزگىلىدە يېرىم سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.

بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەردىن كالا سۈتى، گۈرۈچ شورپىسى، ماش شورپىسى، يېڭى مېۋە شەربىتى قاتارلىقلار بار.

ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەردىن نېلۇپەر غولى تالقىنى، سۈت پاراشوكى، شوۋىگۈرۈچ، تۇخۇم، قاتارلىقلار بار.

ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى خىل فىزىكىلىق قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇلىنى بالىلارغا ئىشلەتمەسلىك كېرەك

1. تەرلىتىپ قىزىتمىنى ياندۇرۇش

بىر قىسىم بالىلار تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكتىن سۇسىزلىنىش ياكى «ئىسسىقتىن تارتىشىپ قېلىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ بىر ياش ئىچىدىكى بالىلاردا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، يۇقىرى قىزىتما، تەرلەش، سۇسىزلىنىش، تارتىشىش، ھوشسىزلىنىش ۋە نەپەس ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋال كېلىپ چىقشى مۇمكىن.

2. ئىسپىرتلىق قىزىتما ياندۇرۇش

ئىسپىرتنىڭ ئادەم تېرىسىدىكى پارلىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئېلىپ كېتىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى تېخىمۇ كۆپ، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلسە ئەكسىچە بالىلاردا تىترەك پەيدا قىلىدۇ.

بوۋاق بالىلارنىڭ تېرىسىمۇ ئىنتايىن يۇمران، مۈڭگۈز قەۋىتى نېپىز، شىللىق پەردە قان تومۇرلىرى مول بولۇپ، ئىسپىرت ئاسانلا تېرە ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈپ، بالىلارنىڭ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ يەردە نۇقتىلىق ئەسكەرتىدىغىنى، بالىنىڭ قىزىپ قېلىش جەريانى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش مەزگىلى، يۇقىرى قىزىتما داۋاملىشىش مەزگىلى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەش مەزگىلى.

شۇڭا، ئىلمان سۇدا سۈرتۈش ياكى يۇيۇش، قىزىتما ياندۇرۇش چاپلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدۇ. لېكىن، بوۋاق يۇقىرى قىزىتما داۋاملىشىش مەزگىلىدە سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى