دادىسى PS ئۇستىسى بولسا قانداق بولىدۇ؟ مانا مۇنداق!
زېرىكىپمۇ قالغانسىلەر، بۈگۈن يەڭگىل پاراڭ قىلايلىمۇ.
بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا ھەيران قالارلىق ئىشلار جىق: چەتئەلدە بىر PS ئۇستىسى ئۆزىنىڭ يەتتە ياشلىق ئوغلى سىزغان بالىلارچە قول سىزما رەسىملەرگە تەقلىد قىلىپ، بىر يۈرۈش رەسىملەرنى ياساپ چىققان. نەتىجىدە بىر قاتار قىزىقارلىق ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن.
ئىشقىلىپ بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىغا چوڭلار ھەيران.
دادىسىنىڭ رەسىمى
تەسەۋۋۇر دېگەن يەتكۈچە بار
بۇنى بىركىمگە ئوخشىتالىدىڭلارمۇ
توغرا، ئاشۇ رەسىمدىكىسى شۇ
كارتون فىلىمدىكى ئوبرازلار
مۇننالىزا
مۇئەللىمىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەن
万圣节的时候,画个幽灵。
萌萌的幽灵,还真像模像样。
تراكتور ئاقسا چىقىپتۇما
شەپەرەڭ پالۋان
بۇ سىزغىنى كىم، پەرەز قىلالىدىڭلارمۇ
توغرا، مايكول جېكسون
بۇ يوغان قۇلاق زادى نېمە
ئوغلى بەزىدە ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچە ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان جانلىقلارنى ۋە نەرسىلەرنى سىزىدۇ، ئەمما ئاتا ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بۇنداق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس دەپ باقمىغان، بەلكى رەسىمگە ئۆزىنىڭمۇ تەسەۋۋۇرىنى قوشۇپ تېخىمۇ ئاجايىپ تۈسكە كىرگۈزگەن
ئوغلى تولىمۇ سەبىيلەرچە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن دادىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ماشىنا سىزىپ سوۋغا قىلغان
ئاتا بالا ئىككىلىسى ياقتۇرىدىغان پەي توپ چولپىنى مۇللىي
ياخشى كۆرىدىغان چولپان يارىلانغاندا ئۇنىڭ زەخمىلەنگەن ھالىتىنى سىزغان ھەمدە رەسىم ئۈستىگە تېزراق ساقايغىن دەپ تىلەك سۆزى يېزىپ قويغان
بۇ خىل رەسىم ئىجادىيىتى ئاتا بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنىڭ بىر خىل شەكلىگە ئايلىنىپ كەتكەن
دادىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ رەسىم سىزىش ئىشتىياقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئاساسەن سىزمىغان نەرسىسى قالمىغان، ماھارىتى تېز ئىلگىرىلىگەن
ئوغلى ھازىر كومپيوتېردا ھەرىكەتلىك رەسىم سىزىشنى مەشق قىلىۋاتىدۇ
بۇ ئاتا بالىنىڭ ئەسەرلىرى ئويلىمىغان يەردىن زور تەسىر قوزغاپ، قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە 120 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىگە ئىگە بولغان.
سۈرەتتىكىسى بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ئاتا بالا شۇ
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى