كومپيوتېر

بەيدۇ دېسكىسىدىن تېز چۈشۈرۈش- ئىشلىتەلمىدىڭىزمۇ؟ مانا ئەمىسە

بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش

 

ئالدىنقى تېمىدا بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان ئىككى يۇمشاق دېتالنى تونۇشتۇرغان. ئەسلىدە تەپسىلىي ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قىزىققۇچىلارنىڭ ئىزدىنىپ كۆرۈشىگە قالدۇرغان ئىدۇق. ئارقا سۇپىدا بۇ ھەقتە قىزىق ئىنكاسلار بولدى (سۆز قالدۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغاچ، ئىنكاس يازالمىغانلارمۇ كۆپ ئەلۋەتتە). 

كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاستىكى قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ تېمىدا تەپسىلىي توختىلىشنى توغرا تاپتۇق.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

1. Proxyee-down

چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى ئالدىنقى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان بولغاچ، بۇ يەردە ئارتۇقچە توختالمىدۇق. 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز:

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

قىستۇرما چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، 百度云 نىڭ ئۇدۇلىدىكى 未安装 دېگەن خەت يېشىل رەڭلىك 已安装 غا ئۆزگىرىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۇمشاق دېتال بەيدۇ تور دېسكىسىنىڭ تور بەت نۇسخىسىغا بىر دانە قىستۇرما قوشىدۇ.

ئاندىن تور كۆرگۈچتە بەيدۇ تور دېسكىسىنى ئېچىپ، تىزىملىتىپ ھۆججەت باشقۇرۇش كۆزنىكىگە كىرىمىز. چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ، يۇمشاق دېتال قوشقان قىستۇرما كونۇپكىنى (بەزى نەشىرلىرىدە PD دەپ چىقىشى مۇمكىن) بېسىپ چۈشۈرسەك، سۈرئەت چەكلىمىسىز چۈشۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

图片

2. BND

بۇنىڭ چۈشۈرۈپ قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ ئالدىنقى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

تور كۆرگۈچتە بەيدۇ تور دېسكىسىغا تىزىملىتىپ كىرىمىز. چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى تاللايمىز. ئاندىن تور كۆرگۈچتە تۇرۇپ F12 كونۇپكىسىنى باسساق، رەسىمدىكىدەك يان كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ يەردىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە BDUSS كودىغا ئېرىشىمىز ۋە بۇنى كۆچۈرۈۋالىمىز (تېز ئۈچ قېتىم چەكسەك تاللىنىدۇ، ئوڭ چېكىپ كۆچۈرىمىز).

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئاندىن BND يۇمشاق دېتالىغا قايتىپ، كودنى چاپلاپ چۈشۈرۈشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئىلاۋە: 

سالونىمىزدا يوللانغان مەشغۇلاتقا دائىر مەزمۇنلار بىر نەچچە قېتىم سىناپ (ھەتتا ئوخشىمىغان سىستېمىلاردا)، ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئېھتىماللىقلارنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. بەزى تېمىلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ھەتتا نەچچە كۈن كېتىدۇ. 

بەزىلەر ئىشلىتەلمىسە ئۆزىدىن كۆرمەي، بەيدۇنى ئېچىپ Proxyee-Dowsn使用教程 دەپ ئىزدەشنىڭ ئورنىغا بىزنى «ئالدامچى، قويمىچى» دەپ ئارقا سۇپىغا ئىنكاس يازغانلارمۇ بولدى (بىزگە بەك چوڭ مەسئۇلىيەت ئارتىپ، كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىساق تۈكۈرۈك چاچراتقان قىزىق قان ئوقۇرمەنلەردىن سەمىمىي ھال سورايمىز)، ئۆزەڭلارنى ئاسرىغايسىلەر.

ئوقۇرمەنلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم – زادىلا ئىزدىنىپ باقماي تۇرۇپ ئارقا سۇپىغا سوغۇق ئىنكاس يېزىشقا ئالدىرىمىساق، مەسىلە بولسا چىرايلىق ئىنكاس قالدۇرساڭلار ئورتاقلاشساق بولىدۇ. بۇ يەردە ئۆز ئارا ئۆگىنىمىز دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.

سالامەت بولۇڭلار. ياخشى دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى