سىستېما رايونىدىكى قالدۇق ھۆججەتلەرنى ئۈنۈملۈك تازىلاش ئۇسۇلى
C رايوندىكى قالدۇق ھۆججەتلەرنى ئۈنۈملۈك تازىلاش ئۇسۇلى
C دېسكىغا ھېچنېمە قاچىلىمىساممۇ تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن توشۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشقا C رايونغا قاچىلانغان كۆپ نەرسىمۇ يوق، نېمىشقا ئۆزلۈكىدىن توشۇپ قالىدۇ؟
بۇ ئەسلىدە ئارقا سۇپىغا بىر ئوقۇرمەن قالدۇرغان سوئال ئىدى. چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك مەزمۇن بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، «سوئال- جاۋاب» سەھىپىسىگە قويماي ئايرىم بىر تېما قىلدۇق. ئېنىقكى، بۇ پەقەت شۇ بىر ئوقۇرمىنىمىزلا يولۇققان مەسىلە ئەمەس…
كومپيوتېرنى ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، C رايوندىكى ئىشلىتىلگەن بوشلۇق بارغانسېرى چوڭىيىپ، سىستېما بۇرۇنقىدەك راۋان بولماي قالىدۇ.
مەشغۇلات سىستېمىسى خىزمەت قىلىش جەريانىدا، سىستېما رايونى بولغان C دېسكىدا مىنۇت- سېكۈنت نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلىق ھۆججەت ھاسىل بولىدۇ.
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىش؛
2. سىستېما ئاپتوماتىك زاپاسلىغان، ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىنمۇ كومپيوتېر بىنورمال ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىدىن قاتتىق دېسكىدىن ئۆچمەي قالغان قالدۇق ھۆججەتلەر؛
3. سىستېما ياماقلىرىنى چۈشۈرگەندە قېپقالغان قالدۇق ھۆججەتلەر؛
4. قوللانما يۇمشاق دېتالدا چوڭ سىغىملىق ھۆججەتلەرنى تەھرىرلىگەندە ھاسىل بولغان ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر كومپيوتېردا بىنورماللىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا ئۆچمەي قېپقالغان قالدۇق ھۆججەتلەر؛
5. كېسىش- كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى بىنورمال ئاخىرلىشىش؛
6. كومپيوتېر ۋىرۇسى.
ئادەتتە، بۇ ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرگە ئائىت مەشغۇلات ئاياغلاشقاندا، ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدىغان بولۇپ، بەزىدە تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆچمەي قېلىپ، قاتتىق دېسكىدا قالدۇق ھۆججەت پارچىلىرى شەكىللىنىدۇ:
1. كومپيوتېر قېتىپ قېلىش؛
2. كومپيوتېر بىنورمال ئۆچۈرۈلۈش؛
3. يۇمشاق دېتالدىكى Bug (نۇقسان)؛
4. كومپيوتېر ۋىرۇسى.
ئۇنداقتا، بۇ قالدۇق ھۆججەتلەرنى قانداق تازىلايمىز؟
«كومپيوتېر» 【此电脑】 كۆزنىكىنى ئېچىپ، C رايوندا ئوڭ چېكىپ خاسلىقىنى ئېچىڭ.
بۇنىڭ ئىچىدىن «ماگنىتلىق دېسكا تازىلاش» 【磁盘清理】 كونۇپكىسىنى چەكسەك، C رايوندا ساقلىنىپ قالغان ۋاقتى ئۆتكەن قالدۇق ھۆججەتلەرنى ئىزدەيدۇ.
ئىزدەش تامام بولغاندا، قالدۇق ھۆججەتلەرنى تۈرى بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردىن بارلىق تۈرگە بەلگە قويۇپ، «جەزملەش» نى باسساق تازىلىنىپ كېتىدۇ.
تازىلاپ بولغاندىن كېيىن بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، يەنە باشتىن قايتا ئىجرا قىلىڭ ھەمدە قالدۇق ھۆججەتلەرنى ئىزدەش تامام بولغاندا «جەزملەش» نى بېسىپ تازىلىۋەتمەستىن، ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تۈرلەر بويىچە (清理系统文件 نى ۋە 其它选项 نىڭ ئىچىدىكى 系统还原 نىڭ ھۆججەتلىرىنى) تازىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
سىستېما ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى قالدۇق ھۆججەتنى تازىلاشقا ئۇزاقراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاڭ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى