چەمبىرەككە بۇ خىل مەزمۇنلارنى چىقارماڭ
دوستلار چەمبىرىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىۋاسىتە كەيپىيات ئىپادىلەش شەكلى ۋە تەبرىكلەش شەكلىگە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمما سىز بىلەمسىز؟ بەزى ھەرىكەتلەر شەخسنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن، ناۋادا يامان غەرەزلىك كىشىلەر كۆرۈپ پايدىلانسا، ئۆيىڭىزدىكى ياكى شەخسىي پۇل-مېلىڭىز ئوغرىلىنىشى ھەتتا ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا تېلېفون ئوينىغاندا، سۈرەت چىقارغاندا زادى نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
شەخسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى ئاشكارىلاپ بالاغا قېلىشتىن ئاگاھ بولۇڭ
پويىز بېلىتى، ئايروپىلان بېلىتى ۋە باشقا سالاھىيەت ئۇچۇرى بار گۇۋاھنامىلەرنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارماڭ
نۇرغۇن كىشى كاماندىروپكىغا چىققاندا، ساياھەتكە بارغاندا پويىز بېلىتى، ئايروپىلان بېلىتى قاتارلىقلارنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۆزىنى قوغداش ئېڭى كۈچلۈكرەك كىشىلەر ئىسىم-فامىلىسى بار تەرەپنى غۇۋالاشتۇرۇپ چىقىرىدۇ-يۇ، بېلەت يۈزىدىكى مەزمۇنلارغا ئېرەن قىلمايدۇ.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، ئايروپىلان بېلىتىنىڭ تاياقسىمان كودى ياكى ئىككىلىك كودىدا يولۇچىنىڭ كىملىك نومۇرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرى بار بولۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا بىخەتەرلىك ئۈچۈن بېلەتلەرنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ، يىتتۈرۈپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ، ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل ئۇششاق يىرتىۋېتىشتۇر.
پاسپورت، ئۆيىڭىزنىڭ ئاچقۇچى، ئاپتوموبىل تاختىڭىزنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارماڭ
بۇنداق ئۇچۇرلار بولغان سۈرەتلەر سىزنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزنى ، شۇنداقلا تۇرمۇش چەمبىرىكىڭىزنىڭ دائىرىسىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
ئورنىڭىزنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارماڭ
ناۋادا دوستلار چەمبىرىكىگە ئورۇن ئۇچۇرىڭىز بولغان سۈرەتنى يوللىسىڭىز، ئاسانلا شەخسىي ئادرېسىڭىزنى ئاشكارىلاپ، يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق دېلو سادىر قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىسىز.
بالىڭىزنىڭ سۈرىتى ۋە ئىسىم-فامىلىسىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارماڭ
رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئالدامچى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى تونۇمايدۇ، ئەمما ئۇلار قانداق قىلىپ بالا ۋە ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىسمىنى بىلەلەيدۇ، يەنە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ سۈرىتىگە ئىگە بولالايدۇ؟ سەۋەبى دەل ئۈندىدارنىڭ «يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەر» تەڭشىكىدە.
بالىسىنىڭ سۈرىتىنى چەمبىرەككە چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاتا-ئانىلار ھەمبەھرىلىنىش دائىرىسى بېكېتىپ قويغىنى، گۇرۇپپا شەكلىدە يېقىنلىرى بىلەن ھەمبەھرىلەنگىنى تۈزۈك.
ئۆيىڭىزدىكى ياشانغانلارنىڭ سۈرىتىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارماڭ
ئۆيىڭىزدىكى ياشانغانلارنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلسىڭىز، يامان غەرەزلىك كىشىلەر ئۇلارنى تونۇۋېلىشى مۇمكىن. ناۋادا بەزىلەر تۇيۇقسىز ئۇلارغا نەۋرىسىنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ ھەرقانداق يالغان سۆزدىن بىرەر جۈملە قوشۇپ قويىدىغانلا بولسا، ياشانغانلار بىر ئۆمۈر تاپقان-تەرگىنىنى ئاسانلا ئۇلارغا بېرىۋېتىشى مۇمكىن.
2
كۈندىلىك ئادىتىڭىزدە مۇنۇلارغا ئاگاھ بولۇڭ
ئادەتتە سىرتقا چىققاندا
كۈنتەرتىپىڭىز، يۈرۈش-تۇرۇشىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماڭ، بولمىسا ئوغرىلار ئۆيىڭىزدە ئادەم يوقلۇقىنى بىلىپ ئوغرىلىققا كىرىشى مۇمكىن.
بايراملاردا ساياھەتكە چىققاندا
ئادەم كۆپ، قاتناش قىستاڭ بولۇش، قاتناش ۋەقەسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە يولۇقسىڭىز، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ قارىغۇلارچە تارقاتماڭ.
ئاياللارغا نىسبەتەن
قىممەتلىك زىبۇ-زىننەتلەر، داڭلىق ماركىلىق سومكىلار قاتارلىقلارنى ئازراق كۆز-كۆز قىلىڭ، بولمىسا ئاسانلا يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويىسىز.
مۇھەببەت مەسىلىسى ھەققىدە
مۇھەببەت جەھەتتىكى نارازىلىقلىرىڭىزنى ئازراق ئېلان قىلىڭ، چۈنكى بۇنداق ئۇچۇرلار ئاسانلا يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويىدۇ، شۇنداقلا كىشىلىك ئالاقىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3
يان تېلېفون ئىشلىتىشنىڭ ئەپچىل چارىلىرى
«ئەتراپتىكى كىشىلەر» ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىڭ
ئۈندىداردىكى «ئەتراپتىكى كىشىلەر» ئىقتىدارى ئارقىلىق سىزنىڭ ئورنىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ. تەرتىپ بويىچە «تەڭشەك-ھەممىباب-بايقاش بېتىنى باشقۇرۇش-ئەتراپتىكى كىشىلەر» ئىقتىدارىنى ئېچىپ، «بايقاش بېتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى ئېتىش»نى باسسىڭىز بولىدۇ.
«كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىش» ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىڭ
«شەخسىي ئۇچۇر» تاللاش تۈرىدىن «ناتونۇشلارنىڭ 10 پارچە دوستلار چەمبىرىكى ئۇچۇرىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىش» ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىڭ.
يان تېلېفونىڭىز يىتۈپ كەتسە دەرھال مۇنداق قىلىڭ!
تېلېگراف شىركىتى (جۇڭگو تېلېگرافى 10000، كۆچمە خەۋەرلىشىش 10086، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 10010)گە تېلېفون بېرىپ يان تېلېفون نومۇرىڭىزنى يىتكەنلېكىنى مەلۇم قىلىڭ؛ بانكىغا تېلېفون بېرىپ يان تېلېفون تور بانكىڭىزنى توڭلىتىۋېتىڭ؛ 95188غا تېلېفون بېرىپ چىقىمدان نومۇرىڭىزنى باغلاقتىن چىقىرىڭ؛ 110.qq.comغا چىقىپ ئۈندىدارنى باغلاقتىن چىقىرىڭ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى