توردىكى سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
بەزىدە تور ئارىلاۋېتىپ ياكى ماتېرىيال ئىزدەۋېتىپ، ياقتۇرۇپ قالغان سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈۋالغۇمىز كېلىدۇ. ئەمما، سىن ھۆججىتى چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنمىگەن بولسا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالىمىز.
بۇرۇن IE نىڭ كونا نەشىرلىرىدە Internet选项 نىڭ ئىچىدە ۋاقىتلىق ھۆججەتكە كۆز يۈگۈرتىدىغان ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قىسقىراق سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈۋالغىلى بولاتتى، ھازىر بۇ ئامالمۇ ئانچە ئېقىپ كەتمەيدۇ.
ئۇنداقتا، بۈگۈنكى تېمىدا مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىمىز.
بۇ دەرسنىڭ ئومۇمىي مەشغۇلات تەرتىپى مۇشۇنداقراق. ئاۋۋال سىن فىلىم قويۇلۇۋاتقان تور بەتنىڭ ئادرېسىنى ئېلىۋالىمىز ھەمدە ۋاستىچى يۇمشاق دېتاللار ياكى تور بەتلەردىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۈش ئادرېسىغا ئايلاندۇرىمىز. ئاندىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى كۆچۈرۈپ چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتالىغا (مەسىلەن شۈنلېي) چاپلايمىز.
ئۇنداقتا، بىر دانە سىن ھۆججىتىنى مىسال قىلايلى:
1. سىن قويۇلۇۋاتقان تور بەت ئادرېسىنى كۆچۈرۈۋالىمىز:
2. يېڭى بەتكۈچتە تۆۋەندىكى تور بەتنى ئاچىمىز:
flvcd.com
3. بۇ توربەتتىكى ئىزدەش رامكىسىغا بايا كۆچۈرۈۋالغان فىلىمنى قويۇش ئادرېسىنى چاپلاپ، ئاندىن ئىزدەش 【开始Go】 كونۇپكىسىنى باسىمىز.
4. تور بەت ھاسىللىغان چۈشۈرۈش ئادرېسىنى كۆچۈرۈۋالىمىز ھەمدە شۈنلېينى قوزغىتىپ، يېڭىدىن چۈشۈرۈش رامكىسىنى ئېچىپ، ئۇ يەرگە چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چاپلاپ چۈشۈرۈشنى باشلايمىز.
5. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قارىغۇدەك بولساق، بىر يەرلىرى بىرقانداقمۇ يا؟
بىزنىڭ چۈشۈرمەكچى بولغىنىمىز index.html ھۆججىتى ئەمەستى يا؟
ھېچقىسى يوق، ھۆججەتنى چۈشۈرگەن مۇندەرىجىنى ئېچىپ، ھۆججەت نامىنى ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ. كېڭەيتىلگەن نامىنى چوقۇم mp4 كە ئۆزگەرتىمىز.
قوشۇمچە قىلىپ دەپ قويىدىغان، قۇلاققا ياقمايدىغان بىر گەپ: بۇ ئامال ھەممە تور بەتتىكى سىن ھۆججىتىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن بىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان youku ۋە 腾讯视频 تور بېكىتىدىكى سىن ھۆججەتلىرىنى بۇ ئامالنى ئىشلىتىپ چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. باش بەتتىكى «قوللاش تىزىملىكى» 支持列表 نى چەكسەك، بۇ تور بەت ئارقىلىق چۈشۈرۈش ئادرېسى ھاسىللىغىلى بولىدىغان سىن تور بەتلىرى كۆرۈنىدۇ:
(يۇقىرىدىكى تور بەتنىڭ يەنە تېرمىنال يۇمشاق دېتالى تەمىنلەنگەن، قىزىققۇچىلار ئۆزى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ سىناپ كۆرسە بولىدۇ)
ئۇنداقتا، يوۋكۇ ۋە تېڭشۈن سىن تور بېتىدىكى سىن ھۆججەتلىرىنى قانداق چۈشۈرىمىز؟ يوۋكۇدىن چۈشۈرۈش ھەققىدە بىلوگدا بۇرۇن تېما يوللانغان. تېڭشۈندىن چۈشۈرۈش ھەققىدە ئايرىم توختىلىمىز.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى