كومپيوتېر

يېڭى چىقىۋاتقان كومپيوتېرلارغا نېمىشقا Win7 قاچىلىغىلى بولمايدۇ

نېمە ئۈچۈن يېڭى چىقىۋاتقان كومپيوتېرلارغا Windows7 سىستېمىسىنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ؟ بۇنى كومپيوتېر ساتقۇچىلاردىن سورىسىڭىز تومتاقلا قىلىپ «مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى بەك ئىلغار بولغانلىقتىن، كونا سىستېمىنى قوللىمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ھىم، ئۆزىمىزنى دۆت، ئۇلارنى ئەقىللىق دەپ تۇرايلى: بەك ئىلغار بولۇش ئۈچۈن ئەجەبا بەزى بىر ئىقتىدارلىرى جەزمەن كەمتۈك بولۇشى كېرەكمۇ؟

بۇ مەسىلىگە بىر ئاممىباپ چۈشەنچە بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقايلى.

Intel100 يۈرۈشلۈك ئاساسىي تاختىنىڭ USB كېلىشىمىدە ئەڭ يېڭى XHCI ئاساسىي كونترول ئېغىزى قوللىنىلغان بولغاچقا، بۇ خىلدىكى ئاساسىي تاختا دەسلەپكى EHCI ئاساسىي كونترول ئېغىزىنى قوللىمايدۇ. شۇڭلاشقا، USB ئېغىزىنى EHCI ئۆلچىمىدىكى قوزغىتىش پروگراممىسىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. يەنى، Windows7 مەشغۇلات سىستېمىسىنى بارماقدېسكىدىن يېتەكلەپ قاچىلىغىلى بولمايدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

يېڭى كومپيوتېرنىڭ Windows7 نى قوللىماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەب زادى نېمە؟ سەۋەب تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن:

 

01

قاتتىق دېتالنىڭ قوللىشى كەمچىل بولغاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى، مىكروسوفت ۋە ئىنتېل شىركىتى ئۆز ئارا كېلىشتى: يەنى، ئەڭ يېڭى قاتتىق دېتالنىڭ Windows7 نى قوللىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھازىر UEFI بولسا ئاساسىي ئېقىم بولغان خۇسۇسىي كومپيوتېرلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. كونا كومپيوتېر بولسا ئەنئەنىۋى BIOS نى ئىشلىتىدۇ. UEFI غا نىسبەتەن، Windows8 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىردىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئۇنى قوللايدۇ. نۆۋەتتە، ئىنتېل شىركىتى 2020- يىلىدىن بۇرۇن UEFI بىلەن ئەنئەنىۋى BIOS نىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى توسۇشنى قارار قىلدى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

02

بۇرۇنقى WindowsXP سىستېمىسىغا ئوخشاش، مىكروسوفت شىركىتى پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا مۇنچىۋالا ئالقىشلىق Windows7 سىستېمىسىدىن نېمىشقا ۋاز كېچىدۇ؟ پەقەت Windows10 كە ئورۇن بوشىتىش ئۈچۈنلىمۇ؟ ياق، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، كونا سىستېما يېڭى قاتتىق دېتالنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بولۇشىنى قاتتىق دېتال كارخانىلىرىمۇ ئەلۋەتتە خالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەممەيلەن ئەينى ۋاقىتتىكى شانلىق تارىخ ياراتقان WindowsXP نىڭ نېمە ئۈچۈن شاللانغانلىقىنى بىلىدۇ: ئۇ يېڭى قاتتىق دېتال ئىنقىلابىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ؛ قوش كۆرسىتىش كارتىسىنى قوللىمايدۇ؛ ئىچكى ساقلىغۇچ 4 گېگابايتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ… دېگەندەك.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۈگۈنكى كۈندە، ئەينى چاغدا كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كەلدى: Windows7 مۇ بەئەينى WindowsXP ئەينى ۋاقىتتا يولۇققانغا ئوخشاش تەقدىرگە يولۇقتى. مەسىلەن: Windows7 يېقىن كەلگۈسىدە يۈزلىنىش بولىدىغان چىراي پەرقلەندۈرۈشنى ۋە چەكمە كونترول (سېزىمچان ئېكران) قاتارلىقلارنى يادروسىدىن قوللىمايدۇ (چاپان كىيدۈرۈپ يۈرۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشتى)؛ Intel نىڭ يېڭى قارا تېخنىكىسى دەپ ئاتىلىۋاتقان OPTANE ئىچكى ساقلىغۇچىنى قوللىمايدۇ ۋە ھاكازالار.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

دېمەك، بىزدەك ئۇششاق ئىشلەتكۈچىلەر كومپيوتېرغا Windows7 قاچىلىيالمىدىم دەپ يېڭى قاتتىق دېتالغا ھومىيىۋاتقان چاغدا، Microsoft، Intel دەك تېخنىكا ماگناتلىرى تېخنىكا دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى بىر قارارلارنى ئالغان بولىدۇ.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى