ھۆججەتلەر كۆپ ھەم قالايمىقان، قانداق رەتلەش كېرەك
كومپيوتېرنى ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، خۇسۇسىي ھۆججەتلەر كۆپىيىپ، بىرەر ماتېرىيال لازىم بولغاندا تېپىش ئۈچۈن بىر مۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ ئىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى بەك سىقىدۇ. ئۇنداقتا، ھۆججەتلەرنى قانداق رەتلەش كېرەك؟ ھۆججەتكە مەزمۇنىغا ئاساسەن بىر- بىرلەپ قايتا نام بېرىپ چىقىش بەكمۇ ۋاقىت ئالىدىغان ئىش.
بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا Windows Vista نەشرىدىن باشلاپ ھۆججەتنىڭ نامىنى توپ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. ئۇنداقتا بۇ ئۇسۇل زادى قانچىلىك قالتىس؟ تۆۋەندە ئەمەلىي مىسال بىلەن ئىشلىتىلىشىنى كۆرۈپ باقايلى. مىسال ئۈچۈن مەلۇم مۇندەرىجىدە كۆپلىگەن رەسىم ھۆججىتى بار دەپ تۇرايلى:
بۇلارنىڭ نامىنى توپ ئۆزگەرتىپ رەتلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئامال قوللانساق بولىدۇ:
1. بارلىق ھايۋانات رەسىملىرىنى تاللىۋالايلى.
ماھارەت: كۆپ ھۆججەتنى تاللاش ئۈچۈن، بىر ھۆججەتنى تاللاپ، Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ يەنە بىر ھۆججەتنى تاللىساق، بۇ ئىككى ھۆججەت ئارىلىقىدىكى بارلىق ھۆججەتنى تاللاپ بېرىدۇ. ئۈزلۈكسىز بولمىغان ھۆججەتلەرنى كۆپ تاللاش ئۈچۈن Ctrl كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ تاللىساق بولىدۇ. Win10 دا بولسا كۆزنەكتىكى 查看 نىڭ ئىچىدىن 项目复选框 غا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ، ئاندىن ھۆججەت ئالدىدا پەيدا بولغان تەكرار تاللاش رامكىسى ئارقىلىق مائۇستا كۆپ ھۆججەتنى تاللاشقا بولىدۇ:
2. تاللاپ بولغاندىن كېيىن، F2 كونۇپكىسىنى باسساق، ئەڭ ئاخىرىدا تاللانغان ھۆججەت ئىسىم ئۆزگەرتىش ھالىتىگە كىرىدۇ (ياكى تاللانغان ھۆججەتتە ئوڭ چېكىپ 重命名 نى ئىجرا قىلساقمۇ بولىدۇ)، ئاندىن 动物 دېگەن ھۆججەت نامىنى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرىمىز.
نەتىجىدە تاللىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئىسمى كەينىگە تەرتىپ نومۇرى سېلىنغان ھالەتتە بىراقلا ئۆزگەردى ۋە ھۆججەتلەرنىڭ تىزىلىش تەرتىپى يېڭىلاندى.
3. ئەمدى بارلىق ئۆسۈملۈك رەسىملىرىنى تاللىۋالايلى ۋە يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ھۆججەت نامىنى 植物 دەپ ئۆزگەرتەيلى. نەتىجىدە تۆۋەندىكى ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز:
4. ئەمدى بارلىق ئادەم رەسىملىرىنى تاللاپ، ھۆججەت نامىنى 人物 دەپ ئۆزگەرتىمىز.
5. ئاخىرىدا قېپقالغان بارلىق رەسىمنى تاللاپ، ھۆججەت نامىنى 其它 دەپ ئۆزگەرتىمىز.
نەتىجىدە بىر مۇندەرىجىدىكى بارلىق رەسىمنىڭ نامىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتىپ رەتلىۋالدۇق. بۇ ئۇسۇل رەسىم ھۆججىتىگىلا ئەمەس، بارلىق ھۆججەتلەرگە ماس كېلىدۇ. ھۆججەتلىرىڭىز رەتلىك بولسا ئىزدەپ تېپىشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئازىيىپ، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز يۇقىرى بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. بۇ ئۇسۇلدا ھۆججەت قىسقۇچنىڭ نامىنىمۇ توپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
2. بۇ ئۇسۇلدا ھۆججەتنىڭ ئاساسىي نامىلا ئۆزگىرىدۇ، كېڭەيتىلگەن نامى (ھۆججەت تىپى) ئۆزگەرمەيدۇ.
3. نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ھۆججەتنىڭ نامىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز. ئەگەر ھۆججەت نامىنى ئۆزگەرتكەندە خاتالىق ئۇچۇرى چىقسا ئارقا سۇپىدىكى ئىجرا بولۇۋاتقان ھۆججەتلەرنى تاقىۋېتىپ قايتا سىناڭ، يەنە بولمىسا كومپيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ ئاندىن سىناڭ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى