كومپيوتېر

ئەلى بابا ئېلان قىلغان «بۇلۇت كومپيوتېرى» نى چۈشىنىپ باقايلى

ئەلى بابا ئېلان قىلغان «بۇلۇت كومپيوتېرى» زادى قانداق نەرسە

 

9- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئەلى يۈننىڭ باش لىدىرى جاڭ جيەنفېڭ 2020- يىللىق بۇلۇت تېخنىكا يىغىنىدا، ئەلى يۈننىڭ تۇنجى بۇلۇت كومپيوتېرى «سايىسىز» (无影) نى ئېلان قىلدى، بۇ بىر بۇلۇت ھېسابلىغۇچ ۋە بۇلۇت ساقلىغۇچىدىن تۈزۈلگەن «دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيوتېر» بولۇپ، ئاساسىي تاختىسى يوق، شۇنداقلا ئاساسىي تاختا ۋە CPU نى كۆرگىلى بولمايدۇ. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇ قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ فۇنكىسىيىسى بۇلۇت سانلىق مەلۇمات مەركىزىدىكى مۇلازىمىتىر ئارقىلىق يىراقتىن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچى پەقەت بىر پارچە ئىسىم كارتىسى چوڭلۇقىدىكى  C-Key نى بىر ئېكرانغا ئۇلاپ، بارماق ئىزى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرسىلا، ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بۇلۇت كومپيوتېرىغا ئىگە بولىدۇ.

بۇلۇت كومپيوتېرىدا نېمىلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟

ئۇنىڭدا خۇددى ئادەتتىكى كومپيوتېرغا ئوخشاش ھەر خىل ئەمەلىي قوللىنىش پروگراممىلىرىنى يۈرگۈزۈپ خىزمەت قىلغىلى بولغاندىن باشقا يەنە ھۆججەتلەرنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ، ھەر ۋاقىت بۇلۇت ئۈستىدە ھېسابلاش كۈچىنى كېڭەيتىپ، ئىش بېجىرىش، لايىھەلەش، مودېل ياساش، 3D كارتون ئىشلەش قاتارلىق مەشغۇلاتنى بىمالال ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. 

شۇنىسى مۇمكىنچىلىككە ناھايىتى يېقىن: كەلگۈسىدە ھەممە ئادەم بۇلۇت مۇلازىمىتىرىدا ئۆزىنىڭ بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيوتېرىغا ئىگە بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ بۇلۇت كومپيوتېرىنىڭ ئىقتىدارىنى خالىغانچە كېڭەيتكىلى بولىدىكەن. 

ئۇ ئەنئەنىۋى كومپيوتېرنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلاپلا قالماي، يەنە ئەنئەنىۋى كومپيوتېردا ئىشلىيەلمەيدىغان ياكى ياخشى ئىشلىيەلمەيدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگىلى بولىدىكەن. مەسىلەن، كارتون رەڭ بېرىش، چېرتيوژ لايىھەلەش، يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغان خىزمەتلەر. 

كۆلەڭگە سىستېمىنىڭ قوللىشى بىلەن قاتتىق دېتال مەنبەسىنى  كېڭەيتكىلى بولىدىغان بولۇپ، قوللىنىشتا ئېھتىياجغا ئاساسەن مەنبەنى ئېلاستىك ھالدا 104 يادرولۇق  بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1.5T ئىچكى ساقلىغۇچقا كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرغىلى بولىدۇ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇلۇت كومپيوتېرىدا ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىقتىدار سەپلىنىدۇ، ئوخشاش ئىقتىدار ئاستىدىكى باھا ئەنئەنىۋى  PC نىڭ يېرىمىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چەكسىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللايدۇ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بىر قېتىم كومپيوتېرنى شاللاپ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز. بارلىق سانلىق مەلۇماتلار بۇلۇت ئۈستىدە ساقلىنىدۇ، كومپيوتېرنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ، ۋىرۇستىن تېخىمۇ قورقمايدۇ، ئەلى بۇلۇت سانلىق مەلۇمات مەركىزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك بىخەتەرلىك قوغدىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

图片

ئىشلەتكۈچى تېرمىنالى جەھەتتىكى ئەۋزەللىك

چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئىشلەتكۈچىلەر ئېھتىياجىغا ئاساسەن يانفون، تاختا كومپيوتېر ياكى كۆرسەتكۈچ ئېكران+ C-Key قاتارلىق كۆپ خىل تېرمىنال مۇھىتىدا بۇلۇت كومپيوتېرىنى ئىشلىتەلەيدۇ. سىرتلاردا خىزمەت قىلغاندا ياكى زىيارەت- ساياھەتلەرگە چىققاندا ئېغىر خاتىرە كومپيوتېرىنى ئېلىۋالمىسىمۇ بولىدۇ. ھەتتا PC كومپيوتېرىنى بۇلۇت كومپيوتېرىغا ئۇلاپ، تېرمىنال ئورنىدا پايدىلىنىپ مەشغۇلات قىلالايدۇ. بۇنداق بولغاندا، تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپيوتېردا يۇقىرى سەپلىمە تەلەپ قىلىدىغان ئويۇنلار ۋە قوللانمىلارنى بىمالال ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

يېقىن كەلگۈسىدە 5G نىڭ ئومۇملىشىشى ۋە كۆچمە تور بەلباغ كەڭلېكىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بۇلۇت كومپيوتېرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ بەلكىم ئەنئەنىۋى PC كومپيوتېر ساھەسىگە ئاغدۇرۇش خاراكتېرىلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى