كومپيوتېر

كومپيوتېرنى تېلېۋىزورغا سىمسىز ئۇلاش

ئائىلىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا ئۇلىنىش پەيدىنپەي ئومۇملىشىۋاتىدۇ ھەم بۇ كەلگۈسى ئەقلىيلەشكەن ئائىلە سايمانلىرىنىڭ بىر يۈزلىنىشى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۈگۈنكى تېمىدا قول كومپيوتېرىنى تېلېۋىزورغا سىمسىز ئۇلاش ھەققىدە بىر تەجرىبە تونۇشتۇرىمىز.

سىناق قىلىنغان كومپيوتېر- ThinkPad Yoga-S1؛ سىستېما مۇھىتى: Win10 نىڭ 64 بىتلىق كەسپىي نەشرى قاچىلانغان.

سىناق قىلىنغان تېلېۋىزور- Philips-55؛ سىستېما مۇھىتى: Android5.1 سىستېمىسى قاچىلانغان.

بىرىنچى قەدەمدە تېلېۋىزوردىن 无线投屏 ناملىق ئەپنى قوزغىتىمىز.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇ ئەپنىڭ نامى بەزى تېلېۋىزورلاردا ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ.

ئەپ قوزغىتىلغاندىن كېيىن تېلېۋىزورىمىز قوللىيالايدىغان ئۇلاش شەكىللىرى چىقىدۇ. ئۈسكۈنىنىڭ Miracast ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۇلايدىغان بولغاچقا، بۇ يەردىن Android/Windows10 نى تاللىدۇق.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

نەتىجىدە تېلېۋىزور سىگنال كۈتۈش ھالىتىگە كىرىدۇ:

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئىككىنچى قەدەمدە كومپيوتېردا مەشغۇلات قىلىمىز. Win10 دا سېزىمچان ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ گىرۋىكىنى سولغا سۈرسىڭىز ئۇقتۇرۇش ئىستونى چىقىدۇ، ئەگەر سېزىمچان ئېكران بولمىسا، ۋەزىپە ئىستونىدا ئۇقتۇرۇش مەركىزىنىڭ كونۇپكىسى بار.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئۇقتۇرۇش ئىستونىدا رەسىمدىكىدەك 投影 ۋە 连接 دەپ ئىككى كونترول كونۇپكىسى بار، خالىغان بىرىنى چەكسەك بولىدۇ. ياكى كونترول سۇپىسىدىن 显示设置 نى ئېچىپ، بۇ يەردىن 连接到无线显示器 نى چەكسەكمۇ بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

投影 نى چەكسەك ئاۋۋال سىمسىز ئېكراننىڭ ئۇلىنىش ھالىتىنى تاللايدىغان يەر چىقىدۇ، 连接 نى چەكسەك بىۋاسىتە تېلېۋىزورنى سىمسىز ئېكران ھالىتىدە ئىزدەپ تاپىدۇ:

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇ يەردىن تېلېۋىزورنى تاللاپ چېكىمىز. بىر ئازدىن كېيىن ئوڭۇشلۇق ئۇلانسا تېلېۋىزور ئېكرانىدا كۆرۈنگەن نەتىجە تۆۋەندىكىدەك:

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئەگەر ئوڭۇشلۇق ئۇلانمىسا، 1) كومپيوتېرنى قايتا قوزغىتىڭ؛ 2) تېلېۋىزورنى قايتا قوزغىتىڭ؛ 3) تېلېۋىزورىڭىزنىڭ سىستېما يېڭىلانمىسى كۈتۈش ھالىتىدە بولسا بۇنى يېڭىلىۋېتىڭ. ئاندىن قايتا سىناڭ.

بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاشنىڭ ئارتۇقچىلىقى- يۇمشاق دېتال ئىشلىتىپ ئۇلىغانغا قارىغاندا سۈرەت ۋە ئاۋاز سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئەلۋەتتە كومپيوتېر ۋە تېلېۋىزورىڭىز چوقۇم Miracast سىمسىز ئۇلاش ئۆلچىمىنى قوللىيالىشى كېرەك.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى