سوئال-جاۋاب
بىزنىڭ ئىشخانىدىكى كومپيوتېرغا 32 بىتلىق سىستېما قاچىلانغان. كەسپكە ئائىت يۇمشاق دېتال 64 بىتلىق سىستېمىدا ئىجرا بولمىغاچقا، چوقۇم 32 بىتلىق سىستېمىنى ئىشلىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە ئىچكى ساقلىغۇچ ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ يەنىلا 2.5 گېگابايت ئەتراپىدا ئىشلەيدىكەن، بۇ سىستېمىدا ئۇنىڭدىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى تولۇق ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئامال بولسا كۆرسەتسىڭىز
32 بىتلىق سىستېما پەقەت ئەڭ چوڭ بولغاندا 2 نىڭ 32- دەرىجىسى بايت (تەخمىنەن 3.5 گېگابايتتىن سەل چوڭراق) ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللىيالايدۇ. كومپيوتېرغا ئۇنىڭدىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىسىڭىز ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمى بەرىبىر ئىشلىمەيدۇ. بۇ سىستېمىنىڭ مەلۇم قىسىمىنى تەڭشەش ئارقىلىق بۇزغىلى بولىدىغان چەكلىمە ئەمەس، بەلكى سىستېمىنىڭ يادروسى مۇشۇنداق. شۇڭلاشقا بىردىنبىر ئامال- ياكى ئىچكى ساقلىغۇچتىن قۇربان بېرىش، ۋە ياكى سىستېمىنى 64 بىتقا كۆتۈرۈش.
بۇ تېمىدا 64 بىت ۋە 32 بىتلىق سىستېما ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچىلەر بار.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى