سوئال-جاۋاب

يانفوندىكى ھۆججەتلەرنى كومپيوتېرغا تورسىز يۆتكەشنىڭ قانداق ئامالى بار؟

تورسىز يۆتكەش ئۈچۈن كۆك چىش ياكى ئۇچۇر سىمىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، ئۇچۇر سىمىنى كۆپىنچە يېنىمىزدا ئېلىپ يۈرمەيمىز، كۆك چىشنىڭ سۈرئىتى بەك ئاستا. 

بۇنى سىز يانفوننىڭ ۋە كومپيوتېرنىڭ ئېقىم مىقدارىنى سەرپ قىلمىغان شەرت ئاستىدا، يانفون بىلەن كومپيوتېرنى WiFi ئارقىلىق ئۇلاپ، تېز سۈرئەتتە ھۆججەت ئۇزىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. (بۇنىڭ ئۈچۈن كومپيوتېرىڭىزدا WiFi بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە)

بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان يۇمشاق دېتاللارمۇ كۆپ بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان QQ نىڭ يانفون ۋە كومپيوتېر نۇسخىسىنىڭ بۇنداق ئىقتىدارى بار. (ئاستىدىكى رەسىمدە مېنىڭ ئىشلەتكىنىم TIM بولۇپ، QQ نىڭ ئىشخانا نۇسخىسى، بۇ ئىقتىدار QQ دىمۇ بار)

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ھۆججەت ئۇزاتقىلى بولۇپلا قالماي، يەنە كومپيوتېر قاتتىق دېسكىسىغا كۆز يۈگۈرتكىلى بولىدۇ:

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى