سوئال-جاۋاب

قانداق قىلغاندا بىر كومپيوتېرغا ئىككى ئېكراننى بىر پۈتۈن ئېكران ھالىتىدە ئۇلاشقا بولىدۇ؟

بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر لازىم: (1) ئىككى دانە ئېكران؛ (2) ئىككى دانە ئېكران ئۇلاش ئېغىزى ۋە مۇناسىپ ئۇچۇر سىمى.

نۆۋەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم كومپيوتېرلارنىڭ سىنكارتىلىرىدا (توپلاشما سىنكارتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) VGA ۋە HDMI ئېغىزلىرى تولۇق بولۇپ، بىرىنچى ئېكراننى VGA ئېغىزىغا ئۇلىغاندىن كېيىن، ئىككىنچى ئېكراننى HDMI سىمى ئارقىلىق ئۇلىساقلا بولىدۇ. ئەمما كۆپ قىسىم ئېكرانلاردا HDMI ئېغىزى يوق بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن HDMI ئېغىزنى VGA غا ئالماشتۇرىدىغان سىمدىن بىر دانە لازىم بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇ خىلدىكى سىم بىلەن HDMI ئېغىزغا VGA ئېغىزلىق ئېكراننى ئۇلاشقا بولىدۇ. 

ئىككى ئېكراننى ئۇلىغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك ھالدا ئىككىنچى ئېكراننى كېڭەيتىلگەن ئېكران دەپ تونۇيدۇ. سىز مەلۇم كۆزنەكنى مائۇستا تارتىپ ئىككى ئېكران ئارىسىدا يۆتكىيەلەيسىز، كۆزنەك چوڭلۇقىنى تەڭشەش ئارقىلىق بىر كۆزنەكنى ئىككى ئېكرانغا لىق چوڭايتىپ ئىشلىتەلەيسىز. بولۇپمۇ مېدىيا تەھرىرلەش خىزمىتى قىلىدىغانلار بۇنداق ئىشلەتسە ئاجايىپ راھەت.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئەگەر سىز ئىككى ئېكراندا ئوخشاش مەزمۇننى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز، ئۈستەليۈزىدە ئوڭ چېكىپ، «كۆرسىتىش تەڭشىكى» [显示设置] نى ئېچىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى «كۆپ ئېكران تەڭشىكى» [多显示器设置] تاللانمىسىدىن [复制这些显示器] نى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى