ساغلاملىق

ئانىسىنى چالا ئەمگەن بالىلار ئويلىغۇنىڭىزدەك راستلا شۇنچە ساغلاممۇ؟

ئانىسىنى چالا ئەمگەن بالىلار ئويلىغۇنىڭىزدەك راستلا شۇنچە ساغلاممۇ؟

 

ماددىي بۇيۇملار مول شەھەرلەردە ياشاۋاتقان بىزلەر بەلكىم تۆۋەندىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن. يەنە كېلىپ، بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان كۈندىمۇ، پۈتۈن دۇنيادا يەنىلا 149 مىليون بەش ياشتىن تۆۋەن بالا تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدۇ.

(سانلىق مەلۇماتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى 2019-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن كەلگەن) تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، جۇڭگودىلا 300 مىليوندىن ئارتۇق بالا «يوشۇرۇن ئاچارچىلىق» ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا مەسىلە كېلىپ چىقتى، سىزنىڭ بالىڭىز سالامەتمۇ؟

ئانىسىنى چالا ئەمگەن بالىلار ئويلىغۇنىڭىزدەك راستلا شۇنچە ساغلاممۇ؟

يوشۇرۇن ئاچارچىلىق دېگەن نېمە؟

يوشۇرۇن ئاچارچىلىق دېگەن سۆز ئەڭ دەسلەپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتىدا كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرگەندە، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىق ياكى مەلۇم ۋىتامىن ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان مىنېرال ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ھەددىدىن زىيادە قوبۇل قىلىنىپ، يوشۇرۇن ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى بولغان ئاچلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. ئاساسلىق كىشىلەر توپى بولسا، بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە مەركەزلەشكەن. بۇنداق بالىلار پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەننىلا يەيدۇ، ياخشى كۆرمەيدىغاننى بىر چىشلەممۇ يېمەيدۇ.

 

ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ زىيادە ئەركىلىتىشى سەۋەبلىكمۇ، كىچىك بالىلار تۈرلۈك ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ۋە ھەر خىل ئىچىملىكلەرگە خالىغانچە ئېرىشەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردا ئۆزىمۇ بىلمەيلا يوشۇرۇن ئاچارچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.

كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بىرىكىشى بىلەن، مەملىكەت بويىچە 300 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.

 

ئانىسىنى چالا ئەمگەن بالىلار ئويلىغۇنىڭىزدەك راستلا شۇنچە ساغلاممۇ؟

يۇقىرىدىكى سۈرەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىز نۆۋەتتە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئاسىيا كىلىنىكىلىق ۋىتامىن A كەمچىل ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىمىز.

ئانىسىنى چالا ئەمگەن بالىلار ئويلىغۇنىڭىزدەك راستلا شۇنچە ساغلاممۇ؟

2000-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 ئۆلكە بىرلىكتە ئېلان قىلغان تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە؛ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا، %11.7 ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا ۋىتامىن A كەمچىل؛ ئىككىلەمچى كىلىنىكىدا ۋىتامىن A كەملىك نىسبىتى %39.2 بولغان!

ئانىسىنى چالا ئەمگەن بالىلار ئويلىغۇنىڭىزدەك راستلا شۇنچە ساغلاممۇ؟

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئىگىزلىكى، ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى ئاشقان. شەھەر-يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، يېتىلىشى ئاستا بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى (مەسىلەن، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، تۆمۈر، سىنك قاتارلىقلار) بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولماقتا.

ئانىسىنى چالا ئەمگەن بالىلار ئويلىغۇنىڭىزدەك راستلا شۇنچە ساغلاممۇ؟

بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى تېخى مۇكەممەل بولمىغاچقا، چوڭلارغا ئوخشاش كۈندىلىك يېمەكلىكلەردىن ئۆسۈپ يېتىلىشكە كېرەكلىك بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ. يەنە كېلىپ، نىسبەتەن يەككە ھالدىكى يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىدا تېز ئۆسۈپ يېتىلىشكە كېرەكلىك ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ئېنېرگىيە ئېھتىياجى تەكشى ئەمەس. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىش مىقدارى چەكلىك، بۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تەس.

بوۋاقلار رېتسېپلىق سۈت پاراشوكىنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ بىر ياشتىن بۇرۇنقى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلىشى ۋە قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىدى. لېكىن بىر ياشتىن كېيىنكى بالىلار قانداق قىلىدۇ؟

ئانىسىنى چالا ئەمگەن بالىلار ئويلىغۇنىڭىزدەك راستلا شۇنچە ساغلاممۇ؟

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بالىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى (1 ياشتىن 10 ياشقىچە) ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاقىۋىتىنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ ھەم تولۇقلىغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۆلىتىمىزدە %55 تىن ئارتۇق ئۈچ ياش ئىچىدىكى بالىلاردا يوشۇرۇن ئاچلىق ئالامىتى مەۋجۇت بولۇپ، ئۈچ ياشتىن ئېشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ نىسبەت %49.2 نى ئىگىلەيدۇ. (مەلۇمات مەنبەسى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مەركىزى كىلىنىكىلىق پەن تەتقىقات مەخسۇس تېما گۇرۇپپىسىنىڭ 2019-يىلى بېيجىڭ شەھىرى دائىرىسىدىكى سەككىز داۋالاش ئاپپاراتى قاتناشقان بالىلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئوزۇقلۇق سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كەلگەن)

گەرچە ۋىتامىننىڭ بەزى تەبىئىي يېمەكلىكلەردىكى مىقدارى بىر قەدەر مول بولسىمۇ (مەسىلەن، ھايۋانات جىگىرى ۋە قېنىق رەڭلىك كۆكتات، پالەك، چېچەكسەي، سەۋزە قاتارلىقلار) ئەمما، جىگەر تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ۋىتامىن تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يۇقىرى خولېستېرىن ۋە مېتال قالدۇقلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇش خەتىرىمۇ بار. كۆكتات تەركىبىدىكى ۋىتامىننىڭ سۈمۈرۈلۈش ۋە ئايلىنىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق ئېتىش ئۇسۇلى قاتارلىق تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ، پەقەت كۈندىلىك تاماقتىن قوبۇل قىلىنىدىغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قامدايدىغان نورمال مىقدارغا يېتىشى تەسكە توختايدۇ شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالمايدۇ.

بىر ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ بولسا، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ھەرىكەت مىقدارى تۈپەيلىدىن، يەنە كېلىپ چىشىنىڭ يېتىلىپ ئۆسۈشى بىلەن ئۆرە تۇرۇپ مېڭىشنى ئۆگىنىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرغاچقا، سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى بىر ياشتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قامدايدىغان نورمال مىقدارغا يېتىشىمۇ تەسكە توختايدۇ-دە، ئاقىۋەتتە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالمايدۇ.

ئانىسىنى چالا ئەمگەن بالىلار ئويلىغۇنىڭىزدەك راستلا شۇنچە ساغلاممۇ؟

بىر ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ بولسا، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ھەرىكەت مىقدارى تۈپەيلىدىن، يەنە كېلىپ چىشىنىڭ يېتىلىپ ئۆسۈشى بىلەن ئۆرە تۇرۇپ مېڭىشنى ئۆگىنىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرغاچقا، سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى بىر ياشتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارمۇ بىر ياشتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىرقى بىر ياشتىن ئاشقان بالىلار ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىن ئاساسەن خوشلىشىدىغان بولغاچقا،سۈت پاراشوكى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. ئەگەر بۇ باسقۇچتا بالىلار يېتەرلىك ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارغا ئېرىشەلمىسە، كالتسىي كەملىك، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا راخىت كېسىلى، كېچە قارىغۇسى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى