كومپيوتېر

Win10 ئىشلىتىپ بۇ ئىقتىدارلارنى بىلمىسىڭىز بەك زايە كېتىدۇ

نۆۋەتتە، Win10 بولسا ئەڭ بازارلىق ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى. ئالدىنقى تېمىلىرىمىزدا Win10 نى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى، بىر قاتار تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشقا ئائىت مەزمۇنلار سۇنۇلدى.

بۈگۈن Win10 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن، ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتال قاچىلاشقا ھاجەت بولمىغان ئاساستا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۈچ قولاي ئىقتىدارنى تونۇشتۇردۇق. 

1. ئېكران سىنغا ئېلىش

ئېكران سىنغا ئېلىش ئېھتىياجى تولا ئۇچرايدۇ. Win10 دا بولسا بۇ ئىقتىدار سىستېما يادروسىدا تەمىنلەنگەن بولۇپ، Win+G بىرىكمە كونۇپكىسىنى بېسىپ، ئېكراننى سىنغا ئېلىش پروگراممىسىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە بۇ Xbox نىڭ ئويۇن جەريانىنى سىنغا ئېلىش ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن كېڭەيتمە ئىقتىدارى بولۇپ، بۇنى باشقا يۇمشاق دېتاللاردىمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

سىن ھۆججىتى mp4 فورماتىدا ئىشلەتكۈچى نامى ئاستىدىكى Videos نىڭ Captures تارماق قىسقۇچىدا ساقلىنىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2. كېسىپ چاپلاش تاختىسى

Win+V بىرىكمە كونۇپكىسىنى بېسىپ، كېسىپ چاپلاش تاختىسىنى ئاچقىلى بولىدۇ. بۇ يەردە كۆپ قېتىملىق كېسىش- كۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى كۆرگىلى ۋە تاللاپ چاپلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، كېسىپ چاپلاش مەشغۇلاتى كۆپ بولغاندا ئىنتايىن قوللىنىشچان ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

كېسىپ چاپلاش تاختىسى پروگراممىسىغا مىكروسوفت ھېساباتى بىلەن تىزىملىتىش ئارقىلىق ھەتتا سۇپا ئاتلاپ كېسىپ چاپلاش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولىدۇ، يەنى، ئۆيدىكى كومپيوتېردا كۆچۈرگەن تېكىستنى ئىشخانىدىكى كومپيوتېرغا چاپلىيالايسىز.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

3. لوپا ئەينەك

مەزكۇر پروگرامما Win98 دىن باشلاپ بار بولۇپ، سىستېمىدا Win كونۇپكىسى بىلەن + كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىش ئارقىلىق (Win نى بېسىپ تۇرۇپ + نى بېسىش) ئارقىلىق لوپا ئەينەك پروگراممىسىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. Win كونۇپكىسى بىلەن + ۋە – نى بىرىكتۈرۈپ بېسىش ئارقىلىق چوڭايتىش نىسبىتىنى كونتروللىغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن قولاي.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بەزىدە كۆزنەكتىكى مەزمۇن كۆپ بولۇپ كەتكەندە، مەلۇم بۆلەكنى چوڭايتىپ كۆرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا بەكمۇ قوللىنىشچان بولۇپ، ۋاقىتنى تېجەپ ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى