سوئال-جاۋاب

مەن خاتىرە كومپيوتېرىمنى ئۈستەل كومپيوتېر ئېكرانىغا ئۇلاپ خاتىرە كومپيوتېرنىڭ ئېكرانىنى يېپىۋەتسەم ئۈستەل ئېكران ئۆچۈپ قالىدۇ. بۇنى قانداق ھەل قىلىشقا بولىدۇ؟

بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى- نورمال تەڭشەك ھالىتىدە خاتىرە كومپيوتېرنى يېپىۋەتسىڭىز سىستېما ئاپتوماتىك ئۇخلاش ھالىتىگە (睡眠) كىرىدۇ ۋە ئېكران، قاتتىق دېسكا قاتارلىق كۆپ قىسىم ئۈسكۈنىلەرنى ئاپتوماتىك ئېتىۋېتىدۇ.

بۇ ئىقتىدارنى ئەتمەكچى بولسىڭىز، كونترول سۇپىسى (控制面板) نىڭ ئىچىدىن «توك مەنبە تاللانمىسى» (电源选项) نى ئېچىڭ:

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇنىڭ ئىچىدىن «كومپيوتېر يېپىلغاندا» (关闭盖子时) نى تاللاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تاللانمىنى «ھېچقانداق مەشغۇلات قىلماسلىق» دەپ تاللاپ قويۇپ ساقلاپ كۆزنەكنى تاقاڭ. بۇ ۋاقىتتا سىز خاتىرە كومپيوتېرنى ياپسىڭىزمۇ سىستېما نورمال ئىجرا بولىۋېرىدۇ ھەمدە ئېكرانمۇ ئۆچۈپ قالمايدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى