سوئال-جاۋاب

تىنچلىقمۇ، مەن بىر تور بەتنى ياقتۇرۇپ قالغانتىم، بۇ تور بەتتە گۈزەل سەنئەتكە ئائىت بىلىملەر شۇنداقلا رەسىملەر ساقلانغان، بۇلارنى ئايرىم- ئايرىم بىر تالدىن ساقلاش بەكلا ئاۋارىچىلىقكەن، بىر توربەتنىڭ مەزمۇنىنى پۈتۈن ھالەتتە ساقلىيالايدىغان يۇمشاق دېتال بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار.

تور كۆرگۈچنىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن ساقلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىڭ. يەنى، تور يۈزىدە Ctrl+S نى باسسىڭىز ساقلاش رامكىسى ئېچىلىدۇ، ساقلاش تىپىنى «全部» قىلىپ تاللاپ ساقلىسىڭىز نۆۋەتتىكى تور بەت يۈزىدە ئېچىلغان بارلىق مەزمۇننى ساقلايدۇ، رەسىملەر ئايرىم بىر مۇندەرىجە ئىچىگە ساقلىنىدىغان بولۇپ، ئاشۇ مۇندەرىجىدىن ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

لېكىن، ناۋادا دېمەكچى بولغىنىڭىز تور بېكەتنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى ساقلاش بولسا، يەنى ساقلىۋالغان تور بەت ئىچىدىكى ئۇلانما بار مەزمۇننى ساقلاپ، تورسىز ھالەتتە چەكسىڭىز ئېچىلىدىغان ھالەتتە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئەپسۇس، بۇنى ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مۇكەممەل بىر ئۇسۇلنى ھازىرغىچە بايقىمىدىم (ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە بولسا ئىنكاستا تولۇقلاپ قويسا رەھمەت ئېيتىمىز)، گەرچە Save As Plus دېگەندەك يۇمشاق دېتاللاردا قىسمەن ئۇلانمىلارنى ساقلىغىلى بولسىمۇ، يەنىلا ئاچقان يەرگە بارمايدۇ.

كېيىنچە تېخىمۇ ياخشى تەجرىبىلەر بولسا ئورتاقلىشىمىز.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى