سوئال-جاۋاب

مەن كومپيوتېرغا Win7 قاچىلىغان ئىدىم، قوزغاتسام D دېسكا يوق تۇرىدۇ، WinXP نى قايتا قاچىلىسام قوزغالمىدى، WinPE ئارقىلىق كىرىپ قارىسام ئەسلىدىكى D دېسكا C غا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، شۇڭا كومپيوتېرنى قوزغىتالمىدىم. بۇنى قانداق ئوڭشىغىلى بولىدۇ؟

قارىغاندا سىز سىستېما قاچىلىغاندا رايوننى خاتا تاللاپ قويۇپسىز. ئەسلىدە Win7 ئوڭۇشلۇق قاچىلانغاندا سىز 此电脑 دا ئوڭ چېڭىپ، ئۇنىڭدىن 计算机管理 نى، بۇنىڭ ئىچىدىن 磁盘管理 نى چېكىپ كۆرۈپ باققان بولسىڭىز بولاتتى. بەلكىم د رايونىڭىزنىڭ دېسكا بەلگىسى يوقاپ كەتكەن، ئەمما رايون جەدۋىلى ساق بولسا، بۇ يەردىن ئىككىنچى تارماق رايونغا D دېگەن دېسكا بەلگىسىنى بەرسىڭىز ئوڭشىلاتتى. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئەگەر قاتتىق دېسكىدا بەك مۇھىم ھۆججەتلەر بولمىسا، قايتا رايونغا بۆلۈپ سىستېمىنى قايتىدىن قاچىلاڭ. ھەقىقەتەن پۇل خەجلەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەرزىگۈدەك مۇھىم ھۆججەتلەر بولۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش زۆرۈر بولسا ئارتۇق ھەپىلەشمەي كەسپىي خادىملارنىڭ قېشىغا ئاپىرىڭ.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى