سوئال-جاۋاب
Micorost Office365 بىلەن Office2019 نىڭ تورسىز قاچىلاش بولىقىنى نەدىن چۈشۈرىمىز؟
MSDN تور بېكىتىدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ، ئورگان تەرەپ ئەسلى نەشىر. تور ئادرېسى:
https://msdn.itellyou.cn
چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن ئاكتىپلىشىڭىز كېرەك. بىز ئاكتىپلاش نومۇرى سېتىۋېلىپ ھەقىقىي نەشىردىكى يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر ئۇنىڭغا قۇربىڭىز يەتمىسە ياكى ۋاقىتلىق ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز ئۈچىنچى تەرەپ ئاكتىپلاش قوراللىرىنى ئۆزىڭىز ئىزدەپ تېپىپ ئاكتىپلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
بەيدۇدىن Office一键激活 ئاچقۇچلۇق سۆزى ئارقىلىق ئىزدەپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. چۈشۈرگەندە 高速下载 دېگەن ئۇلانمىنى باسماي، 普通下载 دېگەندەك ئۇلانمىنى تېپىپ بېسىڭ، بولمىسا كومپيوتېرىڭىزغا بىر پاتمان ئېلان قاچىلىۋالىسىز.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى