سوئال-جاۋاب

كومپيوتېردا ئىشلىتىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىسىنى باشقا كومپيوتېرغا ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

كومپيوتېرنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆز پېتى كۆچۈرگىلى بولمايدۇ. سىز پەقەت قاتتىق دېسكا نۇسخىلاش (كىلون قىلىش) يۇمشاق دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ، بىر كومپيوتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان رايوننى ھۆججەتكە پىرىسلاپ، ئاندىن ئىككىنچى كومپيوتېرنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلىماقچى بولغان رايونىغا ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ ياكى ئىككى قاتتىق دېسكىنى بىر كومپيوتېرغا ئۇلاپ، ئەسلى مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان دېسكا رايونىنى نىشان دېسكىنىڭ ماس رايونىغا نۇسخىلىسىڭىز بولىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان يۇمشاق دېتاللار نۇرغۇن بولۇپ، Ghost ياكى Disk Genus رايونغا بۆلۈش يۇمشاق دېتالىدا بۇنى قىلغىلى بولىدۇ. Ghost نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى سالوندا بۇرۇن تونۇشتۇرۇلغان. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

يۇقىرىدىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، بىر كومپيوتېردىكى مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان رايوننى ئىككىنچى كومپيوتېرغا ئوڭۇشلۇق كۆچۈردىڭىز دېگەندىمۇ، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارغا يولۇقۇش ئېھتىمالىڭىز ناھايىتى يۇقىرى:

1. كۆك ئېكران خاتالىقى چىقىپ كومپيوتېر قوزغىلالماسلىق؛

ئەسلى كومپيوتېرىڭىزنىڭ نېگىزلىك قاتتىق دېتاللىرى نىشان كومپيوتېر بىلەن ئوخشىمىسا، سىستېما يېڭى قاتتىق دېتال بىلەن ماسلىشالماسلىق سەۋەبىدىن بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.

2. نورمال قوزغالسىمۇ، بەزى قاتتىق دېتاللار نورمال ئىشلىمەسلىك؛

3. سىستېما بىنورمال قايتا قوزغىلىپ كېتىش ياكى قېتىپ قېلىش.

ئەگەردە ئىككى كومپيوتېرنىڭ ئاساسىي تاختا ۋە سىنكارتا قاتارلىق ئاساسلىق سەپلىمىسى ئوخشاش بولسا پۈتۈنلەي نورمال ئىشلىتەلەيسىز.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى