سوئال-جاۋاب

مەندەك سالوننى قۇرۇپ قويۇپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي ئولتۇرغانلار ئۈچۈن بىر قەلەم تەۋەتكەن بولسىڭىز، قانداق مەزمۇننى ئاساس قىلىپ، قانداق ئۇسۇلدا تېما تەييارلاپ يوللىساق بولار؟

بۇ ھەقتە مۇقىم بىر قېلىپ- ئۆلچەم يوق. سىزگە پەقەت ئۆز نوقتامدا تۇرۇپ تەكلىپ بېرەلىشىم مۇمكىن. ئاۋۋال سالونىڭىزنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەڭ. سالوننى قۇرغان ۋاقىتتىلا بەلكىم كۆڭلىڭىزدە جەزمەن بىر سان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، قايسى ساھە، قايسى كەسىپكە ئائىت مەزمۇن چىقىرىش دېگەندەك. ئاندىن كەسپىي بىلىمىڭىز ۋە تەجرىبىلىرىڭىزنى ئۆز ئالاھىدىلىكىڭىز بويىچە سالوندا ئېلان قىلىشنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ. 

قانداق ئۇسۇلدا تېما تەييارلاشقا كەلسەك، يېزىقتا ئىپادىلەشكە ماھىر بولسىڭىز، ئاۋۋال Word تا مەزمۇن تېكىستىنى ۋە يېزىق فورماتىنى تەييارلىۋېلىپ، ئاندىن سالوننىڭ 素材管理 ئىچىدىن يېڭى تېما قۇرۇپ، كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئاۋازلىق، فىلىم شەكلىدە ئىپادىلەشكە ئېپىڭىز بولسا مۇناسىپ يۇمشاق دېتالدا (AU,PR دېگەندەك) ئاۋازلىق ياكى فىلىم شەكلىدە ئىشلەپ چىقارسىڭىزمۇ بولىدۇ. 

نۆلدىن باشلاپ سالون يېزىپ، ئەزا توپلاپ، بىر- ئىككى يىل تىرىشساملا بەلگىلىك مۇقىم كىرىم مەنبەسى يارىتىمەن دەيدىغان خىيالدا بولماڭ، بۇ پەقەت شېرىن خام خىيال خالاس، چۈنكى بۇ بەك مۈشكۈل (تەجرىبەمنى ھەقسىز دەپ بېرىۋاتىمەن). ئۈندىدار ئىشلىتىشنى بىلىدىغان مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەم سالونغا ئۆمرىنىڭ ئارتۇقچە قىسىمىنى ئۆتكۈزگىلى كىرىدۇ، بىر نەرسە ئۆگەنگىلى ئەمەس.

ئىشقىلىپ قىممىتى بار نەرسە چىقىرىڭ، سالونغا ئادەم توپلاپ ئېلان چەككۈزۈش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدىغان پۈچەك سالونلارنىڭ گەرچە كۆرۈلۈشى ۋە ئېلان كىرىمى خاسلىقى بار سالونلارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى، لېكىن بەرىبىر سىز سالوننىڭ كىرىمىگە قاراشلىق ئەمەس، بۇ ئىشتىن سىرتقى ھەۋەس خالاس. شۇڭلاشقا باشقىلارغا مەنپەئەتلىك ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى نىشان قىلساق شۇ ئەۋزەل. سالوننى ساغلام ئېلىپ ماڭالىسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەت خاتىرىڭىزگە ئايلىنىدۇ، ھېچبولمىسا ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىسىز. ئەلۋەتتە ئۇزۇن مەزگىل سۈپەتلىك ئېلىپ ماڭالىسىڭىز، ئەزا سانى بەلگىلىك كۆلەم شەكىللەندۈرگەندە ئېلان ياكى ھەقلىق تېما ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئازغىنە كىرىمگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.

تېمىنى كونكېرت تەييارلاش ئۇسۇلى ئۈندىدار سالونىنىڭ باشقۇرۇش بېتىدىكى ياردەم بېتىدە تونۇشتۇرۇلغان. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى