سوئال-جاۋاب

كۆچمە قاتتىق دېسكا ياكى بارماقدېسكىغا مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاپ، ئۇنى خالىغان كومپيوتېردا قوزغىتىپ نورمال ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ يەنى كومپيوتېردىكى ئەسلى سىستېمىغا بېقىنماي، ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزدىكى سىستېمىنى قوزغىتىپ، قوللانما يۇمشاق دېتال ۋە تەڭشەكلەرنىمۇ ئۆزىمىز خالىغىنىمىز بويىچە تەڭشىۋېلىپ خالىغان كومپيوتېردا شۇنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئامال بارمۇ؟

ئوخشاشلا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دېتاللارمۇ بىر قەدەر كۆپ. مىكروسوفت ئورگان تەرەپتىن تەۋسىيە قىلغان قاچىلاش قورالى Windows To Go دىن باشقا يەنە USBoot قورالى ئارقىلىق ياسىغان قوزغىتىش دېسكىسىغا NT6快捷安装器 ئارقىلىق كارخانا نەشرىدىكى Windows نى قاچىلاپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. 

1. ئالدى بىلەن USBoot قورالىدا ياندېسكا ياكى بارماقدېسكىنى HDD工作模式 ياكى FDD工作模式 ھالىتىدە قوزغاتقۇچ ياسايمىز؛

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2. ئاندىن NT6快捷安装器 ئارقىلىق Windows نىڭ كارخانا نۇسخىسى (Enterprises) نۇسخىسىنىڭ Install.wim ھۆججىتىنى بارماقدېسكىغا ئويىمىز.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

3. ئاندىن كومپيوتېرنى قايتىدىن قوزغىتىپ، F12 نى بېسىپ تۇرۇپ، چىققان Moot Menu تىزىملىكىدىن بارماقدېسكا (ياكى ياندېسكا) نى تاللاپ قوزغىتىپ قاچىلىساق بولىدۇ. 

بۇ بارماقدېسكىنى باشقا كومپيوتېرغا سېلىپ، بارماقدېسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قوزغاتساق، بارماقدېسكىغا قاچىلىغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى