سوئال-جاۋاب

چوڭ تىپتىكى ئويۇننى قايسى يۇمشاق دېتالدا تۈزىدۇ؟ ھازىرقى ئەڭ ئېقىۋاتقان ئۈچ ئۆلچەملىك ئويۇن ياسايدىغان يۇمشاق دېتال توغرىلىق چۈشەنچە بەرسىڭىز

چوڭ تىپتىكى 3D ئويۇنلارنى قۇرۇلما جەھەتتىن ئاددىي ھالدا ئۈچ بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ: UI يەنى كۆرۈنمە يۈز قىسىمى، ۋەقەلىك يەنى سېنارىيە قىسىمى، ئويۇن ماتورىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە ئويۇن ماتورى (游戏引擎) ئەڭ مۇھىم بولغان بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 3D رەڭلەش، CGI ئۈنۈم ھاسىللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.

ئويۇن ماتورىنى خۇددى ماشىنا- ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاقما لىنىيەگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بىر ئويۇننىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسى ئويۇن ماتورى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى مەخپىي بولۇپ، مەسىلەن، Xbox ۋە PS4 نۇسخىسىدىكى ئويۇنلارنىڭ ئويۇن ماتورىنى ئىشلىتىش ھەققى 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي ئېچىش خىراجىتىنىڭ 60 پىرسەنتىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ. 

قانداق يۇمشاق دېتاللار ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا كەلسەك، ئويۇننىڭ UI قىسىمى يەنە ئوبراز لايىھەلەش، مەيدان سىزىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىش ھالقىلىرىغا تۇتىشىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىنى بىر خىل يۇمشاق دېتال بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئوبراز لايىھەلەشتە 3D Max قاتارلىق 3D لايىھە يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلىتىلىدۇ دېگەندەك.

ئومۇمەن چوڭ تىپتىكى بىر ئويۇننى لايىھەلەشتە، Direct3D، OpenGL قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار ھەمدە ئالىي دەرىجىلىك ئويۇن پروگراممىرلىرى، گرافىك لايىھەلىگۈچىلەر كەم بولمايدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى