سوئال-جاۋاب

بىر باش ئاپپاراتنى ئىككى ئېكرانغا ئۇلاپ ئىككى كومپيوتېر قىلىپ مۇستەقىل ئىشلىتىدىغان بىر ئۇسۇل بولسا تونۇشتۇرسىڭىز بولۇپتىكەن

بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سىز بەلگىلىك قاتتىق دېتال شارائىتىغا ئېھتىياجلىق بولىسىز. يەنى، كومپيوتېرىڭىزدا ئىككى دانە ئېكران ئۇلاش ئېغىزى ھەمدە يەنە ئىككى يۈرۈش كونۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس قاتارلىقلارنى ئۇلايدىغان ئېغىز بولۇشتىن باشقا يەنە CPU، ئىچكى ساقلىغۇچ قاتارلىق ئاساسىي سەپلىمىلەرمۇ بەك تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

ئاندىن سىز BeTwin يۇمشاق دېتالىنى كومپيوتېرغا چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز. بۇ يۇمشاق دېتالدا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر باش ئاپپاراتنى بەش دانە مۇستەقىل تېرمىنال (ئېكران ۋە كونۇپكا- مائۇستىن بەش يۈرۈش ئۇلىغىلى بولىدىغان ياردەمچى ئۈسكۈنە بولۇشى كېرەك) ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئىشخانا خىزمەتلىرىنى قىلغاندا ناھايىتى راۋان. ئەمما، ئويۇن ئوينىغاندا كومپيوتېرنىڭ سىستېما بايلىقىنى كۆپ ئىگىلىگەنلىكتىن، ئۈنۈمى پەقەتلا ياخشى ئەمەس.

تەپسىلىي ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سەھىپە ۋە ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن بۇ يەردە تونۇشتۇرمىدۇق، بەيدۇدىن 【电脑一拖二】 ئاچقۇچلۇق سۆزى ئارقىلىق ئىزدەپ كۆرۈۋېلىڭ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى