ساغلاملىق

بۇ تۆت نۇقتىنى بىلىۋالساق، بالىنىڭ قىززىپ قېلىشىدىن قورقۇش ھاجەتسىز!

بالا قىززىپ قالسا، ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىشنى بىلمەي ئىككىلىنىپ قالىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ قىزىتمىسىغا توغرا تاقابىل تۇرۇشتا، مۇتەخەسسىسلەر سىزگە مۇنداق تەكلىپلەرنى بېرىدۇ.

بۇ تۆت نۇقتىنى بىلىۋالساق، بالىنىڭ قىززىپ قېلىشىدىن قورقۇش ھاجەتسىز!

مۇدىر ۋراچ ليۇ گۈييىڭ

پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمى

تۆۋەندىكى سورىغان سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىر، كىچىك بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى توغرا چۈشىنىۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

بەدەن تېمپېراتۇرىسى قانچە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە قىززىغان ھېسابلىنىدۇ؟

بۇ تۆت نۇقتىنى بىلىۋالساق، بالىنىڭ قىززىپ قېلىشىدىن قورقۇش ھاجەتسىز!

توغرا جاۋاب: بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، قىززىغان ھېسابلىنىدۇ.

بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.1 سېلسىيە گىرادۇستىن 37.3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە ئەتراپىدا بولغاندا، ئاتا ـ ئانىلار ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشى كېرەك؛

بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن 37.5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە روھىي ھالىتى ياخشى بولسا، ئاتا-ئانىلار ئۈچ كۈن ھەرىكەتچان كۆزىتىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ئەگەر بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆتىنچى كۈنى تۆۋەنلەپ، بەشىنچى كۈنى ئەسلىگە كەلسە، دوختۇرغا كۆرۈنمىسىمۇ بولىدۇ؛

ئەگەر ئۈچىنچى كۈنى ئۆتۈپمۇ، بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى يەنىلا ئۆرلەپ كەتسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: ھەرىكەتچان كۆزىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.5 سېلسىيە گىرادۇستا تۇرۇۋاتقان بالىلاردا ئەگەر باش ئاغرىش، بىئارام بولۇش، تاماق يېمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؛ ئۈچ ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلار قىزىپ قالسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

دوختۇرخانىغا ئاپىرىشتىن بۇرۇن بالىغا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى بېرىش كېرەكمۇ؟

بۇ تۆت نۇقتىنى بىلىۋالساق، بالىنىڭ قىززىپ قېلىشىدىن قورقۇش ھاجەتسىز!

توغرا جاۋاب: قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى يېيىش كېرەك.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بالىلارنىڭ قىزىتمىسى 38.5 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى يېيىشى كېرەك؛ يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئاساسىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، ياكى ئىسسىقتىن تارتىشىش كېسەللىك تارىخى بار بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندە، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ھالىتىگە دىققەت قىلىشى، ئەگەر روھىي چۈشكۈنلۈك ئەھۋالى كۆرۈلسە بالدۇرراق قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى يېگۈزۈش كېرەك.

قان تەكشۈرۈشتە ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانلىق قىممىتى يۇقىرى بولسا باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان بولامدۇ؟

بۇ تۆت نۇقتىنى بىلىۋالساق، بالىنىڭ قىززىپ قېلىشىدىن قورقۇش ھاجەتسىز!

توغرا جاۋاب: ياق.

ئاتا-ئانىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، يالغۇز ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانلىق قىممىتىگە ئاساسلىنىپ كېسەللىك قوزغاتقۇچىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش ياكى بەز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ھەممىسى ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانلىق قىممىتىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن. قان تەكشۈرسىلا يېتەرلىك بولمايدۇ، بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بەدەن تەكشۈرۈپ باشقا تەپسىلاتلارنىمۇ ئىگىلەيدۇ.

دوختۇر يېزىپ بەرگەن ئانتىبىئوتىك دورىلارنى تولۇق يېيىش كېرەكمۇ؟

بۇ تۆت نۇقتىنى بىلىۋالساق، بالىنىڭ قىززىپ قېلىشىدىن قورقۇش ھاجەتسىز!

توغرا جاۋاب: دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش كېرەك. باكتېرىيەدىن يۇقۇملانغاندا، يۇقۇملانغان باكتېرىيە ئوخشاش بولمىسا، باكتېرىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىنكى ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانى ۋە كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىپ، ۋاقتىدا قايتا تەكشۈرتكەندە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزىگىلى بولىدۇ.

بالا قىزىپ كەتسە، ئاتا-ئانىلار ھودۇقماي، ئىنچىكە كۆزىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى، ئەگەر دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە توغرا كەلسە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى