كومپيوتېر

قانداق قىلغاندا كومپيوتېرنىڭ C رايونىنى قۇلۇپلاپ ھېچنېمە قاچىلىغىلى بولمايدىغان ۋە ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟

بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار بىر قەدەر كۆپ. بىز بۇرۇن سالوندا يوللىغان «كومپيوتېرىڭىزنى مۇنداق تەڭشىسىڭىز لۈكچەك دېتاللار سىزنى ئاۋارە قىلالمايدۇ» دېگەن تېمىدىكى  (كۆك خەتنى بېسىڭ) مەزمۇن بويىچە تەڭشىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا ئۆزىڭىز ساقلىماقچى ياكى ئۆچۈرمەكچى بولغان خۇسۇسىي ھۆججەتلەرنى ساقلاش ۋە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىغا تەسىر يەتمەيدۇ. 

ئەگەر زادى سىستېما رايونىنى ئوقۇشقىلا بولىدىغان، يازغىلى بولمايدىغان قىلماقچى بولسىڭىز، 冰冻精灵 ياكى Shadow Defender يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. Win10 ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز كېيىنكىسى تەۋسىيە.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى