كومپيوتېر

كومپيوتېرىڭىزنى مۇنداق تەڭشىسىڭىز لۈكچەك دېتاللار سىزنى ئاۋارە قىلالمايدۇ

كومپيوتېرغا يېڭى سىستېما قاچىلىغاندا سۈرئىتى شۇنداق تېز، ھەممە كۆڭۈلدىكىدەك ئىجرا بولىدۇ. بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، توساتتىن نەدىن كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان لۈكچەك دېتاللار قاچىلىنىۋالىدۇ ھەمدە سىستېما بىلەن تەڭ قوزغىلىپ، سەكرەتمە ئېلان ۋە ئەخلەت ھۆججەتلەر بىلەن پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرىدۇ.

تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلاردىن كېيىن، سىستېما رايونىنى (C دېسكا) ئىگەللىۋالغان ئەخلەت ھۆججەت ۋە ۋاقتى ئۆتكەن ئۈنۈمسىز يېڭىلانمىلارنى تازىلاپ، دېسكا بوشلۇقىنى بىكارلىغىلى، شۇنداقلا سىستېما رايونىنى ئۈنۈملۈك مۇھاپىزەت قىلىپ، قالايمىقان ئۆزى قاچىلىنىۋالىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى چەكلىگىلى بولىدۇ.

قالدۇق ھۆججەتلەرنى تازىلاش

«كومپيوتېر» 【此电脑】 كۆزنىكىنى ئېچىپ، C رايوندا ئوڭ چېكىپ خاسلىقىنى ئېچىڭ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بۇنىڭ ئىچىدىن «ماگنىتلىق دېسكا تازىلاش» 【磁盘清理】 كونۇپكىسىنى چەكسەك، C رايوندا ساقلىنىپ قالغان ۋاقتى ئۆتكەن قالدۇق ھۆججەتلەرنى ئىزدەيدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئىزدەش تامام بولغاندا، قالدۇق ھۆججەتلەرنى تۈرى بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردىن بارلىق تۈرگە بەلگە قويۇپ، «جەزملەش» نى باسساق تازىلىنىپ كېتىدۇ.

تازىلاپ بولغاندىن كېيىن بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، يەنە باشتىن قايتا ئىجرا قىلىڭ ھەمدە قالدۇق ھۆججەتلەرنى ئىزدەش تامام بولغاندا «جەزملەش» نى بېسىپ تازىلىۋەتمەستىن، ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تۈرلەر بويىچە (清理系统文件 نى ۋە 其它选项 نىڭ ئىچىدىكى 系统还原 نىڭ ھۆججەتلىرىنى) تازىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

سىستېما ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى قالدۇق ھۆججەتنى تازىلاشقا ئۇزاقراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاڭ.

قوزغاتقۇچ چەكلىمىسىنى بەلگىلەش

1. Win+R بىرىكمە كونۇپكىسىنى بېسىپ، ئىجرا رامكىسىغا gpedit.msc دەپ يېزىپ ئىجرا قىلىڭ ھەمدە چىققان كۆزنەكتىن تۆۋەندىكى يول بويىچە ئىچكىرىلەپ كىرىڭ؛

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2. بۇنىڭ ئىچىدىن 【防止从“我的电脑”访问驱动器】 ناملىق تۈرنى چېكىپ، ئۇنى ئېچىڭ ھەمدە سىستېما رايونىنى تاللاپ، چەكلىمىنى ئېچىڭ؛

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

نەتىجىدە C رايوننى زىيارەت قىلىش چەكلىنىدۇ، ئەمما بىز قاچىلىغان يۇمشاق دېتاللار نورمال ئىجرا بولىدۇ. 

تىزىملاش جەدۋىلىدىن قاچىلاش مۇندەرىجىسىنى ئۆزگەرتىش

1. Win+R بىرىكمە كونۇپكىسىنى بېسىپ، ئىجرا رامكىسىغا regedit دەپ يېزىپ ئىجرا قىلىڭ. تىزىملاش جەدۋىلى (注册表) تەھرىرلىگۈچ پروگراممىسى ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىن تۆۋەندىكى يول بويىچە ئىچكىرىلەپ كىرىڭ؛

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

2. CommonFilesDir ۋە CommonFilesDirx86 ناملىق ئىككى تۈرنى ئايرىم ئايرىم قوش چېكىپ، قىممىتىنى ئۆزگەرتىڭ، C رايوندىن باشقا رايوننى كۆرسىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ؛

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

مەشغۇلات تامام.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى