ساغلاملىق
بوۋاقنىڭ كىندىكى ئازراق كىر بولۇپ قالسا، كولاپ چىقىرىۋېتىش كېرەكمۇ؟
يۇيۇپ سۈرتۈۋەتسەكلا كۇپايە،كۈچەپ كولاشنىڭ ھاجىتى يوق. كىندىك بولسا بالىنىڭ كىندىك بېغى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان تارتۇق ئىزى بولۇپ،بۇ قۇرۇلما قورساق بوشلۇقى بىلەن تۇتاشمايدۇ،شۇڭا كىندىكنى تازىلاش ئېلىپ بارمىساقمۇ،بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بىراق، بالىنىڭ قورساق قىسمىغا تېرە يېغى، چاڭ ـ توزان يىغىلىپ قالىدىغان بولغاچقا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، قارىماققا مەينەت بولۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئاتا ـ ئانىلار پاختىلىق پەلكۈچنى ئىلمان سۇغا تەگكۈزۈپ، سۈرتۈپ تازىلاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. لېكىن، بەك كۈچەپ كولىماسلىق كېرەك، چۈنكى بەك كۈچەپ كەتسە، قىسمەن تېرىلەر بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ھەتتا كىندىك قىسمى يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.