كومپيوتېر

ئاۋاز ھۆججىتى تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى – AdobeAudition

Adobe Audition داڭلىق لايىھە يۇمشاق دېتالى شىركىتى بولغان Adobe نىڭ ئاۋاز چاستوتىلىق كۆپ ۋاسىتە ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئىقتىدارى ئوخشاش ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. فوتو- سۈرەت لايىھەسىدە Photoshop نىڭ ئورنى قانداق بولسا، ئۈن ئېلىش ۋە كىرىشتۈرۈش ساھەسىدە Audition نىڭ ئورنى شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

بۈگۈن بەش مىنۇت ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ، بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە چۈشەنچە بەرمەكچى.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

گەپنى CoolEdit Pro دىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ!

Adobe Audition نىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى CoolEdit Pro ناملىق بىر كىچىك يۇمشاق دېتال. ئادوبې شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئىقتىدارى مۇكەممەللەشكەن ھەمدە ئادوبې شىركىتىنىڭ لايىھە ساھەسىدىكى ئىناۋىتىگە تايىنىپ كەڭ ئومۇملاشقان.

 

1997-يىلى 9- ئايدا ئامېرىكىدا Syntrillium دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك شىركەت كۆپ ئاۋاز يولىنى ئارىلاش بىرتەرەپ قىلىشنى قوللايدىغان ئۈن بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى- CoolEdit Pro1.0 نى چىقاردى. ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىجرا مۇھىتى ئىنتايىن تار بولۇپ، 1999- يىلى 6- ئايغا كەلگەندە ئېلان قىلىنغان 1.2 نەشرىدىن باشلاپ، WinNT مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىجرا بولۇشقا باشلىدى ۋە 30 خىلدىن ئارتۇق ئالاھىدە ئۈنۈم قوشۇش ئىقتىدارى، mp3 ھۆججىتىنى قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغاندىن كېيىن بازار تېپىشقا باشلىدى. 

2002- يىلىغا كەلگەندە ئېلان قىلىنغان 2.0 نەشرىدە Mac نۇسخىسى تەمىنلەندى ھەمدە MIDI ئۆلچىمىنى قوللاشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مۇزىكا ۋە رادىئو تارقىتىش ساھەسىدە ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. 

2003-يىلىغا كەلگەندە Adobe شىركىتى CoolEdit Pro نىڭ قىممىتى ۋە ئىستىقبالىنى تونۇپ يېتىپ، Syntrillium شىركىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، CoolEdit Pro2.1 نىڭ ئىسمىنى Adobe Audition1.5 دەپ ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ قارىمىقىدىكى Premiere، AfterEffects قاتارلىق يۇمشاق دېتاللىرىدا Audition نى بىۋاسىتە قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

Audition ئەڭ كۆپ بولغاندا 128 ئاۋاز قانىلىدىن تەركىب تاپقان ئاۋاز ئېلىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 45 تۈرلۈك رەقەملىك ئاۋاز سىگنالىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، رادىئو ئاڭلىتىش ئۆيى، كەسپىي مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەر ۋە ئۈن ھۆججىتى تەھرىرلىگۈچى ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلارنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

 

Audition يۇمشاق دېتالىدا ئۈن ئېلىش ۋە تەھرىرلەش خۇددى Word تا يېزىقنى تەھرىرلىگەندەك ئادەتتىن تاشقىرى قولايلىق بولۇپ،  MP3 ناخشا- مۇزىكا ھۆججىتى ئىچىدىكى ئېلان سۆزلىرى ۋە شاۋقۇننى سۈزۈش، ناخشىنى تەڭكەش مۇزىكىغا ئايلاندۇرۇش (بەنزۇ)، كىنو- فىلىم ئىچىدىكى ناخشىنى كېسىپ ئېلىش، ئاۋازى تۆۋەن ياكى زىيادە يۇقىرى مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلېكىنى مۇۋاپىق تەڭشەش قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى ناھايىتى ئوڭايلا ھەل قىلىدۇ.

Audition نىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى Audition CS6 بولۇپ، Windows ۋە Mac نۇسخىسى بار (Linux نۇسخىسى يوق).

ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز يېشىۋېتىلگەن نۇسخىلىرىنى توردىن تېپىپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. مەن بىر ئادرېسنى قالدۇراي:

http://down-www.newasp.net/pcdown/soft/soft1/Adobe%20Audition%20CS6.zip

يۇقىرىدىكى ئادرېسنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، تور كۆرگۈچكە چاپلاپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

قاچىلاش ئۇسۇلى باشقا يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغان بىلەن ئوخشاش، ئالاھىدە تەلەپ يوق. تۇنجى قېتىم ئىجرا قىلغاندا مەلۇم دېسكا رايونىغا ۋاقىتلىق ھۆججەت ساقلايدىغانغا Temp مۇندەرىجىسى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشنى سورايدۇ، بىۋاسىتە جەزملەپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ.

كېيىنكى تېمىلىرىمىزدا بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىپ شاۋقۇن سۈزۈش، تەڭكەش مۇزىكا ئىشلەش دېگەندەك مەشغۇلاتلارنىمۇ سۆزلىشىمىز مۇمكىن. 

مەزكۇر تېمىغا قىستۇرۇلغان مۇزىكا دەل Adobe Audition دا كىنو ئىچىدىن كېسىپ ئېلىنغان. فىلىم نامى تېپىشماق بولۇپ تۇرسۇن، كىم تاپالايدىكىن قېنى، ئوقۇرمەنلەر ئىچىدىكى كىنو دېگەننى ئىچىگە كىرىپ كۆرۈۋېتىدىغانلار قانچىلىك كۆرۈپ باقايلى.

 

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى