كونا رەسىملەرنى سايىلەشتىكى ئېسىل بىر ماھارەت
كونا رەسىملەرنى يېڭىلاشتىكى ئېسىل بىر ماھارەت
ئادەتتە كونا رەسىملەرنى سايىلىگۈچ (扫描仪) ئارقىلىق كومپيوتېرغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئاندىن photoshop ئارقىلىق تۈزەش مەشغۇلاتى كۆپ ئۇچرايدۇ.
رەسىم ئۈستىدىكى بۇزۇلغان، سىزىلىپ كەتكەن ئورۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر قەدەر كۈچ سەرپ قىلىدىغان خىزمەت. ئادەتتىكى سايىلىگۈچ (扫描仪) لار بۇ خىل بۇزۇلغان، سىزىلغان رايونلاردىكى نۇقساننى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى سايىلىگۈچ بىر تەرەپتىنلا يورۇقلۇق چۈشۈرۈپ سىكاننېرلىغاچقا، بۇزۇلغان ئورۇنلاردا شولا چۈشۈش سەۋەبىدىن بۇزۇلۇش تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
يۇقىرىقى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇنداق چارە قوللانساق بولىدۇ: رەسىمنى سىكاننېر ئۈستىگە تۈز قويۇپ بىر قېتىم سىكاننېرلايمىز. ئاندىن ئۇنى 180 گرادۇس ئايلاندۇرۇپ قايتا بىر قېتىم سىكاننېرلايمىز. ئېرىشكەن ئىككى پارچە رەسىمنى photoshop تا ئېچىپ، ئىككىنچى قېتىملىق سىكاننېرلىغان رەسىمنى 180 گرادۇس ئۆرۈپ، ئاندىن بىرىنچى قېتىم سىكاننېرلىغان رەسىم ئۈستىگە چاپلايمىز. ئاندىن ئۇنىڭ سۈرەت قەۋىتىنىڭ سۈزۈكلۈك قىممىتىنى (不透明度) 50 پىرسەنت قىلىپ تەڭشىگەندىن كېيىن ئىككى سۈرەت قەۋىتىنى بىرىكتۈرىۋەتسەك، رەسىمدىكى سىزىقلار كۆرۈنەرلىك يوقايدۇ.
دىققەت: ئىككى رەسىمنىڭ دەل ئۈستمۇ ئۈست كېلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، توغرا كەلمىسە يۆتكەش ئارقىلىق ئۇدۇللاپ قويۇڭ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى