كومپيوتېر

قانداق مەخپىي شىفىر ئەڭ بىخەتەر

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە ئۆزەكلىك كارتا ئىستېمال شەكلىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن، مەخپىي نومۇر كشىلەرنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر نەرسىگە ئايلاندى. كومپيوتېر ۋە يانفوندا بولسۇن، بانكا كارتىسى ياكى يانفون كارتىسىدا بولسۇن… بىر گۇرۇپپا مەخپىي نومۇر بىزنىڭ سالاھىيىتىمىزنى دەلىللەيدىغان ئاچقۇچىمىز بولۇپ قالدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، مەخپىي نومۇر بىخەتەرلىكىمۇ بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.                           

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئادەتتە يانفون ۋە كومپيوتېرغا مەخپىي نومۇر سېلىپ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىمىزنى قوغدىغاندىن سىرت، يەنە بانكا كارتىسى، يانفون خەۋەرلىشىش كارتىسى، كەڭ بەلۋاغلىق تور ۋە سىمسىز تور قاتارلىقلارنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. يەنە ئېلخەت، ھەر خىل ئۈچىنچى تەرەپ پۇل مۇئامىلە تېرمىناللىرى، ئىجتىمائىي ئالاقە… مەخپىي شىفىرسىز دۇنيا تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغمايدۇ. بەلكىم يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە مېخانىكىلىق مەخپىي شىفىر يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ بىخەتەر ۋە ئەستە ساقلاش ھاجەتسىز بولغان رەڭدار پەردە پەرقلەندۈرۈش، چىراي پەرقلەندۈرۈش، بارماق ئىزى قاتارلىق بىئولوگىيەلىك شىفىرلاش شەكىللىرىنىڭ ئىگەللىشى مۇقەررەرلىك بولسىمۇ، نۆۋەتتە يەنىلا مېخانىكىلىق (ھەرپ- بەلگىدىن تەشكىل تاپقان) مەخپىي شىفىر ئاساسىي ئورۇندا تۇرماقتا.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىي شىفىرىنى باشقىلارنىڭ بىلىۋېلىشىنى خالىمايدۇ. مەخپىي شىفىر بەكلا ئاددىي بولۇپ قالسا، ئەستە ساقلاشقا قولايلىق بولغان بىلەن، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، شىفىر بەكلا مۇرەككەپ بولۇپ كەتسە بىخەتەر بولغىنى بىلەن ئەستە ساقلاش ناھايىتى ئەپسىز. 

ئۇنداقتا، مەخپىي شىفىرنى قانداق ئورناتقاندا باشقىلارنىڭ پەرەز قىلىپ تېپىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ۋىرۇس ۋە خاككېرنىڭ ھۇجۇمىدىنمۇ ساقلانغىلى بولىدۇ؟

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

تۆۋەندە كۆپ ئۇچرايدىغان مەخپىي شىفىر ئۈلگىلىرىگە بىر بىرلەپ نومۇر قويىمىز:

1. ئارقىمۇ ئارقا ياكى تەكرار ساندىن تۈزۈلگەن مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى يېرىم يۇلتۇز. ئادەتتە ساۋاتسىز ئادەملەر ئىشلىتىدۇ. يەسلىنى لاياقەتلىك پۈتتۈرگەن بولسىڭىز بۇنداق ھاڭۋاقتىلىقنى تاشلاڭ.

2. قانۇنىيەتلىك سانلار گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى بىر يۇلتۇز. ئەستە تۇتۇشىڭىزغا ناھايىتى قولاي بولۇشى مۇمكىن، لېكىن باشقىلار سەللا دىققەت قىلسا بىلىۋالىدۇ. خاككېرلارغۇ بۇنداق ئاددىي شىفىرنى ئۆزىگە ھاقارەت دەپ بىلىدۇ.

3. ساپ سان ياكى ساپ ھەرپتىن تۈزۈلگەن، ئىسىم، تۇغۇلغان كۈن، يانفون نومۇرى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئىككى يۇلتۇز. بۇنداق مەخپىي شىفىر ئىشلىتىشنىڭ قانچىلىك ھاماقەتلىك ئىكەنلىكىنى دېمەيلا قوياي.

4. سان ۋە ھەرپ ئارىلاش كەلگەن، ئىسىم ۋە مەنىلىك سانلارنى تەرتىپلىك ئىشلىتىپ تۈزۈلگەن مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئۈچ يۇلتۇز. مۇنبەر ۋە خەۋەر تور بېكىتى دېگەندەك ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق جايلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

5. سان ۋە ھەرپ ئارىلاش كەلگەن، ئىسىم ۋە مەنىلىك سانلارنىڭ ھەرپ- خانىلىرىنى تەرتىپسىز ئالماشتۇرۇپ تۈزۈلگەن مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆت يۇلتۇز. ئىككى قەۋەت شىفىر ئارقىلىق قوغدىلىدىغان سۇپىلاردا ئىشلەتسەك بولىدۇ.

6. سان، ھەرپ ۋە تىنىش بەلگىسى، تىرناق، شۇنىڭدەك ئالاھىدە بەلگىلەردىن ئارىلاش تۈزۈلگەن مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك دەرىجىسى بەش يۇلتۇز. ئېلخەت، پۇل- مۇئامىلىگە چېتىلىدىغان ۋە ئۆتكۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇپىلاردا بۇ شەكىلدىكى مەخپىي شىفىرنى ئاپتور ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ.

 

خوش، ھەر خىل شەكىلدىكى مەخپىي شىفىرلارنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاساسەن بىلىۋالدۇق. مەخپىي شىفىرنى بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك بىخەتەر قىلىپ ئورنىتىۋالساقلا ئىش تۈگەمدۇ؟ توختاڭ، گەپ بار. ئۈندىدار، QQ، مىكرو بىلوگ، ئالىپاي، تاۋباۋ، تور بانكا… يەنە نۇرغۇنلىغان ئورۇندا ئوخشاش بىر مەخپىي شىفىرنى تەكرار ئىشلىتىشنىڭ قانچىلىك ھاڭۋاقتىلىق ئىكەنلىكىنى دېمىدىم تېخى!

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئۇنداقتا، ئوخشىمىغان ئورۇندا ئوخشىمىغان مۇرەككەپ مەخپىي نومۇرنى ئىشلەتسەك، قانداق ئەستە ساقلاپ بولغىلى بولىدۇ؟ دەپتەرگە يازغىلى تېخى بولمىسا…

مەخپىي نومۇرغا ئىشلەتكەن ھەرپ ۋە سانلار ھامىنى ئۆزىمىزلا بىلىدىغان بىر مەنىگە ئىگە بولغان بولىدۇ، ھېچكىممۇ ئىختىيارەن مەنىسىز سان ۋە ھەرپلەرنى مەخپىي شىفىر قىلىپ ئورناتمايدۇ. ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا مەخپىي شىفىر ئورناتقاندا ھەرپ ۋە سانلارنى ئۆزگەرتمەي، ھەرپ ۋە سانلار ئارىسىغا ئىشلەتكەن بەلگە (مەسىلەن: تىنىش بەلگىسى، تىرناق ۋە باشقا ئالاھىدە بەلگىلەر) نى ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئورۇندا ئۈندەش بەلگىسى ئىشلەتكەن بولساق، يەنە بىر ئورۇندا سوئال بەلگىسى، بىرسىدە تىرناق، يەنە بىرسىدە چوڭ تىرناق ۋە ياكى… ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر چۈشىنىپ بولدى. بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن مەخپىي شىفىرنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

مەزكۇر تېمىدا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان يەنە بىر مۇھىم بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى- مەخپىي شىفىرنىڭ خانە سانى بولۇپ، ئاساسەن بارلىق مەخپىي شىفىر ئورنىتىدىغان تور بەت ۋە تېرمىناللار ئەڭ تۆۋەن خانە سانىغا چەكلىمە قويغاچقا، خانە سانىنى بېكىتىلگەن چەكلىمىدىن ئاز قىلىۋالغىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ھەقتە توختالمىدۇق. ئەلۋەتتە، ئامال بار خانە سانى يۇقىرىراق بولسا ياخشى.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى