كومپيوتېر

كومپيوتېرنىڭ مەخپىي شىفىرىنى بۇزۇش ۋە بۇزۇشتىن مۇداپىئەلىنىش

كومپيوتېرنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىش ئانچە- مۇنچە بولۇپ تۇرىدۇ، يەنە كومپيوتېرىمىزغا باشقىلار بىخەستەلىكتىن مەخپىي نومۇر سېلىپ قويىدىغان ئىشمۇ بار. ئەلۋەتتە، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ كومپيوتېرىغا ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى بولمىغان ئەھۋالدا شىفىرنى بۇزۇپ كىرىشتەك ئەخلاقسىز قىلمىشنى توغرا كۆرمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. بۈگۈن كومپيوتېرنىڭ مەخپىي نومۇرى زادى قانداق نەرسە، بۇ ھەقتە چۈشەنچە ھاسىل قىلغاچ، قانداق قىلغاندا مەخپىي نومۇردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى ياكى بۇزغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە مۇڭداشساق قانداق دەيسىلەر؟ ئەمىسە تېمىنى چەمبىرەككە ياكى بىرەر دوستىمىزغا يوللىۋەتكەندىن كېيىن، تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر سالايلى.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

ئۈستىدە كومپيوتېرنىڭ مەخپىي نومۇرى زادى قانداق نەرسە، بۇ ھەقتە چۈشەنچە ھاسىل قىلىمىز دېيىلدى. بۇ يەردە ئاپتور ئوقۇرمەنلەرنى مەخپىي نومۇرنى چۈشەنمەيدۇ دېمەكچى ئەمەس، لېكىن شۇنىسى راستكى، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى تولىمۇ ئاددىي.

 

كومپيوتېرنىڭ مەخپىي نومۇرى تۆۋەندىكى ئۈچ قاتلام مەخپىي نومۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى، BIOS مەخپىي شىفىرى.

                            بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

كۆپچىلىك بىلگەندەك، بۇ بولسا قاتتىق دېتال دەرىجىلىك مەخپىي شىفىر بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىق مەخپىي شىفىرغا تەۋە. بۇنى ئۇنتۇپ قالغاندا كومپيوتېرنى قاتتىق دېسكىدىنلا ئەمەس، بارماقدېسكا ۋە باشقا ھەر قانداق قوزغاتقۇچتىن يېتەكلەپ قوزغاتقىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى بىلەن بۇزۇش ياكى ئاتلاپ ئۆتۈش ئانچە مۇمكىن ئەمەس. باش ئاپپارات قېپىنى ئېچىپ، ئاساسىي تاختىدىكى CMOS نى دەسلەپلەشتۈرىدىغان سىمنى قىسقا تۇتاش قىلىش ياكى CMOS باتارېيەسىنى چىقىرىۋېلىپ نەچچە مىنۇتتىن كېيىن قايتا سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بۇ شىفىرنى يوق قىلىۋەتكىلى بولىدۇ (بەزى كومپيوتېرلار زاۋۇتتىن چىققاندىلا CMOS قا مەخپىي شىفىر ئورنىتىلغان بولىدۇ ۋە سېتىۋالغۇچىلارغا بىللە تەمىنلىنىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى بۇ خىلدىكى كومپيوتېرغا قوللانغاندا مەخپىي شىفىر سۈكۈتتىكى قىممەتكە قايتىدۇ).

 

ئىككىنچى، سىستېما مەخپىي شىفىرى (系统密码)، يەنى Windows سىستېمىسىنىڭ مەخپىي شىفىرى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

«باشلاش» 【开始】 تىزىملىكىدىن «ئىجرا قىلىش» 【运行】 نى ئېچىپ، Syskey بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق سىستېما مەخپىي نومۇرى- 系统密码 بەلگىلەشكە بولىدۇ. بۇ مەخپىي شىفىر ئىشلەتكۈچىلەر قاتلىمىدىن يۇقىرى بولۇپ، يېشىش ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش ئادەتتە مۇمكىن ئەمەس، ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ دېتاللىرىمۇ سىستېمىدىكى بۇ مەخپىي شىفىر ساقلىنىدىغان رايوننى زىيارەت قىلالمايدۇ. توردا بىر قىسىم يېشىش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، تىزىملاش جەدۋىلىنى دەسلەپلەشتۈرۈش، Repair نى قاپلاش دېگەندەك ئۇسۇللارنى قوللانغاچقا، شىفىر ئوڭۇشلۇق يېشىلدى دېگەندىمۇ، نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار نورمال ئىجرا بولمايدۇ. بۇ سىستېمىنى قايتا قاچىلىغاندىنمۇ ناچارراق ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

ئۈچىنچى، ئىشلەتكۈچى مەخپىي شىفىرى (用户登录密码).

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

 

ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان مەخپىي شىفىر مۇشۇ. كوم بىلەن ھەپىلىشىش تارىخى ئۇزۇن بولغان كىشىلەرگە بۇنى يېشىش ئويۇن ئوينىغاندىنمۇ ئاسان، مەشغۇلات باسقۇچى تۆۋەندىكىدەك:

 

 

 

كومپيوتېرغا WinPE قوزغىتىش بارماقدېسكىسى ياكى ئوپتىك دېسكىنى ئۇلاپ، توك مەنبە كونۇپكىسىنى بېسىپ، ئېكران يورۇشىغىلا F12 كونۇپكىسىنى (بەزى كومپيوتېرلاردا F8) بېسىپ تۇرساق قوزغاتقۇچنى تاللاش تىزىملىكى چىقىدۇ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بارماقدېسكىدىن قوزغاتماقچى بولساق USB نى، ئوپتىك دېسكىدىن قوزغاتماقچى بولساق CD/DVD نى تاللاپ جەزملەشتۈرسەك، WinPE نىڭ قوزغىلىش تىزىملىكى ئېچىلىدۇ.

 

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

يۇقىرىدىكى WinPE قوزغىتىش تىزىملىكى ھەر خىل سىستېمىلاردا ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، بەزىلىرىدە مۇشۇ تىزىملىكتە بىۋاسىتە Windows登录密码删除/清除 دېگەنگە ئوخشاش تۈر بولىدۇ، مۇشۇنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىپلا ئىشلەتكۈچى مەخپىي نومۇرىنى يېشىش پروگراممىسىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ، ياكى بولمىسا WinPE نى قوزغاتقاندىن كېيىن، ئۈستەل يۈزى ياكى باشلاش تىزىملىكىدىن بۇ پروگراممىنى تېپىپ ئىجرا قىلىمىز.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

پروگراممىدىكى كۆرسەتمە ئۇچۇر بويىچە مەشغۇلات قىلساقلا، مەخپىي نومۇرنى ئۆچۈرگىلى، ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

 

خوش، بۇ ئۈچ قاتلام مەخپىي شىفىردىن قايسىسى ئەڭ بىخەتەر؟

ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرىمىز يۇقىرىقىلاردىن بەلكىم: «ئەلۋەتتە CMOS شىفىرى ۋە سىستېما شىفىرىنىڭ بىخەتەرلىكى يۇقىرى ، شۇنداق بولغان ئىكەن، ئىشلەتكۈچى شىفىرىنى ئىشلىتىشنىڭ يەنە ھاجىتى بارمۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بولسىمۇ، بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. CMOS ۋە سىستېما شىفىرى بولسا يەرلىك بىخەتەرلىكنى ئويلاشقاندىكى ئەڭ ياخشى تاللاش. لېكىن، توردىن كېلىدىغان خاككېر ۋە ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا نىسبەتەن قىلچە ئۈنۈمى يوق. نېمە ئۈچۈن؟ تور ھۇجۇمى چوقۇم كومپيوتېر ئوچۇق ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ، كومپيوتېر ئوچۇق ۋاقىت دېگەنلىك سىز ئاللىقاچان ئۆز قولىڭىز بىلەن CMOS ۋە سىستېما شىفىرىنى ئېچىپ بەردىڭىز دېگەنلىك. بۇ ۋاقىتتا پەقەت ئىشلەتكۈچى مەخپىي شىفىرى (用户登录密码) لا كومپيوتېرىڭىزنى قوغدايدىغان قالقان رولىنى ئۆتەيدۇ. چۈنكى باشقىلار يىراقتىن كومپيوتېرىڭىزنى زىيارەت قىلماقچى بولسا چوقۇم ئىشلەتكۈچى مەخپىي شىفىرى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك، گەرچە 用户登录密码 نى ھەممىگە قادىر دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ.

يۇقىرىدا بىر قۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلدۇق. بۇ چۈشەنچىمىزدىن شۇ نەرسە ئايانكى، بىخەتەرلىك تەلىپى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە يۇقىرى قاتلاملىق مەخپىي شىفىرنى قوللىنىش ياكى بىرلا ۋاقىتتا كۆپ قاتلاملىق مەخپىي شىفىر قوللىنىش كېرەك.

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى