كومپيوتېر

كومپيوتېردا سىمسىز تورنىڭ مەخپىي نومۇرىنى كۆرۈش

كومپيوتېرئۇلانغان سىمسىز تور (WLAN) نىڭ مەخپىي نومۇرىنى كۆرۈش 

بەزىدە كومپيوتېرىمىز ئۇلانغان سىمسىز تور (WLAN ياكى WIFI) نىڭ مەخپىي نومۇرىنى تېپىپ چىقىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز.

مىسال ئالايلى، خوشنا ئىشخانىدىكى WIFI غا قول كومپيوتېرىمىز ئۇلانغان ئەھۋالدا، يەنە يانفوننى ياكى باشقا كومپيوتېرنى ئاشۇ WiFi غا ئۇلىماقچى بولساق، ئەمما ئۇ WiFi نىڭ مەخپىي نومۇرىنى بىلمىسەك قانداق قىلىمىز؟

بۈگۈنكى دەرستىن كېيىن، سىز كومپيوتېرىڭىز ئۇلانغان بارلىق WLAN نىڭ مەخپىي شىفىرىنى ئېنىقلىيالايسىز (ئەمما خوشنىڭىز يۈز خاتىرىڭىزنى قىلىپ ئۇلاپ بەرگەن WiFi نىڭ شىفىرىنى يېشىپ يۈرمەڭ).

 

1. كونترول تاختىسى (控制面板) نى ئېچىڭ (开始 نىڭ ئىچىدىكى Windows系统 تارماق تىزىملىكىدە بار)

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2.كونترول تاختىسى (控制面板) دىن «网络和Internet» نى بېسىپ، «网络和共享中心» نى ئېچىڭ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

3. بۇنىڭ ئىچىدىن «更改适配器设置» نى چېكىڭ (ياكى بىرىنچى باسقۇچتىلا ۋەزىپە ئىستونىدىكى سىمسىز تورنىڭ بەلگىسىنى ئوڭ چېكىپ، «打开网络和Internet» نى بېسىپلا كىرسىڭىزمۇ بولىدۇ).

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

4.كومپيوتېرىڭىزدىكى تور ماسلاشتۇرغۇچ ئۈسكۈنىلىرى كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردىن سىمسىز تور كارتىڭىزنى قوش چېكىڭ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

5. «WLAN状态» ناملىق دىئالوگ رامكا ئېچىلىدۇ، بۇ يەردىن «无线属性» نى بېسىڭ.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

6. «安全» نى چېكىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن «تور ئاچقۇچ نومۇرى» (网络安全密钥) نىڭ ئاستىدىكى «显示字符» غا بەلگە ئۇرسىڭىز، رامكىدا بىر گۇرۇپپا نومۇر كۆرۈنىدۇ. بۇ دەل كومپيوتېرىڭىز نۆۋەتتەئۇلانغان سىمسىز تورنىڭ مەخپىي نومۇرى.

 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى