ساغلاملىق

قىشتا بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلمىز؟

قىش كىرگەندە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، بالىلار ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قېلىن كېيىندۈرۈپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە بالىلار بەك قېلىن كېيىنگەندە، تەرلەپ كىيىمى ھۆل بولۇپ كېتىپ، ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ ئاغرىپ قالىدۇ.

لېكىن بەزىدە بالىنىڭ بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمى مۇزلاپ قالىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ توڭلاپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس.

قىشتا بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلمىز؟

ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلىشى كېرەك؟

1. دۈمبە مۇزلاش

ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسا، قولى بىلەن بالىنىڭ بوينىنىىڭ ئارقىنى تۇتۇپ باقسا بولىدۇ، ئەگەر بىر قەدەر سوغۇق بولسا بالا توڭلىغانلىقنى، ئەگەر ھۆل بولسا ئىسىپ تەرلەپ كەتكەنلىكنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

قىشتا بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلمىز؟

2. پۇت مۇزلاش

كىشىلەر «سوغۇق پۇتتىن باشلىنىدۇ» دېيىشىدۇ، ئەگەر بالىنىڭ پۇتى بەك مۇزلاپ كەتسە، پۈتۈن بەدىنمۇ توڭلاپ ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئىسسىق ساقلايدىغان پايپاق ۋە ئاياغ كىيگۈزۈش كېرەك.

قىشتا بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلمىز؟

ئەگەر بالىنىڭ بۇ بىر نەچچە قىسمى بىر قەدەر سوغۇق بولسا ئەنسىرىمەڭ.

1. قول

ئادەتتە ئانىلار بالىنىڭ قولىنى تۇتقاندا، ئازراق سوغۇق ھېس قىلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا پەقەت بالىنى مۇۋاپىق كىيندۈرسەكلا بولىدۇ.

قىشتا بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلمىز؟

2. ساغرا

بالىنىڭ ساغرىسى ئەسلىدىنلا تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئورۇنغا تەۋە بولىدۇ. شۇڭا بەزى بالىلار قىشتا ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيسىمۇ زۇكام بولۇپ ئاغرىپ قالمايدۇ. بالىنىڭ ساغرىسىنى تۇتۇش ئارقىلىق توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىش ئانچە توغرا ئەمەس.

3. پېشانە

قىش كۈنلىرى سىرتقا چىققاندا، ئانىلار بالىسىغا قېلىن باش كىيمى كىيگۈزۈپ، ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، توڭلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىراق بالىنىڭ پېشانىسىنڭ مۇزدەك بولۇشى توڭلىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

قىشتا بالىلارنىڭ توڭلىغان ياكى توڭلىمىغانلىقىنى قانداق بىلمىز؟

ھازىر ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قار يېغىۋاتىدۇ. ھەر بىر رايوننىڭ تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئانىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ۋە بالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بالىلارنى مۇۋاپىق كېيىندۈرۈشى كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى