كومپيوتېر

كومپيوتېرنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى

كۆپچىلىك كومپيوتېرنى قوزغىتىش بىلەنلا Windowsنىڭ مەشغۇلات ھالىتىگە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كومپيوتېرنىڭ قوزغىلىشى كۈتكىنىمىزدەك تېز بولمايدۇ، ھەتتا بەزىدە قوزغىلىش بىلەنلا قېتىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەزى ۋاقىتلاردا Windowsنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى ئۇنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە بولماستىن بەلكى بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەر ۋە ياكى يۇمشاق دېتالدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن بولىدۇ. كومپيوتېر سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ناھايىتى نۇرغۇن. تۆۋەندە كومپيوتېرنىڭ قوزغىلىشىنى ئاستىلىۋېتىدىغان بىر قانچە سەۋەبنى تونۇشتۇرىمىز: 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

  1. تور كارتىسى

تور كارتىسى (网卡) نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولمىسا سېستىمىنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، كومپيوتېرىڭىزدا تورغا چىقمىسىڭىز تور كارتىسىنى ئېلىۋېتىڭ. كومپيوتېرىڭىز دائىرىلىك تور (局域网)غا ئۇلانغاندىن بولسا، تور كارتىسى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭۈلدىكى ھالەتتە سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا DHCP مۇلازىمېتىرى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ناۋادا ئابۇنت لاھىيەسىنى «IP ئادرېسىغا ئاپتومات ئېرىشىش» (自动获取IP 地址) ھالىتىگە تەڭشەپ قويساق، سىستېما قوزغالغاندىلا توردىن DHCP مۇلازىمېتىرنى توختىماي ئىزدەيدۇ. سېستىما IP ئادرېسىغا ئېرىشكەن ياكى «ۋاقىت ئېشىپ كەتكەن» (超时) گىچە بولغان ئارىلىقتا، سىستېمىنىڭ قوزغىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، دائىرىلىك تور ئابۇنتلىرى كومپيوتېرىغا IP ئادرېسى بەلگىلەپ قويغىنى ياخشى.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

2. ھۆججەت ۋە پرىنتېردىن ئورتاق بەھرلىنىش

Windows XPنىڭ كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغان بەزى كومپيوتېرلارنىڭ قوزغىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، بەزىدە بىر مىنۇت 40 سېكۈنتتا ئاران قوزغىلىپ بولىدۇ. سىستېما تىزىملاتقاندىن كېيىن ئۈستەل يۈزىمۇ شۇئان كۆرۈنمەي، خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب Bootvis.exe پىروگراممىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى Mrxsmb.dll ھۆججىتى كومپيوتېرنىڭ قوزغىلىشىغا يەنە 67 سېكۈنت قوشقانلىقتىن بولغان. 

بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچچۈن ئورتاق بەھىرلىنىدىغان ھۆججەت ۋە پرىنتېرنى توختىتىۋېتىمىز: باشلاش (开始) ←بەلگىلەش (设置) ← تور ۋە نومۇر ئۇلاش (网络和拨号连接) نى ئېچىپ، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ «يەرلىك ئۇلاش»  (本地连接)نىڭ «خاسلىق» (属性)ىنى تاللايمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بۇ ئۇلىنىشتىن تۆۋەندىكى تاللانغان دېتاللارنى ئىشلىتىش» (此连接使用下列选定的组件) نىڭ ئاستىدىكى «Microsoft توردىكى ھۆججەت ۋە پرىنتېردىن ئورتاق بەھرلىنىش» (Microsoft 网络的文件和打印机) دېگەن تاللاش رامكىسى ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ، كومپيوتېرنى قايتا قوزغاتساق بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

3. USB لىق قاتتىق دېسكا ۋە سىكانېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر

ناۋادا كومپيوتېر قوزغىلىشتىن بۇرۇنلا USBلىق قاتتىق دېسكا، سىكانېر دېگەندەك ئۈسكىنىلەر ئۇلانغان بولسا ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈۋېتىپ كومپيوتېرنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىدە ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. ئادەتتە USBلىق ئۈسكىنىلەر كومپيوتېرنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئۈسكۈنىلەرنى ئامال بار كومپيوتېر قوزغىلىپ بولغاندا ئاندىن ئۇلاش لازىم. ناۋادا USBلىق ئۈسكىنە بولمىسا، BIOS بەلگىلەشتە USB ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىڭ. 

ئەسكەرتمە: Windows قوزغىلىۋاتقاندا قوزغاتقۇچلارنى (ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچمۇ بار) تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. ناۋادا ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئىچىدە ئوپتىك دېسكا قاچىلاقلىق بولسا، كومپيوتېرنىڭ قوزغىلىشى ئاستىلاپ كېتىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

4. تور قوزغاتقۇچ

Windowsنىڭ قايتىدىن قۇرىدىغان تور ئۇلىنىش سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىشلەتمەيدىغان تور قوزغاتقۇچنى (网络驱动器) ئۈزۈۋېتىش كېرەك. ئۇسۇلى: «كومپيوتېرىم» (我的电脑) غا كىرىپ مائۇسنى تور قوزغاتقۇچقا توغرىلاپ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ «ئۈزۈش» (断开) دېگەننى تاللىساقلا بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

5. قاتتىق دېسكىنى بەك كۆپ رايونغا ئايرىش

قاتتىق دېسكا بەك كۆپ رايونلارغا ئايرىلغاندا Windows قوزغالغۇچە ھەر بىر رايوننى قاچىلايدۇ، رايون قانچە كۆپ بولغانسېرى مەشغۇلاتنىڭ تاماملىنىش ۋاقتىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

6. ئۈستەل تۈزىدىكى سىنبەلگىلەر كۆپ بولۇش

ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر (桌面图标) بەك كۆپ بولسىمۇ سىستېمىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. Windows ھەر قېتىم قوزغىلىپ، ئۈستەل يۈزىنى كۆرسىتىدىغان چاغدا سىنبەلگىلەرنىڭ تېزلەتمە شەكلىنى (快键方式) بىرمۇ بىر ئىزدەپ قاچىلايدۇ. سىنبەلگىلەر قانچە كۆپ بولسا، سەرپ بولىدىغان ۋاقىتمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا دائىم ئىشلەتمەيدىغان سىنبەلگىلەرنى مەخسۇس ھۆججەت قىسقۇچقا سېلىش ياكى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

7. خەت نۇسخىسى كۆپ بولۇش

Windows سېستىمىسىغا 1000-1500 خىلغىچە خەت نۇسخىسى قاچىلاشقا بولىدۇ دېيىلگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە، خەت نۇسخىسى 500 دىن ئېشىپ كەتسىلە، مەسىلە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن : خەت نۇسخىلىرى قوللىنىشچان پىروگراممىنىڭ خەت نۇسخىسى تىزىملىكىدىن يوقاپ كېتىشى ياكى سىستېمىنىڭ قوزغىلىش سۈرىتى ئاستىلاپ كېتىش دېگەندەك، شۇڭا، ئىشلەتمەيدىغان ياكى دائىم ئىشلەتمەيدىغان خەت نۇسخىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش لازىم. نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆچۈرۈشتىن ئىلگىرى باشقا دىسكىغا زاپاس ساقلىۋېلىش كېرەك.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

8. مىكروسوفتنىڭ يامىقى

Windows XPنىڭ مەلۇم ياماقلىرى سېستىمىنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنى ئاستىلىۋېتىدۇ. مەسلەن: ۋاكالەت نومۇرى Q328310 بولغان ياماق Windows200 / XP نىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا تىزىملاش جەدىۋىلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. دېمەك سىستېما قوزغىلىشىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىنى مىكروسوفتنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭ. 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى