سوئال-جاۋاب

خاتىرە كومپيوتېرىمنىڭ سىغىمى يېتىشمەي، ئۆزەكلىك دېسكا سەپلىمەكچى بولدۇم، بىراق پەقەت بىرلا ئۆزەكلىك دېسكا ئوقۇرى بار ئىكەن، شۇڭا كونىسىنى ئېلىۋېتىپ يېڭىسىنى ئورناتماقچىتىم، ئەسلى دېسكىدىكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى يېڭىسىغا يۆتكەپ، سىستېمىنى قايتا قاچىلىماستىنلا نورمال قوزغاتقىلى بولامدۇ؟

بولىدۇ. ئەمما، سىز كۆچۈرۈپ چاپلاش ئۇسۇلىدا ئەسلى دېسكىدىكى بارلىق ھۆججەتنى يېڭى دېسكىغا تولۇق كۆچۈرەلمەيسىز. چۈنكى، سىستېما قاچىلاغلىق دېسكىدا نۇرغۇنلىغان يوشۇرۇن سىستېما ھۆججىتى ۋە يېتەكلەش ئۇچۇرلىرى بولىدۇ. بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆچۈرۈپ چاپلاش ئۇسۇلىدا كۆچۈرگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز Ghsot نىڭ قاتتىق دېسكا كىلون قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىشىڭىز كېرەك.

كومپيوتېرنى بارماقدېسكىدىن يېتەكلەپ WinPE غا كىرىپ، ئاندىن Ghost نى ئىجرا قىلىڭ، ئاندىن Local تىزىملىكى ئىچىدىن «دېسكىدىن دېسكىغا» دېگەن تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز، ھەمدە كۆرسەتمە ئۇچۇرنىڭ تەلىپى بويىچە ئەسلى قاتتىق دېسكا، نىشان قاتتىق دېسكىنى تاللاپ داۋاملاشتۇرسىڭىز ئەسلى قاتتىق دېسكىنى ئۆز پېتى يېڭى قاتتىق دېسكىغا كۆچۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. ئەسلىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى، قوزغاتقۇچ ھەمدە ئىش پروگراممىلىرى بۇرۇنقىدەكلا نورمال ئىجرا بولىدۇ.

قاتتىق دېسكىنى تاللىغاندا دىققەت قىلىڭ، خاتا تاللاپ قويسىڭىز سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى