سوئال-جاۋاب

Ghost سىستېمىسى قانداق ياسىلىدۇ؟

ئالدى بىلەن كومپيوتېرغا مەشغۇلات سىستېمىسى، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قوزغىتىش پروگراممىلىرىنىڭ قاچىلاش بولىقى ھەمدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ تەييار قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئالاھىدە ئۇسۇلدا قاچىلاش بولىقىغا (安装程序) ئايلاندۇرۇپ، Ghost ئارقىلىق پىرىسلاپ تەييارلىنىدۇ. سىغىم چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن (سىغىمى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتسە ئوپتىك دېسكىغا ئويۇشقا ياكى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش دېگەندەك تەرەپلەرگە قولايسىز)، ئامال بار سىستېمىنى ئىخچاملاپ (كۆپ ئىشلىتىلمەيدىغان مۇلازىمەتلەرنى ئۆچۈرۈپ)، قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭمۇ ئىخچام نۇسخىسىنى قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ.

Ghost سىستېما ۋە ئەسلى نەشىر سىستېمىنىڭ پەرقى توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بۇ تېمىدا.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى