ئاڭلىشىمچە، Mac OS ۋە Linux لاردا ۋىرۇس يۇقمايدىكەن، راستىنلا شۇنداقمۇ؟ بىخەتەرلىكى راستىنلا شۇنداق يۇقىرى بولسا نېمە ئۈچۈن Windows سىستېمىسىدەك ئومۇملىشىپ كەتمەيدۇ؟ Windows سىستېمىسىنىڭ ياخشىراق ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز.
Mac OS ۋە Linux لاردا ۋىرۇس يۇقمايدۇ دېيىش توغرا ئەمەس. سىستېما يادروسىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى نەزەرگە ئالغاندا، Windows سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرىقى ئىككىسىدىن ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ. ئەمما، Windows سىستېمىسىدا ۋىرۇس ھەقىقەتەن كۆپ. بۇنىڭ سەۋەبى دەل Windows نىڭ ئىشلەتكۈچىسىنىڭ كۆپ بولۇشىدا. مۇنداق مىسال ئالايلى: ئەگەر سىز يامان نىيەتلىك پروگراممېر بولسىڭىز، ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىشلىتىدىغان، ئومۇملىشىش كۆلىمى يۇقىرى بولمىغان سىستېما ئۈچۈن ۋىرۇس ياسامسىز؟
دەل شۇ سەۋەبتىن Windows سىستېمىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغان خاككېرلار ناھايىتى كۆپ، ئەكسىچە Mac OS ۋە Linux ئۈچۈن ۋىرۇس پروگراممىسى يازىدىغان كىشىلەر ئىنتايىن ئاز ساندا.
ئەگەر Windows لا ئىشلىتىدىغان بولسىڭىز، مەن Windows Defender دىن باشقىسىنى تەۋسىيە قىلمايمەن. مىكروسوفتنىڭ ئۆزىنىڭ ۋىرۇسخورى، خۇددى «كۆۋرۈكنى ياسىغان ئېنژېنېر كۆۋرۈكنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ». بۇ ھەقتە بۇرۇنقى تېمىلىرىمىزدىمۇ كۆپ توختالغان. Win8 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىدە سىستېما يادروسىدا بىللە تەمىنلەنگەن. Win7 دە بولسا چۈشۈرۈپ ئايرىم قاچىلايسىز (Win7 دا بۇ MSE دەپ ئاتىلىدۇ). چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇراي دەپ سىنىسام، ئىگە تەرەپ تورى ئېچىلماي قويدى (دىيارىمىزدا ئېچىلىشى ئاستا، بەزى ئېچىلمايدۇ)، بەيدۇدىن ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. 64 بىت ۋە 32 بىتلىق نۇسخىسى ئايرىم چىقىدىغان بولۇپ، سىستېمىڭىزغا ماس كېلىدىغان نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى