كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ ساقلىغۇچىسى قىلىپ ئىشلەتكەن قاتتىق دېسكىنى كومپيوتېرغا سېلىپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ بۇ قاتتىق دېسكىنى كومپيوتېردا ئىشلەتكەندە ساقلانغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىرى بولامدۇ؟
كومپيوتېرغا سېلىپ ئىشلەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ. چۈنكى كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ قاتتىق دېسكىلىق سىن ساقلاش ئاپپاراتى ماھىيەتتە Unix سىستېمىلىق بىر دانە كومپيوتېرغا تەڭداش كېلىدۇ، قاتتىق دېسكىنىڭ بۇ ئاپپارات ئىچىدىكى خىزمىتى PC كومپيوتېرنىڭكىگە ئوخشاش. ئەمما، تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. مەخسۇس كۆزىتىش ئاپپاراتىغا قارىتا تەمىنلەنگەن يۇقىرى سىغىملىق قاتتىق دېسكىلارنىڭ توقۇنۇشنى پەسەيتىش ساقلىغۇچى (二级缓存) كىچىكرەك بولىدۇ، شۇڭلاشقا كومپيوتېرغا سېلىپ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاپ ئىشلىتىلسە بەلكىم سۈرئەت ئاستىراق چىقىشى مۇمكىن (سەل ئېغىر بېسىقراق بولسا نورمال ئەھۋال دەپ چۈشىنىڭ دېمەكچى)؛
2. كۆزىتىش ئاپپاراتى 7*24 خىزمەت ھالىتىدە بولىدۇ (بىر ھەپتىدە يەتتە كۈن، ھەر كۈنى 24 سائەت)، شۇنداقلا خىزمەت سىجىللىقى يۇقىرى. دېمەك فىزىكىلىق ئۇپرىشى PC كومپيوتېردىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تېز بولىدۇ. ئىشلەتكەندە ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلارنى ساقلاشقا توغرا كەلسە بۇ نۇقتىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى