سوئال-جاۋاب

ئۆزەكلىك دېسكا (固态硬盘) دىكى يۈتۈپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ دەيدۇ، راستىنلا شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن مېخانىكىلىق قاتتىق دېسكا (机械硬盘) دىنمۇ بەكرەك ئالقىشلىنىدۇ؟

ھەر قانداق ساقلىغۇچتا ساقلىنىپ ئۆچۈرۈلگەن ئۇچۇرنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دەپ كەسكىن ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەقەت بىر ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى ئىش. ئەمدىكى گەپ- ساقلاش مۇھىتى (ساقلىغۇچ تۈرى، تىپى، سۈپىتى) ۋە سانلىق مەلۇمات يوقالغاندىن كېيىنكى ساقلىغۇچقا قارىتىلغان ئوقۇش- يېزىش مەشغۇلاتى بۇ ئېھتىماللىقنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، سانلىق مەلۇمات يوقالغاندىن كېيىن، ئەگەر سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولمىسا، دېسكىغا قارىتىلغان ھەر قانداق ئوقۇش- يېزىش مەشغۇلاتىنى توختىتىش كېرەك، بۇ بەك مۇھىم.

ئۆزەكلىك دېسكا بىلەن مېخانىكىلىق دېسكىنىڭ ئۇچۇر ساقلاش پىرىنسىپى ۋە خىزمەت تەرتىپى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، ھۆججەتلەر ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. مېخانىكىلىق قاتتىق دېسكىدىن ئۇچۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر قەدەر ئاسان ھەم مۇمكىنچىلىكىمۇ چوڭ. ئۆزەكلىك دېسكىنىڭ بولسا بۇنىڭ تەخمىنەن 50 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ (بۇ نىسبەت خۇسۇسىي تەجرىبەمگە ئاساسەن چىقارغان يەكۈن). 

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى