Word, Excel دا خەت كىرگۈزگەندە خەت كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈۋاتىدۇ، قانداق قىلساق خەتنى نورمال كۆرۈنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرەلەيمىز؟
بۇ سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرىش ئۈچۈن سىزدىن نۇرغۇن قايتارما سوئاللارنى سوراشقا مەجبۇرمىز. سىز قايسى كىرگۈزگۈچنى، قايسى خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتكەن؟ Word، Excel دىن باشقا يۇمشاق دېتاللارغا نورمال خەت كىرگۈزگىلى بولامدۇ؟
ئەگەر كىرگۈزگۈچتە ھەم كونۇپكا تاختىڭىزدا مەسىلە يوقلۇقىنى جەزم قىلغان ئەھۋالدا، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن:
1. خەت رەڭگى بىلەن خەتنىڭ تەگلىك رەڭگى ئوخشاش بولۇپ قالغان. خەتنىڭ رەڭگىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈڭ؛
2. سىز ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى (字体) ھۆججىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەن. خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈڭ؛
3. سىز قاچىلىغان Office دېتالىدا مەسىلە كۆرۈلگەن. باشقا پروگرامما (مەسىلەن 记事本) نى قوزغىتىپ يېزىق كىرگۈزۈپ سىناپ كۆرۈڭ. مەسىلە يەنىلا ئوخشاش بولسا سىستېمىنى قايتا قاچىلاڭ.
بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى