سوئال-جاۋاب

خاتىرە كومپيوتېرنى ئۆچۈرمەي، بەلكى ئۇخلاش (睡眠) ھالىتىدە ئۇزۇن قويۇپ قويساق كومپيوتېرنىڭ قاتتىق دېتاللىرىغا، بولۇپمۇ قاتتىق دېسكىغا پاسسىپ تەسىرى بارمۇ؟

كومپيوتېرنىڭ ئۇخلاش ھالىتى بۇرۇن WindowsXP دا 待机 دەپ ئاتىلاتتى، Win7 دىن باشلاپ زور دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلدى ۋە 睡眠 دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ يەنە ئىككى خىل شەكلى بار بولۇپ، «ئۇيقۇ» (睡眠) ھالىتى ۋە «ئۈچەك» (休眠) ھالىتى. بىز كومپيوتېرنى ۋاقتىنچە ئىشلەتمىگەندە ئۇيقۇ ھالىتىدە (睡眠) تەڭشەپ قويساق، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق دېسكىغا زاپاسلىغاندىن كېيىن، قاتتىق دېسكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قىسىم زاپچاسلار خىزمەتتىن پۈتۈنلەي توختايدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەقەت ئىچكى ساقلىغۇچلا خىزمەت ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئەگەر مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە كومپيوتېرغا مەشغۇلات قىلساق (مائۇسنى چەكسەك ياكى خالىغان كونۇپكىنى باسساق) كومپيوتېرنىڭ خىزمەت ھالىتىگە كىرىشى ئۈچۈن ئاساسەن ۋاقىت كەتمەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

ئەگەر ئۇيقۇ ھالىتى ئۇزۇن داۋاملاشسا، كومپيوتېر ئاپتوماتىك ھالدا «ئۈچەككە كىرىدۇ»، يەنى ئىچكى ساقلىغۇچمۇ توكتىن ئۈزۈلۈپ خىزمەتتىن توختايدۇ. بۇ ۋاقىتتا كومپيوتېرنى مائۇسنى چېكىش ياكى خالىغان كونۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق ئويغاتقىلى بولمايدۇ. ئەمما، توك مەنبەسىنى باسساق كومپيوتېر قوزغىلىپلا، قاتتىق دېسكىغا زاپاسلىۋالغان ئۇچۇرنى تېز سۈرئەتتە ئىچكى ساقلىغۇچقا قاچىلايدۇ دە، سوغۇق قوزغاتقانغا قارىغاندا كۆپ تېز خىزمەت ھالىتىگە كىرىپ بولىدۇ. 

خۇلاسىلىگەندە، ئۇيقۇ ھالىتىدە توختىماي خىزمەت قىلىدىغان بۆلەكلەر: توك مەنبە (电源) ئىنتايىن تۆۋەن كۈچىنىشتە خىزمەت قىلغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىچكى ساقلىغۇچتىن باشقا بارلىق زاپچاس تولۇق خىزمەتتىن توختايدۇ، دېمەكچى، بۇ ھالەتتە ئۇپراش بولمايدۇ. ئۇيقۇ ھالىتىدە ئۇزۇن ۋاقىت قويغاندا ئۆزلۈكىدىن ئۈچەك ھالىتىگە كىرىدىغان بولۇپ, ئۈچەك ھالىتىدە بولسا كومپيوتېر پۈتۈنلەي ئېتىلگەن بىلەن ئوخشاش، پەقەت ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق دېسكىغا زاپاسلىۋالغاچقا، كېيىنكى قېتىملىق قوزغىلىشى تېز بولىدۇ.

بىلبىلىك بىلوگى-Www.BilBilik.Com

بوستان كومپيوتېر تېخنىكا بىلىملىرى سالونىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى