تەبىئەت

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

ھاشاراتلار ھايۋاناتلار دۇنياسىنىڭ %80 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا تايىنىپ چاڭلىشىدۇ.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

بۇ ھەقتە بىر بىئولوگىيە ئالىمى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىنسانلار تۇيۇقسىز غايىپ بولسا، يەرشارى ئون مىڭ يىل بۇرۇنقى تۈرلەر مول بولغان تەڭپۇڭ ھالىتىگە قايتالايدۇ». ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە، غايىپ بولغىنى ھاشارات بولسا ئېنىقكى، ئېكولوگىيە تەلتۆكۈس گۇمران بولىدۇ.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

تەخمىنەن 80-يىللىرى كىشىلەر سان فرانسىسكودا كالفورنىيە تاتلىق كۈلرەڭ كېپىنىكىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇچراتقان. بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ خىل كېپىنەك نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ھاشاراتلارنىڭ كەڭ دائىرىدە يوقىلىشىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلىشماقتا.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

ئېيىق باشلىق ھەرە چاڭلاشتۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىراق، نۇرغۇن ئېيىق باشلىق ھەرە زىيادە ئىسسىق ھاۋا ۋە باشقا ئامىللارنىڭ تەھدىتىگە يولۇقماقتا.

ئسىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1989-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، گېرمانىيە قوغداش رايونىدىكى ھاشارات قاتارلىق ئۇچار جانلىقلارنىڭ مىقدارى شىددەتلىك ئازلاپ، ئازلاش نىسبىتى %76گە يەتكەن.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

گېرمانىيە كرايفېلد ھاشارات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 1994-يىلى 8-ئايدا (سولدىكى رەسىم) ۋە 2016-يىلى ئايدا (ئوڭدىكى رەسىم) ئوخشاش بىر جايدىن ئىككى ھەپتە ۋاقىتتا، ئوخشاش يەمچۈك ۋە ئوخشاش قۇرۇلمىنى ئىشلىتىپ تۇتقان ھاشاراتنىڭ سېلىشتۇرمىسى.

يەرشارىنىڭ ئولتۇراقلاشقۇچىلىرى

ھاشاراتلار يەرشارىدىكى ئەڭ بالدۇر «بوز يەر ئاچقۇچى»لار دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار يەرشارىدىكى تۈرى ئەڭ كۆپ جانلىق. ئۇلار 400 مىليون يىل بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇپ، تۇنجى ئەۋلاد دىنوزاۋردىنمۇ 200 مىليون يىل بالدۇر پەيدا بولغان. بىراق، ئۇلارنى دىنازاۋۇرغا سېلىشتۇرغاندا، نەسلىنىڭ قۇرۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

پارقىراق قوڭغۇز

نەچچە يىل بۇرۇن تەتقىقاتچىلار ئەڭ چوڭ قوڭغۇزلارنىڭ كەنجى ئەترىتى بولغان پولىفاگ كەنجى ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ تاشقاتمىسىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، بارلىق تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىدا پولىفاگ كەنجى ئەترىتى ئىچىدىكى ھېچقايسى ھاشارات ئائىلىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمىگەنلىكى مەلۇم بولغان. ھەتتا، 66 مىليون يىل بۇرۇنقى بور دەۋرىنىڭ ئاخىرىدىكى جانلىقلارنىڭ زور ھەجىمدىكى نەسلى قۇرۇش مەزگىلىدىمۇ پولىفاگ كەنجى ئەترىتىدىكى ھاشاراتلار ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

تەبىئەت دۇنياسىدا ھازىرغىچە ئىسىم قويۇلغان ھاشاراتلار بىر مىليون خىل ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي ھاشارات تۈرىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن. قالغان مۆلچەرلەنگەن تۆت ئۈلۈش ھاشاراتلار بولسا تېخىچە بايقىلىپ بولالمىغان.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

رەسىمدىكى پارازىت ھەرە ئائىلىسىدىكى تۈرلەرنىڭ سانى يۈز مىڭ خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، بارلىق بېلىق ، ئۆمىلىگۈچى ھايۋان، سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، قوش ماكانلىق ھايۋان ۋە قۇشلار قاتارلىقلارنىڭ تۈرىنىڭ يىغىنىدىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

ئورنىغا ھېچكىم ۋەكىللىك قىلالمايدىغان ئېكولوگىيەلىك شەخس

ھاشاراتلارنىڭ زور كۆلەملىك ئازىيىشى، ئېكولوگىيەنىڭ گۇمران بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېكولوگىيە سېستىمىسىدا ئويناۋاتقان رولىنى ھېچكىم ئورۇندىيالمايدۇ.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

سولدىن ئوڭغا ھاشاراتلارنىڭ ئېكولوگىيەدىكى بەش چوڭ رولى: تەمىنلىگۈچى، پارچىلىغۇچى، زىيانداشنى يوقاتقۇچى، چاڭلاشتۇرغۇچى، تۇپراق ئىنژېنېرى

نۇرغۇنلىغان ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى پوستىنىڭ سىرتىدا بىر قات ماي ماددىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قاتلام بار بولۇپ، ماي ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار بار ئىكەن. چۈمۈلىلەر بۇنداق ئۇرۇقنى تاپقاندىن كېيىن، ماي ماددىسىنى يەپ بولۇپ تاشلىۋېتىدىكەن. ئۇرۇقنىڭ قالغان قىسمى بولسا نورمال بىخلىنالايدىكەن.

ئارىلاش ئوزۇقلىنىدىغان قۇشلار كىچىك چېغىدا ئاساسەن دېيەرلىك ھاشاراتتىن ئوزۇقلىنىدىكەن. مەسىلەن: كارولىنا تاغ قۇشقىچىنىڭ چۈجىسى تۈكلۈك قۇرۇت يەيدىغان بولۇپ، بىر چاڭگىدىكى چۈجىلەر چوڭ بولغىچە 5000 تال تۈكلۈك قۇرۇتنى يەپ بولىدىكەن. بىراق، 1970-يىلىدىن بۇيان ئوزۇقلۇق مەنبەسى كېمەيگەنلىكى سەۋەبلىك ئۈچتىن بىر قىسىم كارولىنا تاغ قۇشقىچى ئازلاپ كەتكەن.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

كوستارىكادىكى لاسېلۋا تەتقىقات پونكىتىدىكى يوپۇرماق سېلىنغان خالتىدا بېقىلىۋاتقان تۈكلۈك قۇرۇت ۋە باشقا ھاشاراتلاردىن تۈزۈلگەن «ھايۋاناتلار باغچىسى»

ھاشاراتلارنىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىدىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭ. نۇرغۇنلىغان سۈت ئەمگۈچى ۋە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە قۇشلار ھاشاراتتىن ئوزۇقلىنىدۇ.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

قارا سەندەل كىچىك يىڭناغۇچى

پارچىلىغۇچى ھاشاراتلارنىڭ مۇھىملىقى كەمكۈتسىزدۇر. چىقىرىندىلارنى پارچىلاپ تۇپراققا قايتۇرۇش، ياغاچلارنى پارچىلاش قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىدا كەم بولسا بولمايدۇ.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

ھاشارات ئەۋرىشكىسى يىغىۋاتقان تەتقىقاتچى

ھەرخىل جەسەتلەرنىڭ دۆۋىلىنىپ كەتمەسلىكىدە، قاغا ۋە تازقارا قاتارلىقلارغا رەھمەت ئېيتىشتىن باشقا يەنە چىۋىن قاتارلىقلارغىمۇ رەھمەت ئېيتماي بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ جەھەتتە چىۋىننىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور.

«كىچىك باتۇر»لارنىڭ ئازىيىشى

مەيلى 5600 مېتىرلىق ھىمالايا تاغلىرى ياكى 900 مېتىرلىق نۇر چۈشمەيدىغان ئۆڭكۈر بولسۇن، ھاشاراتلارنىڭ ئىزى چۈشمىگەن جاي يوق. ھەتتا، سېرىق تاش بۇلاق(ئامېرىكىدىكى سېرىق تاش باغچىسى)نىڭ ئاغزىدىكى پورۇقشىپ قايناۋاتقان بۇلاق سۈيىدىمۇ بىر خىل سۇ چىۋىنى بەخىرامان ياشايدۇ.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

قاناتسىز جەنۇبىي قۇتۇپ كۇمۇتىسى سوغۇق مۇھىتتا ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈن، تۇخۇملىغاندا تۇخۇمىنىڭ سىرتىغا بىر خىل توڭلاشتىن ساقلىغۇچى يېلىم سۈركەپ قويىدۇ.

ئافرىقىدىكى قۇرغاق رايوندا بىر خىل قاناتلىق ھاشارات ياشايدىغان بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە قۇرغاق ۋاقىتتا لىچىنكىسى قورۇلۇپ كىچىكلەپ ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىۋالىدۇ. شۇ تەرىقىدە 15 يىلدىن ئۇزاق ۋاقىت مۆكۈنۈپمۇ يەنە، ھاياتلىقىنى قايتىدىن چەكلىمىسىز باشلىيالايدۇ.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

ئاندىس تاغىل قوڭغۇزى

ھاشاراتلار مۇھىتتىكى بوشلۇقنى تولۇق ئىشلەتكەن. بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن خىلدىكى ھاشاتلارغا دالدا بولىدۇ. يىلتىز، قوۋزاق، يوپۇرماق ھەممىسى ئوخشىمىغان ھاشاراتنىڭ بايلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

يوپۇرماقتىكى ئۆلگەن تۈكلۈك قۇرۇتنىڭ ئۈستىگە چاپلىشىۋالغان ھەرە قورچىقى.

400 مىليون يىلدىن ئۇزاق، ھەتتا، پەۋقۇلئادە مۇھىتتىمۇ چەكلىمىسىز ياشىغان بۇ جانىۋارلار بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ قولىدا شىددەت بىلەن ئازىيىۋاتىدۇ. 70-يىللاردىن باشلاپ، قاسراقلىق قۇرتلارنىڭ سانى %80 ئازىيىپ كەتكەن، كۆپ خىللىقى %40 ئازايغان.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

كوستارىكىدىكى بۇ خىل قوڭغۇزمۇ ئورمانلارنىڭ كېسېلىپ ئازىيىشى ۋە قانۇنسىز ھاشارات ئوۋلىغۇچىلار سەۋەبلىك تەھدىتكە ئۇچرىماقتا.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە، كېپىنەكلەرنىڭ سانى %85 ئازلاپ كەتكەن. 2008-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، گېرمانىيەدىكى ئورمان ۋە ئوتلاقلاردىكى ھاشارەتلەر %30تىن كۆپ ئازايغان.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

قىزىل چېكىتلىك ئېيىق باش ھەرىنىڭ دۈمبىسىدە قىزىل رەڭلىك ئالاھىد بىر پارچە داغ بولۇپ، ھازىر بۇ ھەرىنىڭ سانى زىيادە ئازلاپ كەتكەن. 2017-يىلى 1-ئايدا نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

چاڭلاشتۇرغۇچى ھاشاراتلارنى قوغداش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپلىگەن يېڭى نىكوتىن تۈرىدىكى ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورىلارنى چەكلىگەن.

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

ھاشاراتلار بۇنداق ئازلاۋەرسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر؟

ئەگەر، يالغۇزلا كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبچى بولسا، پۈتۈن دۇنيادا كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتقاندىلا ۋەزىيەتتە ئاندىن بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر، ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسى ۋە ياشاش مۇھىتىنىڭ كېمىيىشى سەۋەبچى بولسا، ئۇنداقتا، رايون خاراكتېرلىك ياكى كىچىك دائىرە ئىچىدىكى تەدبىرمۇ خېلى چوڭ ئۈنۈم كۆرسىتەلەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

بىلبىلىك

مەن بىر ۋوردپرەس ھەۋەسكارى ! ۋوردپرەسكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى مانا ، بىلبىلىك بىلوگىنىمۇ مۇستەقىل قۇرۇپ چىقتىم . بۇ مېنىڭ توردىكى كەپەم ، ئارامگاھىم ، باغچام ، شۇنداقلا مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى خاتىرە دەپتىرىم مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋوردپرەسنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقىم ھەمدە تۇرمۇش تەسىراتلىرىم بىلەن تور دۇنياسىدىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار دېگەن يازمىلارنى يىغىپ ساقلايمەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بۇ ئاددىي باغچامغا كېلىپ ئويناپ كېتىشىڭىزنى شۇنداقلا ۋودپرەس ھەۋەسكارلىرىنىڭ ۋوردپرەس ھەققىدە يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخنىكا ئالماشتۇرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى